باش بەت>قەشقەر

يوپۇرغا ناھىيەسى يېزا ئېلېكتىرونلۇق تور سودىسى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى

يوللانغان ۋاقىت:2018-01-08 10:47:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:تۇمارىس يالقۇن مەسئۇل مۇھەررىر:قەيسەر داۋۇت

سۈرەتتە: تۇرغۇنجان ھوشۇر كەنت ئاھالىلىرىنىڭ توردىن مال سېتىۋېلىشىغا ياردەملەشمەكتە.  (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز رېن لىيىڭ فوتوسى)

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن خەۋىرى: يوپۇرغا ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلېكتىرونلۇق تور سودىسىنى يېزىلارغا كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىغا ئائىت ئېتىبار سىياسەتلەرنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئېلېكتىرونلۇق تور سودىسى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 500دىن ئارتۇق دېھقان ياشنىڭ يېزا تور سودىسى ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

-2016يىلى بۇ ناھىيە «مەملىكەت بويىچە ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگىلىك ناھىيە» بولۇش ئەۋزەللىكى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتىنىڭ بۇ ناھىيەدە تۇرۇشلۇق «ئۈچ ئەل» خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ قوللاش، تەربىيەلەش، يېتەكچىلىك قىلىش ئەۋزەللىكىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، يېزا ئېلېكتىرونلۇق تور سودىسى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى سىجىل ئىلگىرى سۈردى.

بۇ ناھىيەنىڭ ئەشمە بازىرى يىما كەنتىدىكى تۇرغۇنجان ھوشۇر بۇلتۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتىنىڭ «ئۈچ ئەل» خىزمەت ئەترىتى كادىرلىرى ئېچىپ بەرگەن «يىما ئارزۇسى» ئېلېكتىرونلۇق تور سودا دۇكىنىدا تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنى تونۇشتۇرۇش، كۆرگەزمە قىلىش، سېتىش، سېتىۋېلىش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش ئۆتىدىغان ۋاكالەتچى سودىگەرگە ئايلاندى. 1-ئاينىڭ 3-كۈنى «يىما ئارزۇسى» تور سودىسى دۇكىنىدىن بالىلىرىغا قىشلىق كىيىم-كېچەك سېتىۋېلىش ئۈچۈن كەلگەن كەنت ئاھالىسى ھاۋاگۈل مەمەت قاتارلىق بىر نەچچە ئايال تۇرغۇنجان ھوشۇرنىڭ ياردىمىدە ئۆزلىرى ياقتۇرغان نۇسخىدىكى مامۇق كىيىملەرنى سېتىۋالدى. ھاۋاگۈل مەمەت مۇنداق دېدى: ھازىر پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە تۇرمۇش سەۋىيەمىز ئۆسۈپ، تور سودىسى تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىردى. ئارىسال ۋاقىتلاردا ھەر خىل قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنى ئىشلەپ، تور ئارقىلىق سېتىپ چىقىرالايدىغان، تۇرمۇشىمىزغا لازىملىق بۇيۇملارنى ئاسانلا سېتىۋالالايدىغان بولدۇق.

نۆۋەتتە، بۇ ناھىيەدە توققۇز يېزا (بازار) دەرىجىلىك ئېلېكترونلۇق تور سودىسى ئورنى، 46 كەنت دەرىجىلىك تور سودىسى ئورنى ۋە 16 ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىسى، 12 ماددىي ئەشيا ئوبوروتى، تېز يەتكۈزۈش شىركىتى ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تور سودىسى ئىشلىرىغا زور قولايلىق ئېلىپ كەلدى.