باش بەت>قەشقەر

قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك 35 سوئال

يوللانغان ۋاقىت:2017-12-16 21:09:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

   1. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ باش نىشانى نېمە؟

جاۋاب: 2020-يىلىغا بارغاندا، يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنى قورساقتىن، كىيىمدىن («ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق») غەم قىلدۇرماسلىق، مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئاساسىي داۋالىنىش ۋە تۇرالغۇ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش («ئۈچنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش»)نى مۇقىم ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامرات رايونلاردىكى دېھقانلارنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولۇشى («بىر يۇقىرى»)، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ ئاساسلىق ساھەلەردىكى كۆرسەتكۈچىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يېقىنلىشىشى («بىر يېقىنلىشىش»»)نى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە، يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامرات ناھىيەلەرنىڭ قالپىقى تولۇق چۆرۈپ تاشلىنىپ، رايون خاراكتېرلىك ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىن ئىبارەت. 

2. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ تۈپ تەدبىرى نېمە؟

جاۋاب: نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش.

3. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ تۈپ تەلىپى ۋە ئاساسلىق يولى قايسى؟ 

جاۋاب: تۈپ تەلىپى ــ «ئالتە دەل جايىدا بولۇش»، ئاساسلىق يولى ــ «بەش بىر تۈركۈم».

4. «ئالتە دەل جايىدا بولۇش» نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟

جاۋاب: يۆلەش ئوبيېكتلىرى دەل جايىدا بولۇش، تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش دەل جايىدا بولۇش، مەبلەغنى ئىشلىتىش دەل جايىدا بولۇش، تەدبىرلەرنى ئائىلىلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش دەل جايىدا بولۇش، كەنتنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئادەم ئەۋەتىش دەل جايىدا بولۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈنۈمى دەل جايىدا بولۇشتىن ئىبارەت.

5. «بەش بىر تۈركۈم» نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟

جاۋاب: ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق بىر تۈركۈملىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، باشقا جايغا كۆچۈرۈش ئارقىلىق بىر تۈركۈملىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى بېرىش ئارقىلىق بىر تۈركۈملىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق بىر تۈركۈملىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت ئارقىلىق بىر تۈركۈملىرىنى كاپالەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت. 

6. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟

جاۋاب: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ تۆۋەن چەك ۋەزىپىسى ۋە بەلگە خاراكتېرلىك كۆرسەتكۈچى. نامرات ئاھالە ۋە نامرات رايونلارنى پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە يەتكۈزۈش ــ پارتىيەمىزنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىسى.

7. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا ئۆتكەن بەش يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قانداق مۇۋەپپەقىيەتنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى؟

جاۋاب: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، 60 مىليوندىن ئارتۇق نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇلۇپ، نامراتلىق يۈز بېرىش نىسبىتى ئىلگىرىكى 10.2تىن ھازىرقى 4كىمۇ يەتمىگۈدەك نىسبەتكە تۆۋەنلىدى.

8. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان نۆۋەتتىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى قىيىن نۇقتا نېمە؟ 

جاۋاب: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئاساسلىق قىيىن نۇقتا كۆك نامراتلىق. 

9. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆك نامراتلىقنىڭ ئالاھىدىلىكىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى؟

جاۋاب: «ئىككى يۇقىرى، بىر تۆۋەن، بىر ناچار، ئۈچ ئېغىر». «ئىككى يۇقىرى» دېگىنىمىز نامرات نوپۇسنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى يۇقىرى، نامراتلىقنىڭ  كۆرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى؛ «بىر تۆۋەن» دېگىنىمىز كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى تۆۋەن؛ «بىر ناچار» دېگىنىمىز ئۇل ئەسلىھە ۋە تۇرالغۇ شارائىتى ناچار؛ «ئۈچ ئېغىر» دېگىنىمىز تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان، بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسى ئېغىر، كېسەللىك سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەن، قايتا نامراتلىشىپ كەتكەن ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسى ئېغىر، نامرات ياشانغانلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسى ئېغىر. 

10. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان كۆك نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئومۇمىي تەسەۋۋۇرى نېمە؟

جاۋاب: گەۋدىلىك چەكلەپ تۇرۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى مۇھىم نۇقتا، زور يۆلەش قۇرۇلۇشى ۋە كەنت، ئائىلىلەرگىچە بېرىپ يۆلەش تەدبىرىنى تۇتقا، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، تىرەكلىك كاپالەت سىستېمىسىنى كۈچەيتىپ، سىياسەت جەھەتتە مايىللىشىش سالمىقىنى زورايتىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت.

11. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «ئۈچنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش»تىن ئىبارەت كەڭ كۆلەملىك يۆلەش ئەندىزىسى نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ 

جاۋاب: نامراتلارنى مەخسۇس تۈر بويىچە يۆلەش، ساھەلەر بويىچە يۆلەش، جەمئىيەتتىكىلەر يۆلەش قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك كۈچ، كۆپ خىل تەدبىرلەر ئورگانىك بىرلىشىش ۋە ئۆزئارا تىرەك بولۇشتىن ئىبارەت.

12. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان كۆك نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى سەككىز تۈرلۈك كونكرېت تەلەپ نېمە؟ 

جاۋاب: بىرىنچى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانىنى مۇۋاپىق بېكىتىش؛ ئىككىنچى، سېلىنما ئارقىلىق قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش؛ ئۈچىنچى، ئۈستۈن ئەسكىرىي كۈچنى توپلاپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى قىلىش؛ تۆتىنچى، رايون تەرەققىياتىغا جەزمەن نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى چۆرىدىگەن ھالدا كۈچەش؛ بەشىنچى، ھەرقايسى تەرەپنىڭ يار–يۆلەك بولۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش؛ ئالتىنچى، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى يېتىلدۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇش؛ يەتتىنچى، تەشكىلىي رەھبەرلىك سالمىقىنى ئاشۇرۇش؛ سەككىزىنچى، تەكشۈرۈش–ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىش.

13. كۆك نامرات «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست» قايسىلار ؟

جاۋاب: «ئۈچ رايون» شىزاڭ، تۆت ئۆلكىدىكى زاڭزۇلار رايونى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەت (ئوبلاست)نى كۆرسىتىدۇ؛ «ئۈچ ئوبلاست» سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ لياڭشەن ئوبلاستى، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ نۇجياڭ ئوبلاستى، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لىنشيا ئوبلاستىنى كۆرسىتىدۇ.

14. ئاپتونوم رايون نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا يۆلەيدىغان نامراتلارنىڭ سانى قانچىلىك؟ 
   جاۋاب: ئاپتونوم رايون بويىچە 827 مىڭ ئائىلىدىكى 3 مىليون 302 مىڭ نامرات نوپۇسقا ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا تارقىتىلغان. 2017–يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسى 476 مىڭ ئائىلىدىكى 1 مىليون 898 مىڭ ئادەمنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت. 

     15. ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى نېمە؟

جاۋاب: ئاپتونوم رايوندىكى 22 كۆك نامرات ناھىيە، 192 كۆك نامرات يېزا، 1962 كۆك نامرات كەنت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئىنتايىن مۇھىم، ئىنتايىن قاتتىق، ھەل قىلغۇچ جەڭدە غەلىبە قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان نىشان ھېسابلىنىدۇ.

16. ئاپتونوم رايون ئوتتۇرىغا قويغان كۆك نامرات يېزىلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەلىپى نېمە؟

جاۋاب: «بەش بار بولۇش»، يەنى مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ بار بولۇش، ئۆلچەملىك شىپاخانا بار بولۇش، پىلانلىق پەرزەنت كۆرۈش مۇلازىمەت پونكىتى بار بولۇش، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت مەركىزى بار بولۇش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتى مەركىزى بار بولۇشتىن ئىبارەت. 

17. ئاپتونوم رايون ئوتتۇرىغا قويغان كۆك نامرات كەنتلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەلىپى نېمە؟ 

جاۋاب: «ئۈچنى تۇتاشتۇرۇش، يەتتە بولۇش»، يەنى قاتتىقلاشتۇرۇلغان يولنى تۇتاشتۇرۇش، ئالاقە تورىنى تۇتاشتۇرۇش، كىنېتىكىلىق ئېلېكتىرنى تۇتاشتۇرۇش؛ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى بازىسى بولۇش، كوللېكتىپ كىرىمى بولۇش (يىللىق كىرىمى 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى)، بالىلار باغچىسى بولۇش، مەدەنىيەت پائالىيىتى ئۆيى بولۇش، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت مەركىزى بولۇش، داۋالاش ئۆيى بولۇش، ئەلگە نەپ تاللا بازىرى بولۇشتىن ئىبارەت. 

     18. ئاپتونوم رايون ئوتتۇرىغا قويغان نامرات كەنت ئاھالىلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەلىپى نېمە؟

جاۋاب: «ئالتە بار بولۇش، ئۈچ كاپالەتكە ئىگە بولۇش»، يەنى مۇقىم كىرىمى بار بولۇش (2020–يىلى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 4000 يۈەن بولۇش)، بىخەتەر تۇرالغۇ ئۆيى بار بولۇش، بىخەتەر ئىچىملىك سۇ بار بولۇش، تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان توك بار بولۇش، رادىيو–تېلېۋىزىيە بار بولۇش، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى بار بولۇش؛ مائارىپ، داۋالىنىش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش كاپالەتكە ئىگە بولۇشتىن ئىبارەت.

19. ئاپتونوم رايون ئوتتۇرىغا قويغان «توققۇز بىر تۈركۈم» دېگەن نېمە؟ 

جاۋاب: ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق بىر تۈركۈملىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، باشقا جايغا كۆچۈرۈش ئارقىلىق بىر تۈركۈملىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى بېرىش ئارقىلىق بىر تۈركۈملىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق بىر تۈركۈملىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق بىر تۈركۈملىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، چېگرا قوغدىغۇچىلىققا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق بىر تۈركۈملىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، يەرلەرنى ئېنىقلاش ئارقىلىق بىر تۈركۈملىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت جەھەتتە كاپالەتلەندۈرۈش ئارقىلىق بىر تۈركۈملىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش ئارقىلىق بىر تۈركۈملىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش. 

20. ئاپتونوم رايون ئوتتۇرىغا قويغان «ئون چوڭ مەخسۇس ھەرىكەت» قايسى؟ 

جاۋاب: كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش، تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئىجتىمائىي كاپالەت، ساغلاملىق جەھەتتە نامراتلارنى يۆلەش، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلى، جەمئىيەتنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش. 

    21. ئاپتونوم رايون ئوتتۇرىغا قويغان كۈچلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاش بويىچە «بەش بىر» دېگەن نېمە؟

جاۋاب: ھەر بىر نامرات كەنتكە يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقتىن ئاز دېگەندە بىرسى قوشماقلىشىپ يار-يۆلەك بولۇش، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان بىر ئۆلكە، شەھەر يار-يۆلەك بولۇپ ئورتاق قۇرۇش، ناھىيە دەرىجىلىك بىر رەھبىرىي كادىر نۇقتا بېكىتىپ ئالاقىلىشىش، بىر نەپەر 1-شۇجى ۋە «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىن بىرسى كەنتتە تۇرۇپ خىزمەت قىلىش.

22. ئاپتونوم رايون ئوتتۇرىغا قويغان «بىرنى تۇتۇش، ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈش» دېگەن نېمە؟

جاۋاب: پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.

23. قەشقەر ۋىلايىتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا يۆلەيدىغان نامراتلارنىڭ سانى قانچىلىك؟

جاۋاب: قەشقەر ۋىلايىتىدە 307 مىڭ ئائىلىدىكى 1 مىليون 273 مىڭ نامرات نوپۇسقا ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا تارقىتىلغان. 2017-يىلىدىن  2020-يىلىغىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسى 186 مىڭ ئائىلىدىكى 756 مىڭ كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت، بۇنىڭ ئىچىدە كۆك نامرات ناھىيە 11 (پوسكام ناھىيەسى بۇنىڭ سىرتىدا)، كۆك نامرات يېزا 92، كۆك نامرات كەنت 1019.

24. قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش پىلانى نېمە؟ 

جاۋاب: 2017-يىلى 79 مىڭ نامراتنى ئازايتىش، 114 نامرات كەنتنى نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈش. 2018-يىلى 188 مىڭ نامراتنى ئازايتىش، 228 نامرات كەنتنى نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈش، پوسكام ناھىيەسىنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش. 2019-يىلى 253 مىڭ نامراتنى ئازايتىش، 263 نامرات كەنتنى نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈش، قەشقەر شەھىرى، مارالبېشى، يېڭىشەھەر، كونىشەھەر، يوپۇرغا، مەكىت، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىرىنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش. 2020-يىلى 237 مىڭ نامراتنى ئازايتىش، 225 نامرات كەنتنى نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈش، قاغىلىق، يەكەن، يېڭىسار، پەيزاۋات ناھىيەلىرىنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ۋىلايەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمەت ۋەزىپىسىنى تاماملاشتىن ئىبارەت.

25. قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى تەسەۋۋۇرى قانداق؟ 

جاۋاب: «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق»تا ئاساسلىقى كىرىم مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ، ئەمگەك ئىقتىدارى بار نامرات ئائىلىگە نىسبەتەن ئاساسلىقى ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش يولغا قويۇلىدۇ؛ ئەمگەك ئىقتىدارى يوق نامرات ئائىلىگە نىسبەتەن ئاساسلىقى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن قىلىش يولغا قويۇلۇپ، 2020-يىلىغا بارغاندا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمنى 4000 يۈەنگە يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

26. قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كونكرېت تەدبىرى نېمە؟

جاۋاب: بىرىنچى، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، «ئاشلىق كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كېۋەز كۆلىمىنى ئازايتىش، باغۋەنچىلىك كۆلىمىنى كېڭەيتىش، چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش، ئالاھىدە كەسىپنى كۆپەيتىش»كە ئاساسەن قۇرۇلمىنى تەڭشەش؛ ئىككىنچى، ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، «ئالدى تەرەپ ھويلا، ئوتتۇرى باغ، ئارقىسى قوتان بولۇش»قا ئاساسەن ھويلا-ئاراننى تەرتىپكە سېلىش، رەتلەش؛ ئۈچىنچى، يەر ئېچىپ پايدا ئايرىپ بېرىپ، كىشى بېشىغا 2 مودىن يەر توغرا كېلىش ، يىللىق پايدا تەقسىماتى 1000 يۈەن بولۇش ئۆلچىمىگە ئاساسەن، نامرات ئائىلىلەرگە پايدا ئايرىپ بېرىش؛ تۆتىنچى، يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەپ، تەقسىملىمە قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش ئارقىلىق ياردەم پۇلى تولۇقلىمىسىدىن مەنپەئەتلەندۈرۈش.

27. قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كونكرېت تەدبىرى نېمە؟

جاۋاب: «بىر ئائىلىدىن بىر كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نىشان قىلىش. ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىگە بىر تۈركۈملىرىنى ئەۋەتىش، يەرلىك كارخانىلار بىر تۈركۈملىرىنى ھەل قىلىش، ھەمراھ زاۋۇتلار بىر تۈركۈملىرىنى قوبۇل قىلىش، باقمىچىلىق رايونلىرى بىر تۈركۈملىرىنى يېتەكلەش، ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىش ئورنى ئارقىلىق بىر تۈركۈملىرىگە يار-يۆلەك بولۇش، بىر تۈركۈملىرىنى تۈر قۇرۇلۇشىغا قاتناشتۇرۇش، بىر تۈركۈملىرى مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەش.

    28. قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى كاپالىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئۇسۇلى قايسىلار؟

جاۋاب: خەلقنى خاتىرجەم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ بېيىتىش قۇرۇلۇشى، مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشى، باشقا جايغا كۆچۈرۈش تۈرى، يېزا كوللېكتىپ ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆيىدىن ئىبارەت تۆت خىل ئۇسۇل بار، ئۆلچەم  بويىچە  يېڭى ئۆي سالسىمۇ، ئەسلىدىكى ئۆينى ئۆزگەرتىپ مۇستەھكەملىسىمۇ بولىدۇ.

29. قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مائارىپ كاپالىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئاساسلىق تەدبىرى نېمە؟

جاۋاب: بىرىنچى، «قوش تىل»لىق بالىلار باغچىسىنىڭ قۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى ئىمكانقەدەر قۇرۇش، باغچىغا كىرىش يېشىغا توشقان بالىلارنىڭ ھەممىسىنى تولۇق باغچىغا قوبۇل قىلىش؛ ئىككىنچى، 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپ سىياسىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ ئۈچىنچى، دۆلەت تىلى مائارىپىدا ئۈچ يىل ئىچىدە ئومۇميۈزلۈك بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىشنى تاماملاپ، دۆلەت تىلى مائارىپى بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى %100كە يەتكۈزۈش؛ تۆتىنچى، كەسپىي مائارىپتا «ھەممە ناھىيەدە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ بولۇش، ۋىلايەتتە كەسپىي تېخنىكوم بولۇش»، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغانلارنى كەسپىي ماھارەت جەھەتتىن تەربىيەلەش ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ بەشىنچى، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى- سىرتىدىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپتىن يۇقىرى مەكتەپلەردە  ئوقۇۋاتقان ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىغا ھەر يىلى 6000 يۈەن ۋە 3000 يۈەن ئىقتىسادىي ياردەم قىلىشتىن ئىبارەت.

    30. قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ داۋالىنىش كاپالىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئاساسلىق تەدبىرى نېمە؟ 

جاۋاب: بىرىنچى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، چوڭ كېسەللىك سۇغۇرتىسى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاپ، نامرات نوپۇسنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش نىسبىتىنى %100كە يەتكۈزۈش. ئىككىنچى، نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئېغىر كېسەللىكلىرىنى تۈرگە ئايرىپ داۋالاش. ئۈچىنچى، يېزا (بازار)لىق شىپاخانا ۋە كەنت داۋالاش ئۆيىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش. تۆتىنچى، نامرات ئاھالىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش ۋە ئائىلە داۋالاش مۇلازىمىتى كېلىشىمى ئىمزالاشنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش. بەشىنچى، پىلانلىق پەرزەنت كۆرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، 2020-يىلدىن بۇرۇن نوپۇسنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنى  ‰18 ئىچىدە تىزگىنلەش.

31. قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش تەدبىرى نېمە؟

جاۋاب: ئاپتونوم رايون باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، شەھەر، ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ 1-قول رەھبەرلىرى ئۆزى تۇتۇش. بىرىنچى، ھەر بىر ناھىيەگە نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى تۇتىدىغان ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى بىر مۇئاۋىن شۇجىسىنى سەپلەش، دائىمىي مۇئاۋىن ھاكىم ۋە بىر مۇئاۋىن ھاكىم خىزمەتلەرگە ماسلىشىش. ئىككىنچى، 92 كۆك نامرات يېزىنىڭ ھەر بىرسى بىلەن ئالاقىلىشىشقا بىر نەپەر مۇئاۋىن ھاكىم دەرىجىلىك رەھبەرنى بېكىتىپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ئاساسلىق تۇتىدىغان بىر نەپەر مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن شۇجى سەپلەش. ئۈچىنچى، كەنت نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى پونكىتىغا يېزا ئىگىلىكىنى، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى چۈشىنىدىغان نامراتلارنى يۆلەشكە مەسئۇل مۇئاۋىن بۆلۈم دەرىجىلىك شۇجى سەپلەپ، مەخسۇس ئىش ئورنىدا نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى تۇتۇشقا مەسئۇل قىلىش.

32. قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ نامراتلارنى يۆلەيدىغان ھەر دەرىجىلىك كۈچلەرنى سەپلەش ئۆلچىمى قانداق؟

جاۋاب: ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنت دەرىجىلىك نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى ئىشخانىسىغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا كەم دېگەندە 50 ئادەم، 35 ئادەم، 10 ئادەم ۋە بەش ئادەم سەپلەش. 

33. قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە بولغان نازارەتچىلىك، ئىنتىزام ئىجراسىنى كۈچەيتىش تەدبىرى نېمە؟ 

جاۋاب: بىرىنچى، ئىشتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ھەر بىر يېزىغا ئىككى كەسپىي بوغالتىر سەپلەپ، كەسىپكە پىششىق بولماسلىق سەۋەبلىك بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلۈشتىن ساقلىنىش. ئىككىنچى، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنىڭ مەدىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، «بىر گەۋدىلەشكەن بىرلەشمە جەڭ قىلىش سۇپىسى»گە تايىنىپ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشكە ياردەم بېرىپ، ساختىپەزلىك قىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش. ئۈچىنچى، نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەريانىدا يۈز بەرگەن زور مەسىلىلەرگە  قارىتا «بىر دېلودا قوش تەكشۈرۈش»نى يولغا قويۇش. تۆتىنچى، نامراتلىقنى ئازايتىش كۆرسەتكۈچىنىڭ ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ باھالاش كۆرسەتكۈچىدىكى سالمىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئارقىدا قالغان ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش. بەشىنچى، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى ئېغىرلىتىپ قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش.

34. نامرات نوپۇس، نامرات كەنت، نامرات ناھىيەلەرنى نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈش تەرتىپى قانداق؟

جاۋاب: نامرات نوپۇسلارنى نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈش «دېموكراتىك باھالاش، دەلىللەپ ئېتىراپ قىلىش، ئاشكارا ئېلان قىلىپ تەكشۈرۈش، تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈلگەنلىكىنى ئاشكارا ئۇقتۇرۇش قىلىش» تەرتىپى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ؛ نامرات كەنتنى نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈش «تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنى ئىلتىماس قىلىش، دەلىللەپ ئېلان قىلىش، ئاشكارا ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇش، پەرقلەندۈرۈپ چېكىندۈرۈش» تەرتىپى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ؛ نامرات ناھىيەنى نامراتلىقتىن چىكىندۈرۈش «ناھىيە (شەھەر) ئىلتىماس قىلىش، ۋىلايەت دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈش، ئاپتونوم رايون بېكىتىش، دۆلەت باھالاش، چېكىندۈرۈشنى تەستىقلاش» تەرتىپى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

35. نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئىلكىدىكى كىرىمىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى قانداق ؟

جاۋاب: ئىلكىدىكى كىرىم = كىرىم - چىقىم. بۇنىڭ ئىچىدە كىرىم تۆت قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق قاتارلىق تىجارەت خاراكتېرلىك كىرىم، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق مائاش خاراكتېرلىك كىرىم، ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، پاختا باھا تولۇقلىمىسى قاتارلىق يۆتكىلىشچان كىرىم، يەر ئۈچۈن ئايرىپ بېرىلگەن پايدا كىرىمى، ئامانەت پۇل ئۆسۈمى قاتارلىق مال-مۈلۈك خاراكتېرلىك كىرىم. چىقىمدا پەقەت سۇ ھەققى ، خىمىيەۋى ئوغۇت، ئۇرۇقلۇق، ماشىنىدا تېرىش-يىغىش ھەققى قاتارلىق تىجارەت خاراكتېرلىك چىقىم ھېسابلىنىدۇ.