باش بەت>قەشقەر

دىققەتنى باش نىشانغا قەتئىي مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى قەتئىي تاماملايلى

يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 16:27:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:تۇمارىس يالقۇن مەسئۇل مۇھەررىر:قەيسەر داۋۇت

ــ ۋىلايەتلىك پارتكوم كېڭەيتىلگەن يىغىنىنىڭ گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىدىن خاتىرە

ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، ئاممىۋى خىزمەتنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك

يېتەكچى مۇخبىرىمىز : ۋاڭ ۋېنبو

ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى نىڭپىڭ ۋىلايەتلىك پارتكوم كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا بەرگەن دوكلاتىدا ماۋۇلارنى كۆرسەتتى: ئەل قەلبى ئەمىن تاپسا، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۇزۇن بولىدۇ؛ ئەل ئىچى قالايمىقان بولسا، بالايىئاپەت كۆپ بولىدۇ. ئاممىۋى خىزمەتنى باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئورنىغا قويۇپ، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەشنى ئەڭ زور چەكتە قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر ئاممىۋى خىزمەتنى قانداق قىلغاندا ئەستايىدىل، ياخشى ئىشلىگىلى بولىدىغانلىقىنى چۆرىدەپ مۇزاكىرە قىلغاندا بىردەك مۇنداق قاراشتى:  قەشقەردە ئاممىۋى خىزمەتنى كۈچەيتىش ــ مۇقىملىقنى قوغداپ، قاتتىق زەربە بېرىش كۈرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم كاپالىتى، «ئۈچ ئەل» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاساسىي ئۇسۇلى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم تەدبىرى. ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشتە چوقۇم پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىۋى خىزمەتنىڭ پىكىر يولى ۋە تەدبىرلىرىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ ۋە مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ئەسقاتىدىغان، ئۇزاق مۇددەت ئۈنۈم بېرىدىغان ئاممىۋى خىزمەت مېخانىزمىنى يەنىمۇ بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىۋى خىزمەت داۋامىدا كۆرۈلگەن ھەر خىل مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، ئىنچىكىلىك بىلەن ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك.

ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، قەشقەر شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن شۈگۇاڭ مۇنداق دېدى : قەشقەرنىڭ ئاممىۋى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، چوقۇم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كادىرلار ۋە ئاممىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يېتەكلەپ، ھازىرقى زامان ئۇچۇر تېخنىكىسى قاتارلىق پەن-تېخنىكا ۋاستىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئاممىۋى خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۈنۈملۈك ئاممىۋى خىزمەت ئارقىلىق، پارتىيەنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى رەھبەرلىك ئىقتىدارى، ئىدىيە جەھەتتىكى يېتەكلەش ئىقتىدارى، ئاممىنى تەشكىللەش ئىقتىدارى ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىكى چاقىرىق ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

لى نىڭپىڭ دوكلاتىدا ماۋۇلارنى كۆرسەتتى: ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئېلىش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، «تۆتتە بىللە بولۇش» پائالىيىتىنى دائىم قانات يايدۇرۇپ، قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئاممىغا دائىم ياردەم بېرىپ ۋە تەربىيەلەپ، ئاممىغا ئەستايىدىل تەشۋىقات-تەربىيە ئېلىپ بېرىش كېرەك. بۇنىڭغا قارىتا يەكەن ناھىيە يېڭىئۆستەڭ يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى جۇ يۈباۋ مۇنداق دېدى: ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشتە ئاممىۋى لۇشيەننى تۇتقا قىلىپ، ئاممىۋى خىزمەتنى چۇڭقۇر، ياخشى ئىشلەش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى جەمئىيەتنى باشقۇرۇشنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىدە ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى تىرىشىش نىشانىمىز قىلىپ، ئاممىۋى خىزمەتنى تېخىمۇ پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر كادىرلارنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈشىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنى تەربىيەلەپ، ئاممىغا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملەش كېرەك .

قەشقەر شەھىرى ئاققاش يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى مەخمۇتجان ئابلىمىت مۇنداق دېدى: ئاممىۋى خىزمەتنى پۇختا، ياخشى ئىشلەشتە پارتىيەنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاممىنى پائال سەپەرۋەر قىلىپ، تەشكىللەپ، ئۇيۇشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلەش كېرەك. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»، قوشماقلاردىن بولۇپ يار-يۆلەكتە بولۇش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ۋاسىتە قىلىپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەش، ئەل قەلبىنى ئۇتۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، رايونلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ يېزىلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئاساس قىلىپ، ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە تونۇش تۇيغۇسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈش كېرەك.

قەشقەر شەھىرى قوغان يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى لىن دۇڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈش نۇقتىلىق خىزمەت بولۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى نىشانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتتىن ئىبارەت «ئىككى ھالقىلىق نۇقتا »نى مەھكەم ئىگىلەپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئورتاق ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى خىزمەتنى ئاكتىپ قانات يايدۇرۇش كېرەك. مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان مۇھىم ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى سىياسىي ۋەزىپە قىلىش كېرەك. ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

يەكەن بازارلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى شۈ گۇاڭۋېي مۇنداق قارىدى: كادىرلارنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇش ــ ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئاچقۇچى، بىز چوقۇم كادىرلار ئىستىلىنى ياخشىلاشنى ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم كاپالىتى قىلىشتا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. نۆۋەتتە، كادىرلار ئىستىلىنىڭ دۇرۇس بولماسلىق مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشتا، ئەڭ مۇھىمى ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك، بۇ، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنىڭ كۈچلۈك تىرىكى. بىز چوقۇم ئاممىۋى قاراشنى كۈچەيتىپ، ئامما ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، ئاممىغا بەخت يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى باشتىن-ئاخىر ساقلاپ، خەلقنى ئويلايدىغان، خەلقنى غەم- ئەندىشىدىن خالاس قىلىدىغان، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى چىن نىيەتتە، سەمىمىيلىك بىلەن ياخشى بېجىرىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى تۈزىتىپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئاممىۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۈچۈن تېخىمۇ قۇدرەتلىك ئاممىۋى كۈچ مۇجەسسەملەش كېرەك.