باش بەت>قەشقەر

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ پەن - تېخنىكا جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشى بويىچە تۇنجى قارارلىق يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلار مۇنبىرى قەشقەردە ئۆتكۈزۈلدى

يوللانغان ۋاقىت:2017-09-26 13:25:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

    يېتەكچى مۇخبىرىمىز ۋاڭ جىخېڭ خەۋىرى: 9-ئاينىڭ 20-كۈنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ۋە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پەن- تېخنىكا نازارىتى تەشكىللىگەن، قەشقەر گۇاڭدۇڭ پەن-تېخنىكا تەتقىقات ئورنى بىلەن قەشقەر ۋىلايەتلىك پەن - تېخنىكا ئىدارىسى، بىڭتۈەن  3- شىسى پەن - تېخنىكا ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان تۇنجى قارارلىق «گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ پەن - تېخنىكا جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشى بويىچە يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلار مۇنبىرى» قەشقەردە ئۆتكۈزۈلدى.

    قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ دۆلەت تەبىئىي پەن ئىلمىي فوندى جەھەتتىكى يېتەرسىزلىك ۋە ئېھتىياجى نەزەردە تۇتۇلۇپ، بۇ قېتىمقى مۇنبەرنىڭ ئاساسىي تېمىسى «دۆلەت تەبىئىي پەن ئىلمىي فوندى تۈرى سىياسىتى ئۈستىدە تەتقىقات» قىلىپ بېكىتىلدى. جىنەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پىروفېسسورى، دۆلەت تەبىئىي پەن ئىلمىي فوندى جەھەتتە كۆزگە كۆرۈنگەن ياش، پىروفېسسور، دوكتور يېتەكچىسى چېن شۈ، دۆلەت تەبىئىي پەن فوندى جەھەتتە كۆزگە كۆرۈنگەن ياش، پىروفېسسور، دوكتور يېتەكچىسى لى دەن، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ دۆلەت تەبىئىي پەن ئىلمىي فوندى سىياسىتى تەتقىقاتچىسى، مۇتەخەسسىس، دوكتور تاڭ مىنخۈيدىن ئىبارەت ئۈچ مۇتەخەسسىس ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى، قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق 1-دوختۇرخانىسى، بىڭتۈەن  3- شىسى دوختۇرخانىسىدا مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

    بۇ قېتىمقى مۇنبەردە گۇاڭدۇڭ - قەشقەردىكى پەن تەتقىقات خادىملىرى دۆلەت تەبىئىي پەن ئىلمىي فوندى تۈرىنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشى، ئىلتىماس قىلىش، باھالاش، قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىلمىي مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ، گۇاڭدۇڭ - قەشقەردىن ئىبارەت ئىككى جاينىڭ ئۇللۇق تەتقىقات ھەمكارلىقى ۋە ئالاقىسى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇلۇپ، گۇاڭدۇڭ - قەشقەردىكى پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى پەن - تەتقىقات خادىملىرىنىڭ دۆلەتنىڭ زور پەن - تېخنىكا تۈرلىرىگە يۈرۈش قىلىشتىكى ئىقتىدار - سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلدى.

    قەشقەر گۇاڭدۇڭ پەن -تېخنىكا تەتقىقات يۇرتى، قەشقەر ۋىلايەتلىك پەن - تېخنىكا ئىدارىسى، بىڭتۈەن  3- شىسى پەن - تېخنىكا ئىدارىسى، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى، قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق  1- دوختۇرخانىسى، بىڭتۈەن 3- شىسى دوختۇرخانىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىن كەلگەن 200 دىن كۆپرەك پەن - تېخنىكا خادىمى بۇ قېتىمقى مۇنبەرگە  قاتناشتى.