باش بەت>قەشقەر

شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ رىجاۋ شەھىرىدىن ئىئانە قىلىنغان كىيىم-كېچەك مەكىت ناھىيەسىدىكى بالىلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى

يوللانغان ۋاقىت:2018-01-07 17:59:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر


ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ليۇ مېڭخۇا خەۋىرى، فوتوسى: بۇلتۇر 12-ئاينىڭ 20-كۈنى شەندۇڭ ئۆلكىسى رىجاۋ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئىشخانىسى، رىجاۋ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى، داجۇڭ تورى، چۈفۇ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى تەجرىبە مەكتەپ قاتارلىقلار تەشكىللەپ ئۇيۇشتۇرغان «قىش پەسلىدە شىنجاڭغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش» تېمىسىدىكى كىتاب ۋە كىيىم-كېچەك ئىئانە قىلىش مۇراسىمى مەكىت ناھىيەلىك دولان «قوش تىل» ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلدى.

ئىئانە قىلىش مۇراسىمىدا، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ رىجاۋ شەھىرىدىكى ساخاۋەتچى زاتلار ۋەكىللىرى بۇ ناھىيەلىك دولان «قوش تىل» ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى قىيىنچىلىقى بار 1500 ئوقۇغۇچىغا 3000 قۇردىن ئارتۇق كىيىم-كېچەك ئىئانە قىلىپ، رىجاۋ خەلقىنىڭ شىنجاڭدىكى ئاممىغا بولغان غەمخورلۇقى ۋە مېھىر-مۇھەببىتىنى ئىپادىلىدى.

دولان «قوش تىل» ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مەسئۇلى ماۋۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ساخاۋەتچى زاتلارنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىغا رەھمەت، ئوقۇغۇچىلارغا مىننەتدارلىقنى دائىم قەلبىگە پۈكۈپ، ياخشى ئۆگىنىپ، ۋەتەننىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئۈچۈن ياراملىق ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرىمىز.