باش بەت>قەشقەر

شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى يەكەن شۆبە قومدانلىق ئىشتابىنىڭ كادىرلىرى ئارال يېزىسىدىكى نامرات ئائىلىلەردىن ھال سورىدى

يوللانغان ۋاقىت:2018-01-04 10:50:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:تۇمارىس يالقۇن مەسئۇل مۇھەررىر:قەيسەر داۋۇت


يەكەن ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى خەۋىرى، فوتوسى: 1-ئاينىڭ 1-كۈنى شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى يەكەن شۆبە قوماندانلىق ئىشتابىدىكى بارلىق كادىرلار يەكەن ناھىيە ئارال يېزىسىنىڭ 13-كەنتىگە بېرىپ، 67 نامرات ئائىلىنى يوقلاپ، ھال سوراپ، ئۇلارغا 20 مىڭ يۈەن قىممىتىدە تۈرلۈك تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئىئانە قىلىپ، 3400 يۈەن ھال سوراش پۇلى تارقاتتى.

شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى يەكەن شۆبە قوماندانلىق ئىشتابى بىلەن ئارال يېزىسىنىڭ 13-كەنتى ئورتاق بەرپا قىلىش بويىچە قوشماقلاشقان ئورۇنلار بولۇپ، بۇ ئىشتابتىكىلەر كەنتكە كىرىپ زىيارەت قىلىش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈشنى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش خىزمىتىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم مەزمۇن قىلدى. يېڭى يىل ھارپىسىدا، بۇ ئىشتابنىڭ كادىر ئىختىساسلىقلىرى 13-كەنت كومىتېتىدىكىلەر ئارقىلىق نامرات ئائىلىلەرنىڭ يېڭى يىللىق ئارزۇ-تىلەكلىرىدىن 67نى ئىگىلىدى، بۇ ئاساسلىقى يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا بولغان ئەمەلىي ئېھتىياج ئىدى. ئارقىدىنلا يەكەن شۆبە قوماندانلىق ئىشتابى «ئارزۇ تېمى»، «تىلەك كارتىسى» ياساپ، ئاھالىلەرنىڭ ئارزۇ-تىلەكلىرىنى ئاشكارا ئېلان قىلدى، كادىرلار ئۆزلىرى قىلالايدىغان، قىلىشنى خالايدىغان «تىلەك كارتىسى»نى تاللاپ، ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ گۈرۈچ، ئۇن، سۈييېغى، كىيىم، توك قازان، توك چەينەك قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىپ نامرات ئائىلىلەرگە ئاپىرىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ يېڭى يىللىق ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى. 

شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى يەكەن شۆبە قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى، يەكەن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى يۈ گاڭجيې مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇپ يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى ئاپتونوم رايون بويىچە مەركەزلىك قانات يايدۇرۇلغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنىڭ ئەڭ ياخشى ناماياندىسى ھېسابلىنىدۇ، بىزنىڭ شىنجاڭغا ياردەمگە كېلىشتىكى مەقسىتىمىز قوشماقلاشقان تۇغقانلارنىڭ ئىشىنى ئۆزىمىزنىڭ ئىشى دەپ بىلىپ، ئۇلار ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىۋاتقان، ھەل قىلىشقا تەقەززا بولۇۋاتقان، ھازىر ھەل قىلغىلى بولىدىغان ئىشلارنى بارلىق ئاماللارنى قوللىنىپ ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشتىن ئىبارەت.