باش بەت>قەشقەر

ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشتە نەزەرىمىزنى ئاساسىي قاتلامغا قارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتايلى

يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 16:14:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان مەسئۇل مۇھەررىر:قەيسەر داۋۇت

ــ ۋىلايەتلىك پارتكوم كېڭەيتىلگەن يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا (2)

«قەشقەر گېزىتى» ئوبزورچىسى

ۋىلايەتلىك پارتكوم كېڭەيتىلگەن يىغىنىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا دىققەت قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە قارىتىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى زىچ چۆرىدىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشان دەۋر قىلىنىپ، ئاممىۋى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇلغان: ئامما بىلەن زىچ ئالاقىلىشىپ ۋە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئائىلىلەرنى ھۆددە ئېلىش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، «تۆتتە بىللە بولۇش» پائالىيىتىنى دائىم قانات يايدۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆز ئارا ياردەم بېرىدىغان ياشانغاندا كۈتۈنۈشنى يولغا قويۇش؛ قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىش ۋە تەربىيەلەشنى دائىملاشتۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بار قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە غەمخورلۇق قىلىش؛ دائىملاشقان تەشۋىقات مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى ئىستىل، دۇرۇس كەيپىيات تۇرغۇزۇپ، ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. بۇ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلىشىگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىپ، باش پىرىنسىپ ۋە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلدى.

قانداق قىلغاندا ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ تەلىپىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن جەزمەن ئاممىۋى قاراشنى مەھكەم تۇرغۇزۇپ، نەزەرىنى ئاساسىي قاتلامغا قارىتىپ، ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ، يېزىلارغا، دېھقانلارنىڭ ئائىلىسىگە، ئېتىز-ئېرىق باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى كۆرۈپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەش كېرەك.

ئۆتكەن بىر يىلدا ۋىلايىتىمىزدىكى بارلىق كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەر كەنتلەرگە بېرىپ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىشنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئامما بىلەن تاماق، ياتاق، ئەمگەك، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇپ، بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى دائىم قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە بىلەن ئامما، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى ئىلگىرى سۈردى. «ئۈچكە كىرگۈزۈش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش» پائالىيىتىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېڭىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى. دېھقانلار كەچلىك مەكتىپىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاممىنى تەربىيەلەش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. «ئۈچنى بىرلەشتۈرۈش» تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش تولۇقلىمىسىدىن 5 مىليارد 710 مىليون يۈەن تارقىتىلىپ، ئەلنىڭ مايىللىقى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى، ئەمما يەنە ئاز بىر قىسىم كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەردە تۆۋەنگە چۈشمەسلىك، ئەمەلىي ياردەم قىلماسلىقتەك مەسىلىلەر ساقلاندى. مەسىلەن: بەزى كادىرلار يېزىغا بارغاندا خىزمەتلەرنى كۆرۈنۈشتە قىزغىنلىق بىلەن قىلىۋاتقاندەك قىلسىمۇ، پۈتۈن زېھنى بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتمىدى؛ بەزى كادىرلار تەشۋىق قىلىش ۋە ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىشقا ماھىر بولسىمۇ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش ۋە نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى سىياسەتلەرنى كادىرلار، ئاممىنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندۇرالمىدى؛ بەزى كادىرلارنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈشى يېتەرسىز بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلاندى. بۇلار ۋىلايىتىمىزنىڭ دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى قاتتىق چەكلەپ قويىدۇ ۋە تەسىر كۆرسىتىدۇ، جەزمەن قەتئىي تۈزەش كېرەك.

ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشتە جەزمەن نەزەرىمىزنى ئاساسىي قاتلامغا قارىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشىمىز، يېزىنى، ئاممىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتىن ئىبارەت روشەن يۆنىلىش تۇرغۇزۇشىمىز كېرەك. خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى تۆۋەنگە قارىتىپ، ئاممىنى ھەر ۋاقىت قەلبكە پۈكۈپ، نەزەرنى باشتىن-ئاخىر ئاساسىي قاتلامغا قارىتىپ، كەمتەرلىك بىلەن ئاساسىي قاتلامنىڭ جاپاسىنى چۈشىنىپ، ئاممىنىڭ قەلب ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ ئويلىغانلىرىنى كادىرلارنىڭ كۆزلىگىنىگە، ئاممىنىڭ ئارزۇلىرىنى كادىرلارنىڭ قىلىدىغان ئىشىغا ئايلاندۇرۇپ، «پارتكوم، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىش، رەھبىرىي كادىرلار ئاساسىي قاتلامغا يېتەكچىلىك قىلىش، كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسىي قاتلام ئۈچۈن ئىشلەش»تىن ئىبارەت ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.

ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشتە جەزمەن راستچىل-ئەمەلىيەتچىل بولۇشتەك خىزمەت ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. «قۇرۇق گەپ جىق ئەلدىن بەرىكەت قاچار، ئىش جىق ئەلگە بەرىكەت ياغار» دەيدىغان گەپ بار. نەزەرىمىزنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قارىتىشتا راستچىل-ئەمەلىيەتچىل بولۇشىمىز كېرەك. ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «لوق پايدا ئېلىش» نىشانىنى تۇرغۇزۇپ، لەيلىمىچىلىك كەيپىياتى ۋە مەنپەئەت پىسخىكىسىنى يېڭىپ، كۆز بويامچىلىق قىلىشقا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، مېڭىسىدە ھەر ۋاقىت ۋەزىپە بولۇش، زىممىسىدە ھەر ۋاقىت مەسئۇلىيەت بولۇش، قەلبىدە ھەر ۋاقىت قىزغىنلىق بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. ئەمەلىي ئىش بىلەن شۇغۇللىنىش ئىستىلدا ئەمەلىي بولۇش دېگەنلىكتۇر. دادىل تۇتۇپ، دادىل باشقۇرۇش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دادىللىق بىلەن تەدبىر قوللىنىپ، دادىل، ئەستايىدىل بولۇپ، ئاچقۇچلۇق پەيتتە مەيدانغا چىقىپ، خەتەرلىك پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يۈرەكلىك بولۇپ، پۇختا قەدەم ئېلىپ، ئىقتىدارنى نامايان قىلىپ، خىزمەت ئۇسۇلى ۋە مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشىمىز كېرەك. ئەمەلىيلەشتۈرۈش قول قوۋۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرماي ئىشلەش دېگەنلىكتۇر. مىنۇت-سېكونتنىمۇ قولدىن بەرمەي خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى بۇرچ دەپ قاراپ، دەرىجىمۇ دەرىجە يېتەكچىلىك قىلىپ، دەرىجىمۇ دەرىجە ئۈلگە كۆرسىتىپ، خىزمەتلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشتە «ئاممىغا رىشتە باغلاش»تەك سەمىمىي ھېسسىياتنى جەزمەن يېتىلدۈرۈش كېرەك. ۋىلايەتلىك پارتكوم كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا بېكىتىلگەن نىشان-ۋەزىپىلەرنى تاماملاشتا كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ئاممىنىڭ ئاكتىپچانلىقى كەم بولسا بولمايدۇ، جەزمەن ئىككىسىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، تەڭ ئېتىبار بېرىش كېرەك. رەھبەرلەر بىلەن ئامما ئاپتوموبىلنىڭ ئىككى چاقىغا، قۇشنىڭ جۈپ قانىتىغا ئوخشايدۇ، ئوخشاش مەقسەتتە بىللە ھەرىكەتلىنىپ، يۇقىرى-تۆۋەندىكىلەر ھەمتۈرتكە بولغاندىلا، جەمئىيەتتىكى بارلىق كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، قەشقەردە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ داغدام يولىدا توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ.