باش بەت>قەشقەر

پوسكام ناھىيەسى يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى تەربىيەلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدە ئۈنۈم ھاسىل قىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2018-01-08 10:53:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:تۇمارىس يالقۇن مەسئۇل مۇھەررىر:قەيسەر داۋۇت

سۈرەتتە: كۈيباغ يېزىسىدىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەر خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى چىلان پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىدا مەشغۇلات ئۈستىدە.

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇن راخمان خەۋىرى، فوتوسى: پوسكام ناھىيەسى بۇلتۇر تەربىيەلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشكە تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.

بۇ ناھىيە بۇلتۇر يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەر، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بارلارنى ئالدىن تەربىيەلەپ، ئالدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يولغا قويدى، پوسكام يېڭى سانائەت رايونىغا ماكانلاشقان 10 نەچچە كارخانىغا ئىشچى يەتكۈزۈش ۋە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بارلارغا بولغان قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، بۇلتۇر يىل بېشىدىن 12-ئاينىڭ ئاخىرىلىرىغىچە ھەر قايسى يېزا(بازار)، كەنتلەردە 30 نەچچە قارار كۇرس ئېچىپ تىككۈچىلىك، كەشتىچىلىك، قۇرۇلۇش-بىناكارلىق، ئاپتوموبىل ۋە تىراكتور شوپۇرلۇقى، رېمونتچىلىقى، ئۆي بېزەكچىلىكى، ھۆسن تۈزەش، پېچىنە-پىرەنىك پىشۇرۇقچىلىقى قاتارلىق كەسىپ تۈرلىرى بويىچە 30 مىڭ ئادەم(قېتىم)نى تەربىيەلەپ، 4200 كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، رايون ئىچى-سىرتىغا 3000دىن كۆپرەك كىشىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. يۇقىرىنىڭ مەخسۇس تۈر ياردەم مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق 500 كىشى ئىگىلىك تىكلىدى. بۇ ناھىيە يەنە ئىگىلىك تىكلەش بازىسى ۋە تۈرلۈك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن 30 نەچچىنى قۇرۇپ، «ھەمراھ زاۋۇت + يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بازىرى + ئېلېكتىرونلۇق سودا»دىن ئىبارەت ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەندىزىسى ۋە «دۆلەتنىڭ ئورتاق تىلى سەۋىيەسىنى كۈچەيتىش + تېخنىكا-ئىقتىدار بويىچە تەربىيەلەش»تەك سىرتقا چىقىپ ئىشلەش ئەندىزىسىنى كېڭەيتىپ، 3200دىن ئارتۇق نامرات ئەمگەكچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا دەل جايىدا ياردەم بەردى.