باش بەت>قەشقەر

قەشقەر شەھىرىدە «پەرىشتىلەرنى قوغداش» ــ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار بالىلارغا ياردەم بېرىش تۈرى يولغا قويۇلدى

يوللانغان ۋاقىت:2018-01-07 18:08:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاھىرجان ئاتاۋۇللا خەۋىرى: بۇلتۇر 12-ئاينىڭ 29-كۈنى قەشقەر شەھىرىدە «پەرىشتىلەرنى قوغداش» ــ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار بالىلارغا ياردەم بېرىش تۈرى يولغا قويۇلۇپ، تۈرنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

«پەرىشتىلەرنى قوغداش» ــ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار بالىلارغا ياردەم بېرىش تۈرى شېنجېن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ تۈر ئاساسلىقى قەشقەر شەھىرىدىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار، تەربىيەلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمايۋاتقان ئالتە ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان بالىلارغا ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلغان. شېنجېن شەھىرى بۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى 1 مىليون يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ، «پەرىشتىلەرنى قوغداش» ــ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار بالىلارغا ياردەم بېرىش تۈرىنى داۋاملاشتۇرىدىكەن. بۇ تۈردە ھازىر ھەر قايسى يېزا، كەنت، مەھەللىلەردە 20 مۇلازىمەت نۇقتىسى، بەش ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى ۋە 15 ئومۇملاشتۇرۇش نۇقتىسى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت ياراتقۇسى. بۇ كۈنى قەشقەر شەھىرىدىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 1000 نەپەر بالىغا 300 مىڭ يۈەن قىممىتىدە كىيىم-كېچەك ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرى تارقىتىپ بېرىلىپ، تۈرنىڭ ئىللىقلىق يەتكۈزۈش مۇقەددىمىسى باشلاندى.