باش بەت>قەشقەر

ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى نىڭپىڭ پەيزاۋات، يوپۇرغا، يېڭىسار ناھىيەلىرىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 20:46:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:قەيسەر داۋۇت

ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى نىڭپىڭ پەيزاۋات، يوپۇرغا، يېڭىسار ناھىيەلىرىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا ماۋۇلارنى تەكىتلىدى:

باش نىشاننى چۆرىدەپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك چاقىرىلىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك

سۈرەتتە: ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى نىڭپىڭ يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ئوچار بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە دۆلەت ئورتاق تىلى مائارىپىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىگەندە، بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. 

يېتەكچى مۇخبىرىمىز ۋاڭ ۋېنبو خەۋىرى، فوتوسى: 9-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى نىڭپىڭ پەيزاۋات، يوپۇرغا، يېڭىسار ناھىيەلىرىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا ماۋۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر ئىدىيەۋى تونۇشىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى قەتئىي بوشاشماي چۆرىدەپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا، ئىقتىسادنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك چاقىرىلىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىشى كېرەك.

تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە، لى نىڭپىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ پەيزاۋات، يوپۇرغا، يېڭىسار ناھىيەلىرىنىڭ سانائەت رايونىدىكى كارخانىلارغا بېرىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى ۋە خادىملارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى؛ بىر قىسىم ئوتتۇرا مەكتەپ، بالىلار باغچىلىرىغا بېرىپ، ياتاقلىق تۈزۈمدىكى ئوقۇتۇش، دۆلەت ئورتاق تىلى مائارىپى خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى؛ «ئۈچ ئەل» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ۋە كەنت پارتىيە خىزمىتى كومىتېتى رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، دوكلاتىنى ئاڭلاپ، كەنتتە تۇرۇۋاتقان خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ خىزمىتى ۋە نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەمدە بىر قىسىم ساقچى ئىشلىرى پونكىتلىرىغا بېرىپ جەمئىيەت قاتلىمىدا باشقۇرۇش، كونترول قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى ئىگىلىدى. پەيزاۋات، يوپۇرغا، يېڭىسار ناھىيەلىرىنىڭ سانائەت رايونىدىكى كارخانىلاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، لى نىڭپىڭ كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، ئادەم ئىشلىتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە كارخانا ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا يولۇققان قىيىنچىلىق قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. لى نىڭپىڭ ماۋۇلارنى كۆرسەتتى: مەبلەغنى جانلاندۇرۇپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، يېتىلىۋاتقان كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى قوللاپ، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىشىنى مەبلەغ مەدىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. كارخانىلار تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مەھسۇلاتلارنىڭ تۈرىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تىجارەت كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، يادرولۇق بازار رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، قەشقەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن ئەقىل-پاراسىتىنى بىغىشلاشقا يېتەكلەش كېرەك. ئۇ ماۋۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنىڭ رولىنى، ئالاقە دائىرىسى كەڭ بولۇش، ئىقتىساد ئىلمىنى چۈشىنىش، تەپەككۇرى جانلىق بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى رولىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر كەسىپ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، تۈرلۈك ئاماللار ئارقىلىق ئىش ئورنىنى كۆپەيتىپ، «ھەممە ئائىلىنىڭ كىرىم مەنبەسى، ھەممە كىشىنىڭ قىلىدىغان ئىشى، ئايدا كىرىمى بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

دۆلەت ئورتاق تىلى مائارىپى لى نىڭپىڭ ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان چوڭ ئىش. لى نىڭپىڭ پەيزاۋات، يوپۇرغا، يېڭىسار ناھىيەلىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەردە خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا ماۋۇلارنى كۆرسەتتى: مەركەزلىك ئوقۇتۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۆلەتنىڭ ئورتاق تىلىنى ياخشى ئۆگىنىشىگە ياخشى مۇھىت ۋە شارائىت يارىتىپ بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپتە بىلىم ئېلىپ، مەكتەپتە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، مەكتەپتە ئۆسۈپ-يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، 2020-يىلىغا بارغاندا دۆلەتنىڭ ئورتاق تىلى بويىچە ئوقۇتۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۆلەتنىڭ ئورتاق تىلىدا راۋان پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا لى نىڭپىڭ يەنە نامرات ئائىلىلەرنىڭ يېڭىدىن ئەمىن ئۆي سېلىش، ئېغىل-قوتان سېلىش، ھويلا-ئاران ئىگىلىكى قۇرۇلۇشىنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈردى ھەمدە نامرات ئائىلىلەر بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالى، بالىلىرىنىڭ ئوقۇش ئەھۋالى ھەمدە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش تەپەككۇر يولى قاتارلىق جەھەتتىكى ئەھۋاللارنى تەپسىىلىي ئىگىلىدى. لى نىڭپىڭ ماۋۇلارنى كۆرسەتتى: ھەر قايسى ناھىيەلەر ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئالاھىدە كەسىپلەرنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، ئالاھىدە كەسىپلەرنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىتىشتىكى تۈۋرۈك كەسىپكە ھەقىقىي تۈردە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، ھەم ھويلا مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرۈش، ھەم ھويلا-ئاران ئىگىلىكى ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. باغ-ئورمانچىلىقنىڭ تەرەققىياتىنى زورايتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك.

لى نىڭپىڭ ماۋۇلارنى كۆرسەتتى: ئاممىۋى خىزمەتنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئىشلەش كېرەك. كەنت پارتىيە خىزمىتى كومىتېتى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ئاممىغا بولغان ئىدىيەۋى تەربىيە خىزمىتىنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، ھۆكۈمەتنىڭ نۆۋەتتە قانات يايدۇرۇۋاتقان بارلىق خىزمەتلىرىنىڭ ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنى قۇتقۇزۇش، ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ئاسراش ۋە غەمخورلۇق قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېنىق سۆزلىشى كېرەك. كۆپ خىل شەكىللەردىكى تەشۋىقات-تەربىيە ئارقىلىق ئاممىغا قايسىلىرىنىڭ قانۇنلۇق، قايسىلىرىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى ئېنىق سۆزلەپ، تەشۋىقات-تەربىيەنىڭ ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ساغلام، مەدەنىي، زامانىۋى تۇرمۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، «ئۈچ يېڭى» پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇپ چىقىشىغا ياردەم بېرىپ، مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار بولغان مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ئاممىنى زامانىۋى مەدەنىيەتكە ئىنتىلىش، زامانىۋى تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا لى نىڭپىڭ ماۋۇلارنى تەكىتلىدى: مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئىنتايىن مۇھىمىلىقىنى تولۇق تونۇپ يېتىش، نۆۋەتتىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىش»تەك كەسكىن ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشتە، نەتىجىنى كۆرۈپ، ئىشەنچنى مۇستەھكەملەپلا قالماي، يەنە سەگەك بولۇپ، ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، بوشاڭلىق ئىدىيەسى، بىخۇدلۇق كەيپىياتى، تېز غەلىبە قىلىش ئىدىيەسى، ئالدىراڭغۇلۇق كەيپىياتىنى قەتئىي يېڭىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنى ئالدىنقى قاتاردىكى چوڭ ئىش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشنى نۆۋەتتىكى كۈرەشتىكى نۇقتىلىق تەۋرەنمەيدىغان ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق زەربە بېرىپ تۈزەشنىڭ يۇقىرى بېسىملىق ھالىتىنى ساقلاپ، قالدۇق كۈچلەرنى قېزىش، كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇش، تەلتۆكۈس يوقىتىش، زوراۋان، تېررورچىلارغا كەسكىن قول سېلىپ، قەتئىي زەربە بېرىپ، رەزىللىكنى تۈگىتىپ، تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش كېرەك. «ئۈچ مەيدان قاتتىق جەڭ»نى قەتئىي ياخشى قىلىپ، «بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى»دا غەلىبە قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇش تۇپرىقىنى مەنبەدىن تۈگىتىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، كۆپ خىل يول ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىككىدە غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش»نى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئاممىۋى خىزمەتنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، «ئۈچ ئەل» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ ئاممىنى تەربىيەلەش، ئاممىغا تەشۋىق قىلىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئورتاق تىلى ئوقۇتۇشى، بولۇپمۇ يەسلىلەردە ئۈچ يىللىق تەييارلىق «قوش تىل» مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن چىڭ تۇتۇپ، داۋالاش، سەھىيە، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق جەھەتلەرگە سىجىل كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. دىن خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ يامرىشىنى توسۇش كېرەك. كادىرلار ئىستىلى تېخىمۇ دۇرۇس بولۇشى، «تۆت خىل ناچار ئىستىل»، «تۆت ئىللەت»نى قەتئىي تۈزەپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى غايە-ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، ساداقەتمەن، پاك بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، پولاتتەك ئىنتىزام ۋە دۇرۇس ئىستىل ئارقىلىق مەركەز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ تۈرلۈك تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يېتەكلەش ۋە تەربىيەلەش كېرەك.

ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ياسىن سىدىق، ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، يوپۇرغا ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ ۋېيخۇا ۋە ئالاقىدار ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ رەھبەرلىرى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.