باش بەت>قەشقەر

سەبىيلەر ئۈچۈن سوققان يۈرەك

يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 12:49:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان

ــ مارالبېشى ناھىيە دۆلەتباغ يېزىلىق «قوش تىل» بالىلار باغچىسىنىڭ باشلىقى ھەمراگۈل ئابدۇرېھىم توغرىسىدا

تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز: جۇ مىڭجۈن

ئۇ، مېھىر-مۇھەببىتىنى بالىلارغا بېغىشلاپ، ئاتا-ئانىلار، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەپ، ئۇلار بىلەن دوستانە ئۆتۈپ، سەمىمىي پوزىتسىيەسى ۋە مۇئامىلىسى بىلەن بالىلارنىڭ ئىشەنچىسى، ئاتا-ئانىلارنىڭ ھۆرمىتى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. ئۇ  مارالبېشى ناھىيە دۆلەتباغ يېزىلىق «قوش تىل» بالىلار باغچىسىنىڭ باشلىقى ھەمراگۈل ئابدۇرېھىم. بۇ قېتىم ھەمراگۈل ئابدۇرېھىم مەملىكەت بويىچە «بىلىم بېرىپ ئادەم تەربىيەلەش ئۈلگىسى» دېگەن ئالاھىدە شەرەپكە ئېرىشتى.

سۈرەتتە: ھەمراگۈل ئابدۇرېھىم بالىلار بىلەن ئوينىماقتا.

 «بارلىقىمىز بالىلار ئۈچۈن»

سۈرەتتە: ھەمراگۈل ئابدۇرېھىم بالىلار بىلەن بىرلىكتە بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلىمەكتە. 

بالىلار باغچىسى ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللىنىش ھەمراگۈلنىڭ ئارزۇسى ئىدى، 2009-يىلى 9-ئايدا ئۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلار تەرىپىدىن مارالبېشى ناھىيە دۆلەتباغ يېزىلىق «قوش تىل» بالىلار باغچىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۈمىد گۈللىرى ئېچىلدى. ھەمراگۈل «بارلىقىمىز بالىلار ئۈچۈن» دېگەندىن ئىبارەت باش مەقسەتكە ئاساسەن، ھەم بالىلار باغچىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ھەم بالىلار باغچىسى قۇرۇلۇشىنىڭ لايىھەلىگۈچىسى بولدى.

مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ دۆلەتباغ يېزىسىدا دەسلەپتە بىرلا مەركىزىي بالىلار باغچىسى بار بولۇپ، ئېھتىياجنى قاندۇرالمايتتى. ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدا كەڭ كۆلەمدە «قوش تىل» بالىلار باغچىسى قۇرىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ھەمراگۈل تەرەپ-تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ، ناھىيەنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈردى، بۇنىڭ بىلەن ناھىيەدىكى بالىلار باغچىسى تېز سۈرئەتتە بەشكە يېتىپ، كەنتتىكى بالىلار باغچىسىمۇ تۆتكە كۆپەيدى.

بالىلار باغچىسىنىڭ مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرۈش جەريانىدا، ھەمراگۈل ۋە باشقا ئوقۇتقۇچىلار يەرلىكنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، تەپسىلىي پىلان ۋە لايىھە تۈزۈپ چىقتى. ھەمراگۈل ۋە باشقا ئوقۇتقۇچىلار ھەر كۈنى سەھەر كېلىپ، كەچ قايتىپ، نۆۋەت بىلەن پىلان تۈزۈپ، يولغا قويغىلى بولىدىغان چارە-ئاماللار ئۈستىدە پائال ئىزدەندى.

يېڭى بالىلار باغچىسىنىڭ قۇرۇلۇشى پۈتەي دەپ قالغاندا ھەمراگۈل باشلامچىلىق بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنى يېتەكلەپ پولنى سۈرتۈپ، دېرىزىلەرنى ئىيتىپ، ھاجەتخانىنى تازىلاپ، ئەخلەتلەرنى تۆكتى. بىر قانچە كۈن مۇشۇنداق جاپالىق ئىشلەپ ئۇلارنىڭ قوللىرى قاپىرىپ، بەللىرى تېلىپ ئاغرىپ كەتتى. بالىلارنىڭ يېڭى بالىلار باغچىسىدا خۇشال-خۇرام ئوقۇۋاتقان، ئويناۋاتقان ھالىتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ، تارتقان جاپا-مۇشەققەتلەرنى ئۇنۇتتى.

بالىلار باغچىسىدىكى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ھەمراگۈل تۆت ياشلىق ئوغلىنى 300 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى. تېخىمۇ كۆپ بالىلارنى بالىلار باغچىسىدا ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئۇ بالىلار باغچىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى يېتەكلەپ كەنتكە بېرىپ ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ، ئاتا-ئانىلارنى بالىلار باغچىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەكلىپ قىلدى ھەمدە ئۇلارغا باغچىدىكى بالىلار تەييارلىغان مول مەزمۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەت نۇمۇرلىرىنى كۆرسىتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بالىلىرىنى بالىلار باغچىسىدا ئوقۇتۇش ئاكتىپچانلىقىنى زور دەرىجىدە قوزغىدى.

بالىلار باغچىسىدىكى بالىلارنىڭ كۈندىن كۈنگە كۆپىيىۋاتقانلىقىغا قاراپ، ھەمراگۈل تولىمۇ خۇشال بولدى. 2016-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى يېزا «قوش تىل» مائارىپىنى تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ دۆلەتباغ يېزىسىدىكى «قوش تىل» بالىلار باغچىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا بالىلارنىڭ روھىي قىياپىتى ۋە دۆلەت تىلى سەۋىيەسىنى ماختاپ ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

ۋۇجۇدىنى بالىلارغا بېغىشلاش

سۈرەتتە: ھەمراگۈل ئابدۇرېھىم بالىلارغا دەرس ئۆتمەكتە. 

ھەمراگۈل ئىلگىرى: خىزمەت پەقەت تۇرمۇشنى قامداش ئۈچۈنلا بولماستىن بەلكى جان تىكىپ كۈرەش قىلىش جەريانىدىن ھۇزۇلىنىش ئۈچۈندۇر، دېگەنىدى. شۇڭا، ئۇ ئەزەلدىن جاپا-مۇشەققەت، قىيىنچىلىقتىن قورقماي، دادىللىق بىلەن يېڭىلىق ياراتتى.

ھەمراگۈلنىڭ نىشانى سۈپىتى كاپالەتكە ئىگە، يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان، ئوقۇتقۇچىلار ئازادىلىك ھېس قىلىدىغان، ئاتا-ئانىلار خاتىرجەم بولىدىغان، بالىلار خۇشال بولىدىغان ئالاھىدە يېزا «قوش تىل» بالىلار باغچىسى بەرپا قىلىش ئىدى. ھەمراگۈل ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنى «بالىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئاساس قىلىش» قارىشىنى تىكلەشكە يېتەكلەپ، دائىملىق تۈزۈمنى بالىلار باغچىسىنىڭ  ئوقۇتۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىگە سىڭدۈرۈپ، بالىلار باغچىسى كۈندىلىك پائالىيەتلىرىنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرىنىڭ كونكرېت مەشغۇلات تەرتىپىنى تۈزۈپ چىقىپ، سىنىپلارغا چاپلىدى ھەمدە ھەر ۋاقىت نازارەتچىلىك قىلىپ ۋە باھالاپ، بۇنى ئايلىق باھالاش ۋە مەۋسۇملۇق ئومۇمىي باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزدى.

ھەمراگۈل يەنە ئوقۇتقۇچىلار بىلەن مۇزاكىرىلىشىپ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتى، ياش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، دەرسلىك تۈزۈپ، دەرس بىلەن ئويۇننى بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بالىلارنى ئويۇن ئويناش جەريانىدا ئۆگىنىش، ئۆگىنىش جەريانىدا ئويۇن ئويناشقا يېتەكلەپ، تەربىيەنى ئويۇنغا سىڭدۈردى. بالىلارغا دۆلەت تىلىنى ياخشى ئۆگىتىش ئۈچۈن ھەمراگۈل بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دۆلەت تىلىدا دەرس ئۆتۈش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتتى. ھەمراگۈلنىڭ ئەجىر سىڭدۈرۈشى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدىكىلەر بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ھەممەيلەن ئۈلگىلىك، ياخشى بولغان ئوقۇتۇش تەرتىپىنى شەكىللەندۈرۈپ، بالىلار باغچىسىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى مۇستەھكەم تايانچقا ئىگە قىلدى.

ھەمراگۈل يەنە بالىلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈشىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ بالىلارغا تاماق يېگۈزۈش، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش، بالىلارنى ھاجەتخانىغا ئاپىرىش، يۈز-قولىنى يۇيدۇرۇش ۋە بالىلارنىڭ ئولتۇرۇش، ھەرىكەت قىلىش، كىتاب كۆرۈش، رەسىم سىزىش قىياپەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇشىغا قاتتىق تەلەپ قويۇپ، «بىز مۇسابىقىلىشەيلى» تېمىسىدىكى پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، بالىلارنىڭ مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت، ھەرىكەت ئادىتى قاتارلىق مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ، يىللىقلار ئارا مۇسابىقىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، بالىلارنىڭ ياخشى بولغان تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى.

ھەمراگۈل ھەر بىر ئوقۇتقۇچىدىن بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تەربىيەچى بولۇپلا قالماي يەنە  بالىلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش ئىقتىدارىنى ئۆگىنىشنىڭ يېتەكچىلىرىدىن بولۇشنى؛ «تەربىيەلەش»، «تەلىم-تەربىيە»، «مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش» بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، يەنە بالىلارغا تۇرمۇش ئۆگىتىپ، ئازادە، خۇشال-خۇرام مۇھىت ئىچىدە بالىلارنى تەربىيەلەشنى؛ بالىلارنى ھەمراھلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش، ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئاممىۋى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىغا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنى ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، خۇش تەبىئەتلىك، شوخ، ئوچۇق-يورۇق خاراكتېرگە ئىگە قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ياخشى ئۈلگە بولۇش

سۈرەتتە: ھەمراگۈل ئابدۇرېھىم بالىلار بىلەن سىرتتا پائالىيەت قىلماقتا.

ھەمراگۈل دائىم ئۆزىگە ۋە بالىلارغا مۇنداق ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ: «ئادەمدە ئۆزگىچە خاراكتېر بولغاندىلا سېھرىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ.» ئۇ ئۆزىنىڭ ياخشى پەزىلىتى، پۇختا كەسپىي ساپاسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھى ئارقىلىق بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى تەسىرلەندۈردى.

بالىلار باغچىسىغا يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان بىر قانچە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆيى سىرتتا بولغاچقا، ھەمراگۈل ئۇلارغا دائىم كۆڭۈل بۆلۈپ تۇراتتى، بۇ بىر قانچە ئوقۇتقۇچى يەسلى مائارىپى كەسپى بويىچە تەربىيەلەنگەن بولسىمۇ، ھەمراگۈل يەنىلا كەمتەرلىك بىلەن ئۇلارغا بالىلار پىسخىكىسى، دەرس ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئەستايىدىل ئۆگەتتى.

2016-يىلى قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە بالىلار باغچىسى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلىش مۇسابىقىسى قانات يايدۇرۇلغاندا، ھەمراگۈل بىر قانچە ياش ئوقۇتقۇچىنى ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇلارغا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ياردەم بەردى ۋە شارائىت يارىتىپ بەردى. مۇسابىقىگە قاتناشقان ئوقۇتقۇچىلار ئۇنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ھەممىسى دېگۈدەك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

2016-يىلى 11-ئايدا مارالبېشى ناھىيە دۆلەتباغ يېزىلىق «قوش تىل» بالىلار باغچىسىمۇ باشقا بالىلار باغچىلىرىغا ئوخشاش مائارىپقا ياردەم بېرىدىغان كادىرلارنى كۈتۈۋالدى. ھەمراگۈل ئۇلارنىڭ ئۆيى ۋە ئىدارىسىدىن ئايرىلىپ كەلگەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، ھەر ۋاقىت ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلدى، ئەڭ زور دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى بىر قىسىم ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ بەردى، يەنە تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇلارغا كوللېكتىپ تۇرمۇشنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى، بۇنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇلار مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۆز ئارا ئۆگىنىپ، ياخشى ئوقۇتۇش ئىدىيەلىرىدىن ئورتاقلاشتى.

ھەمراگۈل سەمىمىيى نىيىتى ئارقىلىق بالىلارغا قىزغىن مۇئامىلە قىلىپ كەلدى. بالىلار باغچىسىدىكى كۆپ سانلىق بالىلار يېزىدىن كەلگەن بولۇپ، ئائىلە شارائىتى دېگەندەك ياخشى بولمىغاچقا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇلارغا كۆپرەك غەمخورلۇق قىلىشىغا توغرا كېلەتتى. ھازىر ھەمراگۈلنىڭ پۈتۈن ئەس-يادى بالىلار باغچىسىدىكى بالىلاردىلا بولۇپ، ساغلام، شوخ بالىلارغا، پارلاق، گۈزەل ئەتىگە نەزەر سالغىنىدا خىزمىتىنىڭ ئەھمىيەتلىك، مول مەزمۇنلۇق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ قەلبى ھاياجانغا تولىدۇ.

ھەمراگۈل مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئارزۇنىڭ تۈرتكىسىدە چىن يۈرىكىمدىن قەدىرلەپ ئىشلىگەن بالىلار باغچىسى ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللىنىش-مېنىڭ ئۆمۈرلۈك بەختىم. مەن ھاياتىم، زېھنىم ۋە كۈچ قۇۋۋىتىمنى بالىلار باغچىسى ئوقۇتۇشىغا ئاتاپ، خىزمەتلەرنى تېخىمۇ پۇختا ئىشلەيمەن، بۇ مېنىڭ ھايات مۇساپەمدىكى تىرىشىش نىشانىم.