باش بەت>قەشقەر

ۋىلايىتىمىزدىكى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەدەنىيىتى، ئۆزگىچە ئۆرپ - ئادىتى بىلەن ئۇچراشتى

يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 11:31:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان

مۇخبىرىمىز پەن يەنيۈن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لى بىن خەۋىرى، فوتوسى: 9-ئاينىڭ 10-كۈنى ۋىلايىتىمىزدىكى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار شاڭخەي چۇڭمىڭ ئارىلىدىكى ئېتىز-دالىلارغا بېرىپ، بۇ جايدا كەڭ تەبىئەت بىلەن ئۇچرىشىپ، بۇ جايدىكى ئەتىۋارلىق قۇشلارنى كۆرۈپ، نەم يەر باغچىسىنىڭ چەكسىز گۈزەللىكىنى ھېس قىلدى؛ دېھقانلارنىڭ ئۆيىگە كىردى، كۆرگەزمىخانىلارنى ئىكىسكۇرسىيە قىلىپ، پەن-تېخنىكىنىڭ سىھرىي كۈچىنى ھېس قىلىپ، چاڭجياڭ دەرياسى بويىدا ئۆزگىچە گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلاندى.

ئۆگىنىش، ئېكىسكۇرسىيە ئۆمىكىدىكىلەر چاڭجياڭ-خۇاڭپۇ چوڭ كۆۋرۈكى، دېڭىز ئاستى تونىلىدىن ئۆتۈپ، چۇڭمىڭ ئارىلىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. باش كۈزدىكى چوڭمىڭ ئارىلىنىڭ شەرقىي دېڭىز ساھىلىغا جايلاشقان نەم يەر باغچىسىدىكى نەچچە ئون مىڭ مو يەردىكى قومۇشلار شامالدا لەرزان يەلپۈنۈپ تۇراتتى. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات ياسىن مەمەت ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: نەم يەر باغچىسىنى كۆرۈپ قەلبىم لەرزىگە كەلدى، يۇرتۇمدىمۇ مۇشۇنداق قومۇشلۇق بار، يۇرتۇمدىكى قومۇشلۇقمۇ چوڭمىڭ ئارىلىدىكىگە ئوخشاش نەم يەر باغچىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن بولسا، كەلگۈسىدە يۇرتۇمنىڭ بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم يول بولۇپ قالاتتى.

چۇڭمىڭ بازىسى  شاڭخەي ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيىدا، خىزمەتچى خادىملار ئېكىسكۇرسىيە ئۆمىكىدىكىلەرگە ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىدىكى يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى. كاۋا بوشلۇقتا ئۆستۈرۈلگەن،  تەرخەمەك تۇپراقسىز ئۆستۈرۈلگەنىدى، بىر مو يەردە ئۆستۈرۈلگەن شوخلىدىن يىلىغا 10 مىڭ جىڭ مەھسۇلات ئالغىلى بولاتتى، بۇلارنىڭ ھەممىسى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيىدا بولۇۋاتقان ئىشلار بولۇپ، ئەپسانە ئەمەس ئىدى. پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيىدا مايسا يېتىشتۈرۈش پۈتۈنلەي كومپىيۇتېرلاشقان بولۇپ، مايسىلار تۇپراقسىز شارائىتتا ئۆستۈرۈلۈپ، تەبىئىي يامغۇر سۈيىدە سۇغىرىلاتتى، بۇ يەر يىتىشتۈرۈلگەن كۆكتات مايسىلىرى بىلەن شاڭخەي ۋە پۈتۈن مەملىكەتنى تەمىنلەيتتى. بۇنداق ئاجايىپ پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى كۆرگەن ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات توختى ئابدۇۋايىت ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بىلىم ئىگىلەپ، پەن-تېخنىكا ئۆگىنىپ، ياخشى ئادەم بولغاندىلا، ۋەتەننىڭ تەرەققىياتىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشالايمىز. مەن ئائىلەمدىكىلەر ۋە ئەتراپىمىدىكى ئاممىغا تىرىشىپ ئۆگىنىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىمەن، ئۇلارنى پارتىيەنىڭ خەلقنى بېيىتىش سىياسىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، تىرىشىپ ئەمگەك قىلىپ، نامراتلىقتىن بالدۇر قۇتۇلۇشقا، قەشقەرنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلەيمەن.