باش بەت>قەشقەر

قەشقەر ۋىلايىتىدە شاڭخەي - قەشقەر يېزا ئىگىلىكىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپىتى بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2017-09-26 13:24:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لۇ چيەنجى خەۋىرى: شاڭخەي شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ قوللىشى بىلەن شاڭخەي شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك كومىتېتى، شاڭخەي شەھىرى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم يېزا خىزمىتى ئىشخانىسى بىرلىشىپ تەشكىللىگەن شاڭخەي - قەشقەر يېزا ئىگىلىكىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپىتى بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش  بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 9-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە قەشقەردە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.

    بۇ قېتىمقى تەربىيەلەشكە شاڭخەي شەھىرىدىكى يېزا ئىگىلىكى، چېگرا پېرىيوم - كارانتىن ئىدارىسى، سەھىيە ۋە نوپۇس، پىلانلىق پەرزەنت كۆرۈش خىزمىتى كومىتېتى، سۈپەت - تېخنىكا نازارەتچىلىكى قاتارلىق تارماقلار، شۇنىڭدەك شاڭخەي شەھەرلىك سۈپەت تەكشۈرۈش ئورنىنىڭ يېمەكلىك تەكشۈرۈش پونكىتى، شاڭخەي تەبىئىي پەن، سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ چارۋىچىلىق ئاكادېمىيەسى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار پەن- تەتقىقات ئورۇنلىرىدىكى يەتتە نەپەر نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىس خادىملارنى تەربىيەلەشكە تەكلىپ قىلىندى. قەشقەر ۋىلايەتلىك يېمەكلىك - دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى، سۈپەت - تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى، چېگرا پېرىيوم - كارانتىن ئىدارىسى، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش تارماقلىرى، ھەر قايسى ناھىيە(شەھەر)لىك پارتكوم يېزا خىزمىتى ئىشخانىلىرى ھەمدە شاڭخەي - قەشقەر يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ھەمكارلىق بىرلەشمىسىگە ئەزا ئورۇنلارنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى ۋە تېخنىكلىرى بۇ قېتىمقى تەربىيەلەشكە قاتناشتى.

    يەتتە نەپەر مۇتەخەسسىس ئۆزىنىڭ كۆپ يىللىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ۋە جىددىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەجرىبىلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خېيىمخەتىرىنى تەكشۈرۈش، باھالاش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئوراپ قاچىلاش، ئۆلچەملىك باشقۇرۇش، چارۋا مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى خېيىمخەتىرىگە تاقابىل تۇرۇش، ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىنىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەركىبىدىكى كېسەللىك پەيدا قىلىدىغان مىكروبلارنى تېز سۈرئەتتە تەكشۈرۈپ چىقىش، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ قەرز ئېلىش جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق مەزمۇنلاردا لېكسىيە سۆزلىدى. مۇتەخەسسىسلەر ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق كەڭ كۆلەمدە چۈشەندۈرۈش ئېلىپ باردى ھەمدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكى توغرىسىدا كۇرسانتلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ياخشى بولغان تەربىيەلەش ئۈنۈمىگە ئېرىشتى.