باش بەت>قەشقەر

باغئېرىقتا «يۈز ئائىلە ئىتتىپاقلىق رىشتىسى» بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

يوللانغان ۋاقىت:2017-12-18 19:45:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:قەيسەر داۋۇت

سۈرەتتە: تۇغقانلىشىش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش.

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دولقۇن تۇرسۇن خەۋىرى، فوتوسى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى يەنىمۇ پورەكلىتىش ئۈچۈن، يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، پوسكام ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىدىكى كادىر-ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئالاقىلىشىش نۇقتىسى بولغان يىما يېزا باغئېرىق كەنتىگە بېرىپ تۇغقانلىشىش، قوشماقلىشىش، «ئۈچتە بىللە بولۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. 12-ئاينىڭ 13- كۈنى ئۇلار كەنت ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەت مەركىزىدە تۇغقانلىشىپ قوشماقلاشقان ئائىلىلەر ۋە بارلىق كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىللە تاماق ئېتىپ يەپ، «يۈز ئائىلە ئىتتىپاقلىق رىشتىسى» تېمىسىدىكى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى مول مەزمۇنغا ئىگە قىلدى.