باش بەت>قەشقەر

تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە ھەمراھ زاۋۇتلار يېزا ياشلىرىنى ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى كۆپەيتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2018-01-11 11:15:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان مەسئۇل مۇھەررىر:قەيسەر داۋۇت

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ليۇ جىياڭ خەۋىرى: 2017-يىلىدىن بۇيان، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى باش مەقسەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شېنجېن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، باشلامچى كارخانىلارنى كىرگۈزۈپ، ھەمراھ زاۋۇت قۇرۇپ، دېھقانلارنى ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

بۇ ناھىيە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، نامراتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردى. بۇلتۇر كەنت-مەھەللىلەر تەشۋىقات سەھنىسى، يېڭى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، كەنتلەرگە بېرىپ، ئائىلىلەرگە كىرىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق 1130 پارچە ئىش ئورنى ئۇچۇرى تارقىتىپ، ئىش ئورنى ئۇچۇرلىرىنى نامرات ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈپ، ئىش ئورۇنلىرىنىڭ شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەمدە كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلىشش ئارزۇسى بار يۆلەش ئوبيېكىتلىرىنىڭ كارخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇلتۇر بۇ ناھىيە يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىدىن 9554 ئادەم (قېتىم)نى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەخمىنەن 38 مىليون 210 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى.

ۋەچە يېزىسىنىڭ قۇرەغ كەنتىلىك شايىن مەمەتنىياز مۇنداق دېدى: يېزا كادىرلىرى كەنتىمىزگە كېلىپ ناھىيەدىكى كىيىم-كېچەك زاۋۇتى ۋە پەلەي زاۋۇتىغا ئىشچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلغاندا، خوتۇنۇم بىلەن ئىككىمىز ئىنتايىن خۇشال بولدۇق. ئىلگىرى باشقا جايلارغا بېرىپ ئىشلەپ پۇل تېىپىشنى ئويلىغان بولساقمۇ، ئەمما ئائىلىمىزدىكى 10 نەچچە مو يەرنى تېرىمىساق بولمايتتى، ياز پەسلىدە يايلىقىمىز ئائىلىمىزدىن نەچچە 10 كىلومىتېر يىراق بولغاچقا، كالا-قويلىرىمىزغا قارىمىساق بولمايتتى، شۇنداق بولغاچقا پۇل تېپىشنى ئويلىساقمۇ، باشقا جايلارغا چىقالمايتتۇق. ھازىر ياخشى بولدى، ئىشىك ئالدىمىزدىكى زاۋۇتتا ئىشلەپ، ياتاق-تامىقىمىز زاۋۇتتا بولدى، ئارىلىق يىقىن بولغاچقا ھەممە ئىشنى تەڭ ئېلىپ ماڭالايدىغان بولدۇق. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت. شايىن مەمەتنىيازنىڭ خوتۇنى مۇنداق دېدى: زاۋۇت بېرىدىغان مۇقىم ئىش ھەققى 1200 يۈەن بولۇپ، قىلغان ئىشىمىزغا قاراپ ھەق بېرىلىدۇ، كۆپ ئىشلىسەك كۆپ ئالىمىز، مەن زاۋۇتنىڭ مۇھىتىدىن ئىنتايىن رازى، بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشۇمغا ئىشەنچىم كامىل.

«خېجېڭيۈەن» گۇرۇھىنىڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى «خېشىڭيۈەن» پەلەيچىلىك چەكلىك شىركىتى ۋە «جىنفۇيۈەن» كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا مارياڭ يېزىسى، ۋەچە يېزىسى، دەفتەر يېزىسىدىن كەلگەن دېھقان-چارۋىچىلار ئۇستازلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۈسكۈنە ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋاتقان بولۇپ، كىيىم-كېچەك زاۋۇتىنىڭ تەربىيەلەشكە مەسئۇل خادىمى بەختىگۈل قۇربان مۇنداق دېدى: مەن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 80 نەچچە كىشىنى تەربىيەلىدىم، نۇرغۇن كۇرسانت تېخنىكا ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن، ئۆگىنىشتە ئەستايىدىل بولغاچقا، ناھايىتى تېزلا زاۋۇتنىڭ پىشقان ئىشچىلىرىغا ئايلاندى. 

«خېجېڭيۈەن» گۇرۇھىنىڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى «جىنفۇيۈەن»كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى چېن خەيئوۋ ماۋۇلارنى بىلدۈردى: شىركەت پاكىستاننىڭ ئسلامئابادتا ئىلما توقۇلما بۇيۇملار ئامبىرى تەسىس قىلغان بولۇپ، مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىشى كاپالەتكە ئىگە. شىركەت ئىشقا كىرىشكەندىن كېيىن، 700 نەپەر دېھقان-چارۋىچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىپ، بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلىشىغا ياردەم بەردى.