باش بەت>قەشقەر

قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم مەركىزىي نەزەرىيە ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى 2018 -يىللىق تۇنجى قېتىم كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 18:27:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:تۇمارىس يالقۇن مەسئۇل مۇھەررىر:قەيسەر داۋۇت

مۇخبىرىمىز ليۇ مېڭشىن خەۋىرى: ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئورگىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ «2017-يىللىق ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگىنىدىكى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ئەستايىدىل ياخشى ئېچىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»ىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، 1-ئاينىڭ 10-كۈنى ۋىلايەتلىك پارتكوم مەركىزىي نەزەرىيە ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى تۇنجى قېتىم كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە قوغداش توغرىسىدىكى بىر قانچە بەلگىلىمىسى»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش تەپسىلىي پىرىنسىپى» ۋە «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش تەپسىلىي پىرىنسىپى›نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش چارىسى»نى كوللېكتىپ ئۆگەندى. ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى نىڭپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا ماۋۇلار تەلەپ قىلىندى: ۋىلايىتىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ يېتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك، بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدىشى كېرەك. سىياسىي ئورنىنى ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى تۇرغۇزۇپ، بارلىق ھەرىكەتلەردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇشنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نېمىنى قىل دېسە قەتئىي قىلىش، نېمىنى قىلما دېسە قەتئىي قىلماسلىقنى، بۇيرىغاننى قىلىپ، چەكلىگەننى قەتئىي قىلماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشنى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، ئىدىيەنىڭ تارىخىي ئورنى ۋە مول مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، مېڭىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ سىياسىيۋىلىكى، دەۋرىلىكى، پىرىنسىپاللىقى، جەڭگىۋارلىقىنى ھەقىقىي تۈردە كۈچەيتىشى كېرەك. دىققەتنى باش نىشاننى ئەمەلىيەتلەشتۈرۈشنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك، بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، باش نىشاننى باشتىن-ئاخىر بايراق، يۆنىلىش، ھەرىكەت مىزانى، بۇرچ، مەسئۇلىيەت ۋە تۈپ سىياسىي نەتىجە قىلىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ھەر ۋاقىت قەلبىگە پۈكۈپ، چىڭ تۇتۇپ، زىممىسىگە ئېلىپ، ھەرىكىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

يىغىندا ماۋۇلار تەكىتلەندى: ئىستىلنى تۇتۇش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئىستىلنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بوشاشماي چىڭ تۇتۇش كېرەك. يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە ئۈلگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ھەيئەت ئەزالىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئۆگىنىشتە، خىزمەتتە، ئۆلچەم تۇرغۇزۇشتا، ئىستىل ياخشىلاشتا ئالدىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشنى كىچىك ئىشلاردىن، ھەر بىر ھالقىدىن باشلاپ چىڭ تۇتۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىش ئۈنۈمى شەكىللەندۈرۈپ، كەيپىياتنىڭ تۈپتىن ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئامما بىلەن زىچ ئالاقىلىشىپ، خەلقنى ئۇستاز تۇتۇپ، خەلقتىن ئۆگىنىش كېرەك. كادىرلارنىڭ ئاھالىلەرنى ھۆددە ئېلىپ زىيارەت قىلىشى، دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىدە تۇرۇپ تۇغقانلىشىشىنى ئىستىلنى ياخشىلاشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىشى، ئائىلە زىيارىتىدە بولۇشى، دېھقانلارنىڭ ئۆيىدە تۇرۇشنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. «تۆت خاھىش»، «تۆت كەيپىيات»نى قەتئىي تۈزەپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى نازارەت ۋە چەكلىمە بار مۇھىتتا خىزمەت قىلىش، ئۆگىنىشكە ئادەتلەندۈرۈپ، ئىستىلنى ياخشىلاش ئارقىلىق پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش ۋەزىيىتى يارىتىپ، ياخشى بولغان پارتىيە ئىستىلى ئارقىلىق ھۆكۈمەت ئىستىلىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلق ئىستىلىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پاك، دۇرۇس بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە يارىتىش كېرەك.

يىغىندا ماۋۇلار تەلەپ قىلىندى: 2017-يىللىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىشقا ئەستايىدىل تەييارلىق قىلىپ، باش تېمىنى ئىگىلەپ، ئۆگىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پىكىر ئېلىپ، چوڭقۇر ئانالىز قىلىش كېرەك.

ۋىلايەت رەھبەرلىرىدىن پەرھات روزى، جاڭ جيەن، گاۋ جيەنجۈن، تۆمۈر مۇھەممەت، دىڭ يۇمىڭ، زاكىر زوردۇن، ياڭ جېڭ، ياڭ گوچياڭ، ۋاڭ دېڭلياڭ، جاڭ جىشېڭ، سوت، تەپتىش مەھكىمىلىرى، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى، ۋىلايەتلىك پارتكوم مەركىزىي نەزەرىيە ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.