باش بەت>قەشقەر

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەشقەرنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتايلى

يوللانغان ۋاقىت:2018-01-11 11:26:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:دىلنۇر تۇرغۇن مەسئۇل مۇھەررىر:قەيسەر داۋۇت

 ھەر قايسى ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ ج ك پ قەشقەر ۋىلايەتلىك كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا قىلغان ئىپادە بىلدۈرۈش سۆزى (قىسقارتىلمىسى)

 

پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئەمەلىي ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىمىز

ج ك پ كونىشەھەر ناھىيەلىك كومىتېتى، كونىشەھەر ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى

كونىشەھەر ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى: گو جيەنشېڭ

بىرىنچى، دىققەتنى قەتئىي ھالدا باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزىمىز.

پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، ۋىلايەتلىك پارتكوم كېڭەيتىلگەن يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت جۈملە سۆز»، «1+4» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستە چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك پارتكوم نېمە قىل دېسە شۇنى قىلىش، نېمىنى قىلما  دېسە شۇنى قەتئىي قىلماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

ئىككىنچى، دىققەتنى قەتئىي ھالدا باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيلىقنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن كاپالەتلىك قىلىمىز.

ئۈچىنچى، دىققەتنى قەتئىي ھالدا باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى خىزمەتنى پۇختا، ياخشى ئىشلەيمىز.

كادىرلارنىڭ ئۇچاستىكىلار بويىچە تورلاشتۇرۇپ ھۆددىگە ئېلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئاھالىلەرنى ھۆددە ئېلىپ زىيارەت قىلىش ۋە «تۆتتە بىللە بولۇش» پائالىيىتىنى دائىم قانات يايدۇرىمىز. سىياسەت ئارقىلىق ياردەم بېرىش + كادىرلار ياردەم بېرىپ يۆلەش + ئامما ئۆز ئارا ياردەم بېرىش تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ياردەم قىلىشقا تېگىشلىكلىرىگە ياردەم قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. «ئۈچنى بىرلەشتۈرۈش»، كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقات، پوزىتسىيەسىنى ئېنىق بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، مەدەنىي تۇرمۇش، قانۇن ئىدارە قىلىش ئېڭى قاتارلىقلار ئاساسىي تېما قىلىنغان مەھەللە، يېزا، مەكتەپ مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ، يېڭى ئىستىل تىكلەش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، دۇرۇس ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

تۆتىنچى، دىققەتنى قەتئىي ھالدا باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنى كەڭ قانات يايدۇرىمىز.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيەتلىرىنى دائىم قانات يايدۇرۇپ، گىرەلەشكەن ئىجتىمائىي قۇرۇلما ۋە مەھەللە مۇھىتى بەرپا قىلىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ياخشى ۋەزىيىتىنى يارىتىمىز. «ئۈچ يېڭى» خىزمىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئەڭ پەزىلەتلىك كىشىلەر»نى تاللاش پائالىيىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنى كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ، سەپەرگە چىقىش، مىللىي ئۆرپ-ئادەت ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى ئىستىلنى تەشەببۇس قىلىش، يېڭى كەيپىيات يارىتىش، يېڭى تەرتىپ ئورنىتىشقا يېتەكلەيمىز.

بەشىنچى، دىققەتنى قەتئىي ھالدا باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىمىز.

پارتكوم، ھۆكۈمەتلەرنىڭ 1-قول رەھبىرى ئۆزى تۇتۇش، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە مەسئۇل شۇجى مەركەزلىك تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يەرلەرنى ئېنىقلاپ قايتا تەقسىملەش، كەسىپ ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئېكولوگىيە جەھەتتە نامراتلارنى يۆلەش ۋە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى سىياسىتى ئارقىلىق يۆلەشتىن ئىبارەت بەش تۈرلۈك تەدبىرنى چۆرىدەپ، كەنتكە، ئائىلىگە، ئادەمگە قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، 25 نامرات كەنتنى نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈپ، 3836 ئائىلىدىكى 13 مىڭ 945 كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. ماددىي جەھەتتە نامراتلارنى يۆلەش بىلەن ئىدىيە جەھەتتە ئىرادىگە كەلتۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنى ئەمگەكچان قولىغا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلەيمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مائارىپ، داۋالاش، تۇرالغۇ ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ۋە قۇتقۇزۇش ياردىمى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئالاھىدە قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىمىز. نامراتلارنى يۆلەشنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى تەكشۈرۈپ باھالاش تۈزۈمىنى تۇرغۇزىمىز.

ئالتىنچى، دىققەتنى قەتئىي ھالدا باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىدىغان ئاساسلىق كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ، ئۇرۇقلۇق ئىشلەش بازىسى قۇرۇپ، كۆممىقوناق، كېۋەز قاتارلىقلارنىڭ ئەلا سورتلىرىنى يېتىشتۈرىمىز. تۇتاش كەتكەن باغ ئەھيا قىلىش تەرەققىيات ئەندىزىسىدە چىڭ تۇرۇپ، پەسىل خاراكتېرلىك يېڭى مېۋىلەرنى تېرىش كۆلىمىنى پەيدىنپەي كېڭەيتىمىز. 2-، 3-كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سىياسىتى ۋە سانائەت رايون سۇپىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، سودا، ماددىي ئەشىيا ئوبوروتى، ئېلېكتىرونلۇق سودا، ئالاھىدە ساياھەتچىلىك قاتارلىق ئەۋزەل كەسىپلەرنى پائال كىرگۈزۈپ ۋە يېتىشتۈرۈپ، «ھەمراھ زاۋۇت» قاتارلىق كىچىك، كىچىكرەك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىمىز.

يەتتىنچى، دىققەتنى قەتئىي ھالدا باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلقنى مەركەز قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

«كەسىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش» قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، «X+Y+1»دىن ئىبارەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەندىزىسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، 5500 دىن كۆپرەك كىشىنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىمىز. دۆلەت تىلى مائارىپى ۋە ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرتۈشنى دائىملاشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، نۇقتىلىق كەسىپلەرگە بولغان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەرلىك ھادىسىلىرى يۈز بېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالىمىز.

سەككىزىنچى، دىققەتنى قەتئىي ھالدا باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى قەتئىي تەۋرەنمەي، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىمىز.