باش بەت>قەشقەر

مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8-گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى جياشياڭ قەشقەر ۋە بىڭتۈەن 3-شىسىدا نازارەتچىلىك قىلىش بويىچە تەكشۈرۈشتە بولدى

يوللانغان ۋاقىت:2017-09-06 20:46:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:قەيسەر داۋۇت


يېتەكچى مۇخبىرىمىز ۋاڭ ۋېنبو خەۋىرى، فوتوسى: 9-ئاينىڭ 2-كۈنى مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8-گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى جياشياڭ ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ چۈنلىڭ ۋە بىڭتۈەن پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن قوماندانى جاڭ يۇڭنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ قەشقەر شەھىرى، بىڭتۈەن 3-شى 41-تۈەن-مەيدانىغا بېرىپ نازارەتچىلىك قىلىش بويىچە تەكشۈرۈشتە بولدى. ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، بىڭتۈەن 3-شى پارتكومىنىڭ 1-شۇجىسى، 1-سىياسىي كومىسسارى لى نىڭپىڭ، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى پەرھات روزى تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى.

قەشقەر شەھىرى شەرقىي يېڭى شەھەر رايونىدا، لى جياشياڭ يېڭى شەھەر رايونىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىگەندىن كېيىن ماۋۇلارنى كۆرسەتتى: «مۇھىت ئاسراش نۆۋەتتىكى ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى» دېگەندىن ئىبارەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قارىشىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يېشىل تەرەققىياتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك. قەشقەر شەھىرىنىڭ ھاۋا سۈپىتىدە ئۆتكەلدىن ئۆتۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، پۈتۈن رايوننىڭ سۇ سۈپىتىنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى ئومۇمىي گەۋدە بويىچە يېڭى سەۋىيەگە يەتكۈزۈپ، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشىغا يېڭى يېشىللىق ئاتا قىلىش كېرەك. شەھەر-يېزا قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ھازىرقى يېشىللىق، سۇ دائىرىسى قاتارلىق ئېكولوگىيەلىك بايلىقنى، يېزا-قىشلاقلارنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاپ قېلىپ، شەھەرنى ھەقىقىي تۈردە كەڭ تەبىئەتكە سىڭدۈرۈش كېرەك.

يېشىل تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «شەھەرنى ئورمانلىققا قۇرۇش، شەھەردە ئورمانلىق بولۇش»تەك گۈزەل بىڭتۈەن بەرپا قىلىش ئۈچۈن، بۇلتۇر 10-ئايدا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ۋە شى-شەھەردە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىڭتۈەن 3-شى ساۋخۇ بازىرىدا «يېشىل، گۈزەل جەنۇبىي شىنجاڭ ئورمانچىلىق كەسىپ رايونى» تۈرىنى يولغا قويدى ھەمدە «دوڭگۈەن لىڭنەن» باغ-ئورمانچىلىق پاي چەكلىك شىركىتىنى جەلپ قىلىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلىپ، ئۈلگىلىك سەرخىل باغ-ئورمانچىلىق كەسىپ رايونىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، بازارلاشتۇرۇشنىڭ كۈچى ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېشىل ئېكولوگىيەلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. قىسقىغىنا سەككىز ئاي ئىچىدە، ئىگىلىگەن كۆلىمى 2000 مو كېلىدىغان ئورمانچىلىق رايونى ساۋخۇ بازىرى ئەتراپىدا بارلىققا كېلىپ، ئەسلىدىكى قاقاسلىق يېشىللىققا ئايلىنىپ، 100 نەچچە خىلدىكى 10 مىليون تۈپ كۆچەت تىكىلدى. لى جياشياڭ يېشىللىققا پۈركەنگەن جەنۇبىي شىنجاڭ ئورمانچىلىق كەسىپ رايونى 3-شى (دوڭگۈەن) كەسىپ تەرەققىيات-تەتقىقات ئورنىغا بېرىپ، بىر تەرەپتىن كۆرگەچ، بىر تەرەپتىن سۈرۈشتۈرۈپ، كارخانىنىڭ بازارلاشتۇرۇش كۈچى ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېشىل ئېكولوگىيەلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ ماۋۇلارنى كۆرسەتتى: بىڭتۈەننىڭ جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىدىكى تېرەك بولۇش سۈپىتى بىلەن، ساۋخۇ بازىرى زامانىۋى سانائەتلەشتۈرۈش، بازارلاشتۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىڭتۈەن يېشىل تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى تىرىشىپ تېپىپ چىقىشى كېرەك. «بىڭتۈەن تىرىشىش، شىنجاڭغا ياردەم بەرگۈچى ئورۇنلار ياردەم بېرىش، كارخانىلار ئۆزى كۈچەش» ئارقىلىق، بازارلىشىش، كەسىپلىشىش يولىدا مېڭىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى شى، تۈەن-مەيدانلار كەسىپ تەرەققىياتى ۋە نوپۇس كۆجۈملىشىشىنى تېخىمۇ پايدىلىق شارائىتقا ئىگە قىلىشى كېرەك.

قەشقەردىكى مەزگىلدە، لى جياشياڭ يەنە «دۇڭچۈنشىڭ» 2 مىليون ئورچۇقلۇق پاختا توقۇمىچىلىق تۈرى، زەرەپشان قۇياش نۇرى يېزا ئىگىلىك پاي چەكلىك شىركىتىگە بېرىپ ئەھۋال ئىگىلىدى. لى جياشياڭ نازارەتچىلىك بويىچە تەكشۈرۈشتە بولغاندا ماۋۇلارنى تەكىتلىدى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسرىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى ئاسرىغانلىق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقتۇر. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ساھەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى يۆنىلىش قىلىپ، تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن ئاسراشنى بىرلەشتۈرۈش قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، يېشىل تەرەققىيات، ئايلانما تەرەققىيات، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىشنى پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، سىجىل داۋاملاشتۇرۇپ، تىرىشىپ گۈزەل جۇڭگو قۇرۇپ چىقىپ، كېيىنكى ئەۋلادلارغا سۈيى ئەلۋەك، ئاسمىنى كۆك تەبىئەت قالدۇرۇشىمىز كېرەك.

چېن شۈگۇاڭ، فەن باۋجۈن قاتارلىق ۋىلايەت رەھبەرلىرى تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى.