باش بەت>قەشقەر

«قەشقەر خەلقئارا چوڭ بازىرى» ئومۇميۈزلۈك كۆچۈرۈلىدۇ

يوللانغان ۋاقىت:2017-11-18 17:20:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:قەيسەر داۋۇت

«قەشقەر خەلقئارا چوڭ بازىرى» ئومۇميۈزلۈك كۆچۈرۈلىدۇ

قەشقەر ئوتتۇرا-غەربىي ئاسىيا خەلقئارا سودا مەركىزى تۈرىگە ئۇل سېلىندى


11-ئاينىڭ 11-كۈنى قەشقەر ئوتتۇرا-غەربىي ئاسىيا خەلقئارا سودا مەركىزى تۈرىگە ئۇل سېلىش مۇراسىمى قەشقەر شەھىرىنىڭ شەرقىي شەھەر رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسىنىڭ مەسئۇلى، جېجياڭ ئۆلكىسى جىنخۇا شەھىرى، قەشقەر شەھىرىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، «شىنگۇاڭ» پاي كونتروللۇقى گۇرۇھىنىڭ لىدىرى قاتارلىقلار ئۇل سېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.


قەشقەر يىپەك يولى ئوتتۇرا-غەربىي ئاسىيا خەلقئارا سودا مەركىزى تۈرى 2018-يىلى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشىدىكى نۇقتىلىق تۈر، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھازىرقى پىلانىدىكى بازارنى سۇبيېكت قىلغان ئەڭ چوڭ سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى بولۇپ، تۈرنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 1400 مو، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 1 مىليون 350 مىڭ كىۋادرات مېتىر، سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ 4 مىليارد 600 مىليون يۈەن، ئىستېرېئولىق مەركىزىي بازار، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ تارقىتىش بازىرى، پىيادىلەر سودا كوچىسى، خەلقئارا سودا كۆرگەزمە مەركىزى، يۇلتۇز دەرىجىلىك يۈرۈشلۈك مېھمانساراي، ئالىي دەرىجىلىك سودا ئىشلىرى ئىشخانىسى ۋە ئىستراھەت تۇرمۇش رايونى ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان. تۈردە بازار پىلانلاش، تۈرگە ئايرىپ كۆجۈملەشتۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، 10 مىڭدىن ئارتۇق سودا ئورنى لايىھەلەنگەن بولۇپ، يۈرۈشلەشكەن ئەشيا ئوبوروتى ۋە سودا ئىشلىرى بويىچە تۈرلۈك يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تۈر ئارقىلىق 100 مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ بىۋاسىتە، ۋاسىتىلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ.

پات ئارىدا ئىش باشلىنىدىغان بىرىنچى قارارلىق بازار قۇرۇلۇشىغا ئەسلىدىكى «ئىككى ئاسىيا» بازىرى (قەشقەر خەلقئارا چوڭ بازىرى)نى ئومۇميۈزلۈك كۆچۈرۈش تارىخىي بۇرچى يۈكلەنگەن. «ئىككى ئاسىيا» بازىرى 1979-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، دەسلەپتە «يېڭى بازار» دەپ ئاتالغان، 1992-يىلى كېڭەيتىلىپ «قەشقەر ئوتتۇرا-غەربىي ئاسىيا خەلقئارا سودا بازىرى» دەپ ئاتىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تەسىر كۈچى زور سودا بازىرىغا ئايلانغان. بۇ بازارنىڭ كۆلىمى 67 مىڭ كىۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 32 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، 2851 مۇقىم دۇكان-يايما، 10 مىڭدىن ئارتۇق تىجارەتچى بار. بازارنىڭ قۇرۇلغىنىغا بىر قەدەر ئۇزۇن بولغان، شۇنداقلا لايىھەسى ۋە قۇرۇلۇشى ھازىرقى زامان سودا تەلىپىگە ماس كەلمەيدىغان، زىننەتلىنىشى، پار بىلەن تەمىنلەش، ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى ئاددىي، كونا، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى ساقلانغان، باشقۇرۇش قىيىنلىق دەرىجىسى زور بولغاچقا، 2017-يىلى قەشقەر شەھىرى تەرىپىدىن نۇقتىلىق كۆچۈرۈلىدىغان تۈر قىلىپ بېكىتىلگەن.


بۇ قېتىم ئىش باشلانغان بىرىنچى قارارلىق بازار قۇرۇلۇشىنىڭ كۆلىمى 220 مىڭ كىۋادرات مېتىر، 3610 دۇكان-يايما لايىھەلەنگەن. سودا يېڭى تەلىپىگە ماس سودا ئەسلىھەلىرى ۋە سودا، مېھمانساراي، ئىشخانا شۇنداقلا ماددىي ئەشيا ئوبوروتى ئامبىرى قاتارلىقلار يۈرۈشلەشتۈرۈلىدۇ. خەلقئارا سودا مەركىزى پۈتكەندىن كېيىن، قەشقەر شەرقىي شەھەر رايونىدا سودا، ساياھەت، كۆرگەزمە ۋە ئىستراھەت بىرگەۋدىلەشكەن بەلگە خاراكتېرلىك ئۇنىۋېرسال گەۋدە بارلىققا كېلىدۇ.


(خەۋەرنى «قەشقەر شەھەرلىك نۆل ئارىلىق ئۈندىدار سۇپىسى» تەمىنلىگەن)