باش بەت>قەشقەر

قەشقەر «كەتمەن بازىرى»نى ئايلىنىش

يوللانغان ۋاقىت:2017-09-26 19:42:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

    سېنتەبىردىكى قەشقەر گۈزەل تۈسكە كىرگەنىدى، ھەر كۈنى قاش قارايغاندا، بۇ شەھەردىكى «كەتمەن بازىرى»نىڭ بازار رېتىمى بارا-بارا ئاستىلاپ، ئاھالىلەر ئارامبەخىش ۋە كۆڭۈللۈك تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

    «كەتمەن بازىرى» دېگەن بۇ نام بازاردىكى تۆمۈرچىلەرنىڭ كەتمەن قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش قوراللىرىنى ياساشقا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغانلىقىغا ئاساسەن قويۇلغان بولۇپ، بۇ بازار قەشقەر كونا شەھەر رايونىغا جايلاشقان. ساياھەتچىلەر «كەتمەن بازىرى»دا ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تۆمۈرچىلىك ھۈنىرىنىڭ ھەر قايسى ئىش ھالقىسىنى كۆرەلەيدۇ.


سۈرەتتە: 9- ئاينىڭ 25- كۈنى، بىر بوۋاي «كەتمەن بازىرى»دا ساز ئاڭلىماقتا.


سۈرەتتە: 9- ئاينىڭ 25- كۈنى، بىر ئاھالە «كەتمەن بازىرى»دا تەمبۇر چالماقتا.


سۈرەتتە: «كەتمەن بازىرى»دىكى مىسكەرلەر.


سۈرەتتە: 9- ئاينىڭ 25- كۈنى، «كەتمەن بازىرى»دىكى بىر تۆمۈرچى تاقا سوقماقتا.


سۈرەتتە: «كەتمەن بازىرى»دىكى بىر دۇكاندا سېتىلىۋاتقان ھەر خىل مىللىي چالغۇلار.


سۈرەتتە: 9- ئاينىڭ 25- كۈنى، «كەتمەن بازىرى»غا جايلاشقان «گۈلى ئائىلىسى» ئائىلە ساياھەتچىلىك نۇقتىسىنىڭ مەسئۇلى سالامەتگۈل ئائىلە ساياھەتچىلىك نۇقتىسىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرماقتا.


سۈرەتتە: 9- ئاينىڭ 25- كۈنى، يېڭى پاسوندىكى كۆزەينەك تاقىۋالغان بىر بالا «كەتمەن بازىرى»دا ئوينىماقتا.


سۈرەتتە: 9- ئاينىڭ 25- كۈنى، «كەتمەن بازىرى»دىكى «گۈلى ئائىلىسى» ئائىلە ساياھەتچىلىك نۇقتىسىنىڭ خادىمى ھاجىگۈل ئارام ئالماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى فوتوسى)