باش بەت>قەشقەر

يېڭىشەھەر ناھىيەسى يېڭى يىل بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش يۈزىسىدىن «ئۈچ يېڭى لوڭقىسى» ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكى ئۆتكۈزدى

يوللانغان ۋاقىت:2017-12-28 17:40:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى


ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلھەسەل ھوشۇر خەۋىرى، فوتوسى: 12-ئاينىڭ 23-كۈنى يېڭىشەھەر ناھىيەسى يېڭى يىل بايرىمىنى كۈتۈۋىلىش يۈزىسىدىن «يېڭى دەۋرگە ئاتلىنىپ، جوڭگۇ ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرايلى» تېمىسىدىكى «ئۈچ يېڭى لوڭقىسى» ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكى ئۆتكۈزدى. 20 دىن ئارتۇق سەرخىل نومۇر تاماشىبىنلار ھوزۇرىغا سۇنۇلۇپ، يېڭى يىل بايرىمى نەغمە-ناۋا ئىچىدە كۈتۈۋېلىندى.

يالغۇز كىشىلىك ناخشا «كومپارتىيەگە رەھمەت»، «ۋەتەن»، راۋاب بىلەن ئورۇندالغان «پارتىيەگە مەدھىيە» قاتارلىق نومۇرلار ئارقا-ئارقىدىن ئوينىلىپ، ۋەتەنگە بولغان چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەت ئىپادىلەندى، قازاقچە ئۇسسۇل «قارا يورغا»، ياڭگىر ئۇسسۇلى «قاينام-تاشقىنلىققا تولغان كۈنلەر» قاتارلىق ئۇسسۇللاردا يېزا تۇرمۇشىدىكى يېڭى كەيپىيات ئىپادىلەندى. ئىتوت «كەنتىمىزدىكى ئىشلار»، «پاكلانغان قەلب» تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. كۈەيبەر «پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنەيلى»، «پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىغا مەدھىيە»دە كەلگۈسىگە بولغان گۈزەل ئارزۇ نامايان قىلىندى، سېرىك نومۇرلىرى ئورۇنلانغاندا تاماشىبىنلار تېخىمۇ ھاياجانلاندى. سەرخىل سەنئەت نومۇرلىرى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئوينىلىپ، تاماشىبىنلارغا جانلىق، گۈزەل، بەختلىك تۇرمۇش مەنزىرىسىنى نامايان قىلىپلا قالماي يەنە، ناھىيە خەلقنىڭ يېڭى دەۋرنى، يېڭى ئىدىيەنى مەدھىيەلەش، يېڭى مۇساپىگە قەدەم قويۇشتىن ئىبارەت روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلدى.

ئارال يېزىسىلىق دېھقان ئابدۇسەمەت مۇنداق دېدى: بۈگۈن سەھنىگە چىقىپ ئويۇن قويۇپ ئىنتايىن ھاياجانلاندىم، باشقا يېزا (بازار)لارنىڭ نومۇرلىرىمۇ ناھايىتى سەرخىلكەن، كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ.