باش بەت>قەشقەر

دېھقانلار كونا ئۆيلەردىن كۆچۈرۈلۈپ، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇلدى

يوللانغان ۋاقىت:2017-12-24 19:38:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:قەيسەر داۋۇت

ــ مارالبېشى ناھىيەسىدىكى باشقا جايغا كۆچۈرۈلگەن نامراتلارنىڭ بېيىش يولىغا ئاتلانغانلىقى توغرىسىدا

«شىنجاڭ گېزىتى» مۇخبىرى: خەن چىنيەن

ئانارگۈل ئابلىمىت )سولدىن 2-كىشى(نىڭ ئاپىسى ۋە سىڭلىسى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى يەكەن ناھىيەسىدىن ئۇلارنى يوقلاپ كەلدى. ئانارگۈل ئابلىمىتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بۇ يىل 8-ئايدا مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئاقساقمارال يېزىسى گۈزە كەنتىدىن مارالبېشى بازىرىنىڭ «چېڭنەن» يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا بازىرىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان مەركەزلىك ماكانلاشتۇرۇش نۇقتىسى بولغان بەخت مەھەللىسىگە كۆچۈپ كەلگەنىدى.   («شىنجاڭ گېزىتى» مۇخبىرى خەن چىنيەن فوتوسى)

تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى تولۇق يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەن 43 ياشلىق روزىگۈل ياقۇپ كۆز ئالدىدىكى ھەممە نەرسىگە ئىشەنگۈسى كەلمەي قارايتتى. روزىگۈل ياقۇپ مۇنداق دېدى: بىنا ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ، ئىسسىق-سوغۇقنى كۆرمەيدىغان، ئۆينىڭ ئۆگزىسىدىن يامغۇر ئۆتۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەيدىغان بولدۇم، زامانىۋى ئاشخانام بار بولدى، خۇشاللىقىمنى سۆز بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن!

روزىگۈل ياقۇپ مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئاقساقمارال يېزىسى گۈزە كەنتىدىن بولۇپ، 2017-يىلى 8-ئايدا ناھىيەنىڭ ئون يېزا-بازىرىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 813 ئائىلىدىكى 2693 ئاھالە قاتارىدا مارالبېشى بازىرىنىڭ «چېڭنەن» يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا بازىرىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان مەركەزلىك ماكانلاشتۇرۇش نۇقتىسى بولغان بەخت مەھەللىسىگە كۆچۈپ كېلىپ، بەختىيار يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىدى.

روزىگۈل ياقۇپ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىش مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلغانلىقىنىڭ كارتىنىسى ئىدى.

دىققەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، خەلقنى بېيىتىدىغان كەسىپلەر قۇرۇلۇشى پىلانلاندى

يېقىن ئەتراپتىكى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر رايونىدا ئىشلەيدىغان روزىگۈل ياقۇپ يېڭى ئورۇنغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، خىزمەت ۋە تۇرمۇشىدىن ئىنتايىن رازى بولغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: ھازىر كۈندە 80 يۈەن، ئايدا 2000 يۈەندىن كۆپرەك پۇل تاپالايمەن. ئېرىم يېقىن ئەتراپتىكى قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشلەپ، كۈنىگە 100 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىدۇ.

روزىگۈل ياقۇپ ئىشلەۋاتقان زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر رايونى مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشتىكى يانداش كەسىپ رايونى بولۇپ، بۇ رايونغا پىلان بويىچە ئۈچ ئەينەك پارنىك ۋە 100 كۈن نۇرى پارنىكى سېلىنىدۇ. «يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش + زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى + زامانىۋى چارۋىچىلىق» بىر گەۋدە قىلىنغان زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر رايونىدا ماكانلاشتۇرۇش ئۆيى سېلىش، كۆكتات پارنىكى ياساش، كالا-قوي قوتىنى سېلىش قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق يۆلەش تۈرىنى يولغا قويۇش پىلانلىنىپ، كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇش ۋە باشلامچى كارخانىلارنى جەلپ قىلىش ئارقىلىق كۆچۈرۈلگەن ئاھالىلەرنىڭ كەسىپلەر رايونىدا ئىشلىشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ ھەم قوشقان پېيىغا قاراپ پايدا تەقسىملىنىپ، كۆچۈرۈلگەن ئامما مۇقىم كىرىمگە ئىگە قىلىنىدۇ.

391 مىليون 301 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بەخت مەھەللىسىدە تۇرمۇش رايونى، ئىشلەپچىقىرىش رايونى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ تۈردە 2016-يىلى ئىش باشلانغانىدى، ھازىر 274 مىليون 710 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئەمەلىيلەشتى.

مارالبېشى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى خې چياڭ مۇنداق دېدى: كۆچەلەيدىغان بولۇش ئالدىنقى شەرت، مۇقىم ئولتۇراقلىشالايدىغان بولۇش ئاساس، بېيىش يولىنى تاپالايدىغان بولۇش مەقسەت. مارالبېشى ناھىيەسى كۆچۈرۈلگەن ئائىلىلەرنىڭ «يېڭى ئۆيلەردە ئولتۇرۇپمۇ غۇربەتچىلىكتە كۈن كەچۈرۈش»ىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، يىرىك پىلاندا دىققەتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈش، ئورۇن تاللاشتا دىققەتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈش، ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇلىدا دىققەتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈش، قۇرۇلۇش قىلىش جەريانىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، خەلقنى بېيىتىدىغان كەسىپلەر قۇرۇلۇشىنى تەڭ قەدەمدە پىلانلىدى.

«ئاھالىلەر پاتقاققا مىلەنگەن ئاياغلىرىنى يېڭى ئاياغقا ئالماشتۇردى، كاڭلارنى چۇۋۇپ، بىنالارغا كۆچۈپ كىردى». ھازىر مارالبېشى ناھىيەسىدە روزىگۈل ياقۇپقا ئوخشاش نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشتىن نەپ ئالغان ئائىلىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى.

مارالبېشى ناھىيەسى ئامما ئىختىيار قىلىش، پائال مۇۋاپىق بولۇش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ياشاش شارائىتى ناچار، تەرەققىي قىلىش ئاساسىي شەرتىنى ھازىرلىمىغان ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەپ، كۆچۈرۈشتىن ئىلگىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن ئومۇمىي مۇساپىلىك مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، «بىر ئائىلىنى كۆچۈرسە، شۇ ئائىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نىشانىغا يەتتى.

باشقا جايغا كۆچۈرۈلگەنلەر بېيىش يولىنى تاپتى

مارالبېشى ناھىيەلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەن بىڭ مۇنداق دېدى: نامراتلارنى يۆلەش بويىچە كۆچۈرۈلگەنلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان جايلارنىڭ ئەتراپىغا يېڭىدىن كەسىپلەر رايونى قۇرۇپ ۋە ئۇل ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆچۈرۈلگەن نامرات ئاھالىلەرنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدۇق. كۆچۈرۈش ئوبيېكتلىرىنىڭ مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ، ئىشلەپ بېيىش يولىنى تاپالايدىغان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى نىشانلىدۇق.

بەخت مەھەللىسى مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش تۈرى، بۇ تۈرنى خەلق ھۆكۈمىتى بىر تۇتاش پىلانلاپ، بىر تۇتاش قۇردى، سۈپەت بىخەتەرلىكىنى بىر تۇتاش نازارەت قىلىپ باشقۇردى، ئۆيلەر پۈتكەندىن كېيىن تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنىپ، ئائىلىلەرگە بىۋاسىتە تەقسىم قىلىپ بېرىلدى.

12-ئاينىڭ 10-كۈنى، بەخت مەھەللىسى ئەتراپىدىكى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر رايونىدا قىشتىمۇ ئىشلەپچىقىرىش رايونىدىكى پارنىكلارنىڭ باھاردەك ئىللىق تۈسكە كىرگىنىنى، ئىشچىلارنىڭ كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدىغان شوخلىلار، ياپيېشىل تەرخەمەكلەرنى ئۈزۈپ، تاللا بازارلىرىغا توشۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.

«تەقسىملەنمە يورۇقلۇق ۋولتزامانىۋى يېزا ئىگىلىكى» بىر گەۋدە قىلىنغان زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر رايونىدا، نىڭشيا «فېينى» يېزا ئىگىلىك مەبلەغ سېلىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن كەلگەن ئىشچى-خىزمەتچىلەر جىددىي ئىشلەۋاتاتتى.

مارالبېشى ناھىيەلىك «جۇڭچۈەن» يېشىل ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ خەيتاۋ مۇنداق دېدى: ئەمىن تاپقۇزۇش ئۆيى ۋە كۆكتات پارنىكلىرىنىڭ ئۆگزىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان يورۇقلۇق ۋولتتىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش ئەسلىھەلىرى ئارقىلىق، «ئۆگزىدىكى تەقسىملەنمەيېزا ئىگىلىك يورۇقلۇق ۋولتىنى ئۆزئارا تولۇقلاش» يۈرۈشتۈرۈش شەكلى يولغا قويۇلدى. مارالبېشى ناھىيەسى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىدە يورۇقلۇق ۋولتتىن پايدىلىنىپ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش 1-قارارلىق تۈرىگە 281 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىدى.

مۆلچەرلىنىشىچە، 1-قارارلىق تۈرنىڭ 25 يىلدا ئومۇمىي توك تارقىتىش مىقدارى 1 مىليارد 57 مىليون 500 مىڭ كىلوۋات سائەتكە يېتىدىغان بولۇپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 42 مىليون 300 مىڭ كىلوۋات سائەت توك چىقارالايدىكەن، شۇ جاينىڭ يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق چىقىرىلغان توردىكى توكنىڭ ھەر كىلوۋات سائىتىنى 0.75 يۈەنلىك باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، يىلىغا چىقىرىلغان توكتىن 31 مىليون 725 مىڭ يۈەن كىرىم قىلغىلى بولىدىكەن.

بەخت مەھەللىسىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 813 نامرات ئائىلىنىڭ ئۆيى ۋە پارنىكلىرىنىڭ ئۆگزىسىگە يورۇقلۇق ۋولت تۈرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئائىلىلەر بۇنىڭغا پاي قوشقان، يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى توك سېتىش تۈرىدىنلا ھەر بىر نامرات ئائىلىگە يىلىغا 3000 يۈەن كىرىم تەقسىملەپ بېرىدۇ، نامرات ئائىلىلەر بۇنىڭدىن ئۇدا 20 يىل نەپ ئالالايدۇ. 20 يىلدا كارخانا يەنە ھەر يىلى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرگە 1000 كىلوۋات سائەت توك سوۋغا قىلىدۇ.

ۋاڭ خەيتاۋ مۇنداق دېدى: كۆچۈرۈلگەنلەر كارخانىلارغا بېرىپ ئىشلەش جەريانىدا مۇناسىپ تېخنىكىنى ئىگىلىسە، ئايلىق ئىش ھەققىنىڭ 2000 يۈەندىن ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

مارالبېشى ناھىيەسى يەنە سانائەت رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئەمگەك ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى مۇددەتتىن بۇرۇن يولغا قويۇپ، ئاھالىلەر كۆچۈرۈلگەن نۇقتىلار ئەتراپىدا ھەمراھ زاۋۇت قۇرۇپ، كۆچۈرۈلگەن نامراتلارنىڭ ئۆز يېرىدە ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلق ھۆكۈمىتى پاراۋانلىق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق، ئۇلارنى ئامانلىق ساقلىغۇچى، ساقچى ياردەمچىسى، مۇھىت ئاسراش ئىشچىسىلىق ئىش ئورۇنلىرىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ «نامراتلارنى يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق يۆلەشزامانىۋى يېزا ئىگىلىكىزامانىۋى چارۋىچىلىق» ئەندىزىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلىشى بىلەن، «نامراتلارنى تېخنىكا جەھەتتىن يۆلەش» ئىدىيەسى شۇ جايدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى.

ھازىر بەخت مەھەللىسىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 1046 كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 219 كىشى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى

«يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپلا قالماي، يەنە خىزمەتمۇ تاپتىم»، نامراتلارنى كۆچۈرۈش ئارقىلىق يۆلەش ھەققىدە گەپ بولغاندا، 29 ياشلىق ئانارگۈل ئابلىمىتنىڭ چېھرىدىن بەخت كۈلكىسى جىلۋىلەندى.

ئانارگۈل ئابلىمىتنىڭ ئائىلىسىدىكى تۆت جان بۇ يىل 8-ئاينىڭ بېشىدا مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئاقساقمارال يېزىسى گۈزە كەنتىدىن كۆچۈپ كەلگەنىدى. كۆچۈپ كېلىشتىن ئىلگىرى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمى پەقەت بىرنەچچە مو يەرگىلا قاراشلىق ئىدى.

ئانارگۈل ئابلىمىتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، ئانارگۈل ئابلىمىت زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر رايونىدا، ئېرى ئابلىكىم سەمەت مارالبېشى پويىز ئىستانسىسى يېنىدىكى مال توشۇش ئورنىدا ئىشقا ئورۇنلاشتى، چوڭ ئوغلى ئۆينىڭ يېنىدىكى مارالبېشى ناھىيەلىك 3-باشلانغۇچ مەكتەپتە، كىچىك ئوغلى مەھەللىدىكى يەسلىدە ئوقۇدى.

ئانارگۈل ئابلىمىت مۇنداق دېدى: ئاتا-ئانىمىز بىزگە ئېلىپ بېرەلمىگەن بىنا ئۆينى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ھازىرلاپ بەردى. بۇنداق ياخشى تۇرمۇشنى ئىلگىرى ئويلاشقىمۇ پېتىنالمايتتۇق. بىز چوقۇم پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى قەدىرلەيمىز.

ــ بالام، توغرا دېدىڭ، بىز چوقۇم پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىمىز كېرەك،-دېدى يەكەن ناھىيەسىدىن قىزىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلاپ كەلگەن ئانارگۈل ئابلىمىتنىڭ ئاپىسى.

مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى گۈلجامال تۇرسۇن مۇنداق دېدى: بىنا ئۆي ئائىلە جان سانى ئۈچتىن-تۆتكىچە بولغان ئائىلىلەرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن سېلىنغان بولۇپ، 68 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، مېھمانخانىسى، ياتاق ئۆيى، ئاشخانىسى، تازىلىق ئۆيىنىڭ ھەممىسى تەل.

خې چياڭ مۇنداق دېدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بىر تۈرلۈك مۇرەككەپ سىستېما قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا نامرات ئاھالىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئىشەنچىسىنى قايتا تۇرغۇزۇش قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ. نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش بىلەن شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كۆچۈرۈلگەنلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئۇلارنىڭ «يېڭى ئۆيلەردە ئولتۇرۇپمۇ غۇربەت كۈن كەچۈرۈش»ىدىن ساقلىنىش كېرەك.

مۇشۇنىڭغا ئوخشاش «ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈش» بەخت باغچىسى مەھەللىسىدە قەدەمدە بىر ئۇچرايدۇ. سۇ، توك، پار، يول، تەبىئىي گاز، رادىيو   تېلېۋىزىيە سىگنالى، مەدەنىيەت مەيدانى، يەسلى، ئاھالىلەر مۇلازىمەت مەركىزى، كەچلىك بازار قاتارلىق يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەر سەپلىنىپ ئىشلىتىلىشكە كىرىشتۈرۈلدى، جامائەت مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرىنىڭ ھەممىسى تەل بولدى، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى.بەخت باغچىسى مەھەللىسىگە كۆچۈپ كەلگەن ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 813 نامرات ئاھالىنىڭ يەنە بىرنەچچە يىلغىچە «ئىشىكى ئالدىدىلا» خىزمەتكە ئورۇنلىشىشىدىن، ئۇلارنىڭ دېھقاندىن شەھەر ئاھالىسىگە ئايلىنىشىدىن ئۈمىد تۇغۇلدى.