باش بەت>قەشقەر

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى پەن-تېخنىكا جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە تەدبىردە يېڭىلىق يارىتىپ يېڭى ساھە ئاچتى

يوللانغان ۋاقىت:2017-12-27 11:53:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:

يېتەكچى مۇخبىرىمىز ۋاڭ ۋېنبو خەۋىرى: گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ياردەم بېرىپ قۇرغان قەشقەر-گۇاڭدۇڭ قىزىلچا قۇرۇلۇشى تېخنىكا تەتقىقات مەركىزى بىلەن قەشقەر-گۇاڭدۇڭ ئالاھىدە مېۋە-چېۋە پىششىقلاپ ئىشلەش قۇرۇلۇشى تېخنىكا تەتقىقات مەركىزىگە كېلىشىم ئىمزالاش ۋە يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۆتكۈزۈلدى. قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى خې يۈ ئىككى تەتقىقات مەركىزىگە ۋېۋىسكا ئاستى.

2017-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى چاقىرىلغان گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كەسىپ قاتلىمى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش» تەلىپىگە ئاساسەن، قەشقەر-گۇاڭدۇڭ پەن-تېخنىكا تەتقىقات ئاكادېمىيەسى جەنۇبىي جۇڭگو تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك پەنلىرى ئاكادېمىيەسى، قەشقەر «ئوۋدۇ» شىكەرچىلىك چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ «شىشېڭ» مېۋىچىلىك شىركىتى بىلەن بىرلىكتە ئىككى تەتقىقات مەركىزىنى قۇردى. قەشقەر-گۇاڭدۇڭ قىزىلچا قۇرۇلۇشى تېخنىكا تەتقىقات مەركىزى ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ شىكەر زاۋۇتى ــــ قەشقەر «ئوۋدۇ» شىكەرچىلىك چەكلىك شىركىتىنى بازا قىلىپ، قەشقەر-گۇاڭدۇڭ پەن-تېخنىكا تەتقىقات ئاكادېمىيەسى جەنۇبىي جۇڭگو تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ تەبىئىي مەھسۇلاتلارنى يېشىل پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە مەھسۇلات بىخەتەرلىكى نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىدىن قىزىلچىدىن مېۋە يىلىمى ئېلىش تېخنىكا نەتىجىسىنى كىرگۈزۈپ، كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرىدۇ؛ قەشقەر-گۇاڭدۇڭ ئالاھىدە مېۋە-چېۋە پىششىقلاپ ئىشلەش قۇرۇلۇشى تېخنىكا تەتقىقات مەركىزى قەشقەردە 20 يىلغا يېقىن تارىخى بولغان شىنجاڭ «شىشېڭ» مېۋىچىلىك شىركىتىگە تايىنىپ، گۇاڭدۇڭ پەن-تېخنىكا تەتقىقات ئاكادېمىيەسى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك ئاكادېمىيەسى پىششىقلاپ ئىشلەش ئورنىدىن يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى ۋە پەن-تېخنىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش تەجرىبىلىرىنى كىرگۈزۈپ، مېۋە ھارىقى، مېۋە شەربىتى، مېۋە ئاچچىقسۈيى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ۋە بازار ئېچىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ. بۇ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە (شەھەر) ئىچىدە باشلامچىلىق بىلەن شىنجاڭدىكى كارخانىلارغا ياردەم بېرىپ، زور پەن-تېخنىكا سۇپىسى بەرپا قىلىشتىكى ئىجادىي تەدبىرى ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ كارخانا قۇرۇلۇش تېخنىكا تەتقىقات مەركىزى جەھەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىندى.

يېڭىدىن قۇرۇلغان ئىككى قۇرۇلۇش تېخنىكا تەتقىقات مەركىزى قەشقەر ۋىلايىتىدىكى كارخانىلار مەبلەغ سېلىشنى ئاساس قىلىش شەكلى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ياخشى، مەھسۇلات قىممىتى يۇقىرى، ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ۋە يۇقىرى قوشۇلما قىممەتكە ئىگە بولۇشىنى ئاساسلىق يېڭىلىق يارىتىش يۆنىلىشى قىلىپ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىدە كەسىپلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭ بازىرىنى يېتەكچى، كارخانىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىنى سۇبيېكىت قىلغان، ئىشلەپچىقىرىش، ئۆگىنىش، تەتقىقات تولۇق بېرىككەن يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى بەرپا قىلىدۇ.

ۋېۋىسكا ئېسىش مۇراسىمىدا قەشقەر-گۇاڭدۇڭ پەن-تېخنىكا تەتقىقات ئاكادېمىيەسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا قەشقەر «ئوۋدۇ» شىكەرچىلىك چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ «شىشېڭ» مېۋىچىلىك شىركىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە كېلىشىم ئىمزالىدى.