باش بەت>قەشقەر

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كارخانىلار پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى بالىلارنىڭ خۇشال-خۇرام ئوقۇشىغا ياردەم بەردى

يوللانغان ۋاقىت:2017-12-26 15:36:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:تۇمارس يالقۇن

    

      ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز چېن سۇڭ خەۋىرى، فوتوسى: 12-ئاينىڭ 22-كۈنى شاڭخەي «تاۋتۇ» كارتون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى پەيزاۋات ناھىيە قىزىلبويى يېزىسىنىڭ بودىمال كەنتىدىكى بالىلارغا 10 مىڭ يۈەن قىممىتىدە «خۈەنفېيلې بالىلارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى قوللىنىش ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كارتون دەرسلىكى» ئىئانە قىلدى ھەمدە بالىلار باغچىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلىدى.

شاڭخەي «تاۋتۇ» كارتون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، «خۈەنفېيلې» بالىلارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى قوللىنىش ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كارتون دەرسلىكىنى تەتقىق قىلىپ چىققان. بۇ دەرسلىك ئوقۇتقۇچىلار قوللانمىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار قوللانمىسى دەپ بۆلۈنگەن بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ DVD  لىك ئوقۇتۇش، ئوقۇتقۇچىلارنى DVD سىن چاستوتىسىدا تەربىيەلەش، ئوقۇتۇشتا پايدىلىنىش كىتابلىرى، تىل-يېزىق توپلىمى ۋە كارتون ئاسما رەسىملىرى قاتارلىقلارنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كارتون رەسىملەرگە رەڭ بېرىش دەپتىرى ۋە ھېكايىلەر توپلىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ دەرسلىكلەر ئاپتونوم رايون بويىچە بىر تۇتاش تۈزۈلگەن دەرسلىكلەرنى چوڭقۇر يېشىپ چۈشەندۈرگەن ھەم يۈرۈشلەشتۈرگەن بولۇپ، بالىلار ئىقتىدارىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆسۈشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن.

شىنجاڭ گېزىتخانىسىدىن مائارىپقا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچى شيې لۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ كارتونلۇق دەرسلىكلەرنىڭ مەزمۇنى ئاپتونوم رايون بويىچە بىر تۇتاش تۈزۈلگەن دەرسلىككە ئاساسەن تۈزۈلگەن بولۇپ، باب، پاراگىرافلىرى بىرگە بىر ماس كېلىدۇ. دەرسلىكلەردىكى كارتون رەسىملەر، مۇزىكا، رەسىم سىزىش دەپتىرى بالىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ياخشى ئۆگىنىشىگە ياردىمى بولىدۇ.

قىزىلبويى يېزىلىق مەركىزىي بالىلار باغچىسىنىڭ مۇدىرى لى لىڭ ماۋۇلارنى بىلدۈردى: بالىلىق مەزگىل تىل ئۆگىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى، كارتون رەسىم، سۈرەتلەر ئارقىلىق ئوقۇتۇش ئېلىپ بارغاندا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئۈنۈمى ۋە بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنى خاتىرجەم دەرس ئۆتۈش، بالىلارنى ئازادە مۇھىت ئىچىدە ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.