باش بەت>قەشقەر

قىشتىكى ئىللىقلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى

يوللانغان ۋاقىت:2017-12-18 19:51:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:قەيسەر داۋۇت


ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز تاھىرجان ئاتاۋۇللا، ئايىمگۈل ھەسەن خەۋىرى، فوتوسى: يېقىندا، قەشقەر خېنەنلىك سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىدىكى ساخاۋەتچى كارخانىچىلار قەشقەر شەھىرى پاختەكلە يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 210 نەپەر ئوقۇغۇچىغا 17 مىڭ يۈەن قىممىتىدە قىشلىق كىيىم-كېچەك، ئوقۇش قوراللىرى ۋە كىتاب سوۋغا قىلىپ، قىشتىكى سوغۇقتا سەبىيلەر قەلبىگە ئىللىقلىق ئاتا قىلدى.

بۇ مەكتەپنىڭ  4- يىللىق سىنىپ ئوقۇغۇچىسى مۇنىسە ئابدۇرېھىم مۇنداق دېدى: بۈگۈن تاغا-ھەدىلىرىمىز بىزگە قىشلىق كىيىم-كېچەك ۋە كىتابلارنى ئېلىپ كەپتۇ، بىز بەكمۇ خۇشال بولدۇق، ئۇلارنىڭ بىزگە قىلغان غەمخورلۇقىغا جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن، چوقۇم جاپاغا چىداپ تىرىشىپ ئوقۇپ، ۋەتەنگە تۆھپە قوشىمىز.

بۇ كۈندىكى پائالىيەتتە بالىلار كارخانىچىلارغا بولغان رەھمىتىنى جىڭجۈ تىياتىرىدىن ئارىيە ئورۇنداپ بېرىش ئارقىلىق ئىپادىلىدى.