باش بەت>قەشقەر

«شېنجېن-گۇاڭجۇ ــ قەشقەر-ئوتتۇرا، جەنۇبىي ئاسىيا» كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت تۇنجى پويىزى قەشقەرگە ئوڭۇشلۇق يىتىپ كەلدى

يوللانغان ۋاقىت:2017-09-28 17:24:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان

يېتەكچى مۇخبىرىمىز ۋاڭ جىخېڭ، پىراكتىكانت دۈەن يۈ خەۋىرى: 9-ئاينىڭ 24-كۈنى «شېنجېن (يەنتيەن پورتى)-گۇاڭجۇ ــ قەشقەر-ئوتتۇرا، جەنۇبىي ئاسىيا» كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت تۇنجى پويىزى قەشقەرگە ئوڭۇشلۇق يىتىپ كەلدى. بۇ تۈركۈمدىكى ماللار قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا تاموژنىغا مەلۇم قىلىنغاندىن كېيىن، ئېكسپورت قىلىنىپ، تاشيول تىرانسپورتى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيادىكى نىشانلانغان دۆلەتلەرگە يەتكۈزۈلىدۇ. ماددىي ئەشيا ئوبوروتى تىرانسىپورتى دەۋرىيلىكى ھازىرقى بازاردا دائىم قوللىنىلىۋاتقان دېڭىز ئارقىلىق توشۇش ئەندىزىسىگە قارىغاندا زور دەرىجىدە قىسقىرايدۇ.

بۇ قېتىمقى بىرلەشمە تىرانسپورتتا دېڭىز يولى ئارقىلىق توشۇش، تۆمۈر يول ۋە تاشيول ئارقىلىق توشۇش بىرلەشتۈرۈلگەن كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە ترانسپورت ئەندىزىسى قوللىنىلغان بولۇپ، مال شېنجېندىكى يەنتيەن پورتىدا قاچىلىنىپ، 9-ئاينىڭ 16-كۈنى يولغا چىقىپ، 24-كۈنى تۆمۈر يول ئارقىلىق قەشقەرگە يەتكۈزۈلگىچە 6100 كىلومېتىر مۇساپە باسقان. بۇ قېتىمقى مەخسۇس پويىزغا 35 تۆمۈر يول يۈك ساندۇقى قۇراشتۇرۇلغان بولۇپ، قاچىلانغان مالنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى 800 توننىدىن ئاشىدۇ، ماللار ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى، ماشىنا-ئۈسكۈنىلەر، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، فار-فۇر بۇيۇملار، كۆچمە ئۆي قۇرۇلما دېتاللىرى ۋە توقۇمىچىلىق بۇيۇملىرى، كىيىم-كېچەك قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىدۇ. ماللار پاكىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە يەتكۈزۈلىدۇ.

بۇ، شېنجېن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش يولى ئارقىلىق «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بېرىكتۈرىشىدىكى زور تەدبىرى، شۇنداقلا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى، شېنجېن شەھىرى پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ بۇ يىل 6-ئايدا قەشقەردە تەكشۈرۈشتە بولغاندىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكى بولۇپ، شېنجېن شەھىرىنىڭ زامانىۋى ماددىي ئەشيا ئوبوروتىنىڭ كەسپ ئەۋزەللىكى ۋە قەشقەرنىڭ ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، قەشقەرنىڭ دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىدىكى مۇھىم ماددىي ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈن شەھىرىگە ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، غەربكە قارىتا ئېچىۋېتىلگەن ماددىي ئەشيا ئوبوروتى يولىنى راۋانلاشتۇرىدۇ. بۇ قېتىمقى مەخسۇس پويىزنىڭ قاتنىشى ئوتتۇرا، جەنۇبىي ئاسىيا ماددىي ئەشيا ئوبوروتىنىڭ يېڭى يولىنى ئېچىپ، چېگرا ئىچىدىكى كەسىپلەرنىڭ ئىگىلىك تۈرلىرىنى كېڭەيتىشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، تولۇق تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئىش تەقسىماتىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، قەشقەرنىڭ سودا، ماددىي ئەشيا ئوبوروتى تەرەققىياتىدا پائال تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى تاموژنا پېچىتى بىلەن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، ھەم قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدىكى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان رايون، ھەم بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك ئورتاق قۇرغان يېڭىلىق يارىتىش-ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، شۇنداقلا شېنجېن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشىدىكى نۇقتىلىق تۈر ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە، شېنجېن شەھىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك ھەمكارلىشىپ ئۆزگىچە يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسى ۋە كوزۇر ئۈنۈمىنى شەكىللەندۈردى. 2017-يىلى 8-ئايغا قەدەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا ئىمپورت-ئېكسپورت سوممىسى 35 مىليون 486 مىڭ 500 ئامېرىكا دوللىرىغا، يۈك توشۇش مىقدارى 1062.86 توننىغا، بۇنىڭدىن شەكىللەندۈرۈلگەن باج كىرىمى 9 مىليون 970 مىڭ يۈەنگە يەتتى.