باش بەت>قەشقەر

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولايلى

يوللانغان ۋاقىت:2017-12-21 11:09:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:قەيسەر داۋۇت

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى قەلبلەرنى ئىللىتتى


مۇخبىرىمىز پەرىدەم مەخەت خەۋىرى، فوتوسى: يېڭىشەھەر ناھىيە ئەرمىدۇن يېزا بوستانلىق كەنتىدىكى «ئۈچ ئەل» خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار 12-ئاينىڭ 18- كۈنى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىدىن كېيىن، 500 دىن ئارتۇق دېھقان-چارۋىچى بىلەن بىرلىكتە تەنتەنىلىك قەسەم بېرىپ، پوزىتسىيەسىنى ئېنىق بىلدۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە جەڭ ئېلان قىلىپ، پارتىيەگە بولغان ساداقىتىنى ئىپادىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى بويىچە قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

پائالىيەت جەريانىدا، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر دېھقانلارغا پارتىيە 19-قۇرۇلتيىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ھەمدە ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ لازىمەتلىكلەرنى سېتىۋىلىپ، بۇ كەنتتىكى دېھقانلار بىلەن بىر ۋاخ ئىتتىپاقلىق تامىقى يېدى ۋە ئۇلار بىلەن ئۆز ئارا سىردىشىپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، كوللېكتىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ مېھر-مۇھەببىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى.

بوستانلىق كەنتىدىكى دېھقانلار بەس-بەستە مۇنداق دېيىشتى: بۈگۈنكى پائالىيەت قەلبىمىزنى ئىللىتتى. بىز مۇشۇنداق ئىناق، گۈزەل تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ قەدىرلەپ، پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار بۇ كەنتكە كەلگەندىن بۇيان، زىيارەت قىلىش، ھال سوراش پائالىيىتىنى ئىزچىل قانات يايدۇرۇپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئوي-پىكرى، ئارزۇسى، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشتا يولۇققان قىيىنچىلىقلىرىنى ئىگىلەپ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئەل قەلبىنى مايىل قىلىپ، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملىگەن.