باش بەت>قەشقەر

قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ «ئاساسىي قاتلامغا بېرىش، چاغاننى تەبرىكلەش، مەدەنىيەتنى تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش» بويىچە ئويۇن كۆرسىتىش پائالىيىتى يېڭىسار ناھىيەسىدە باشلاندى

يوللانغان ۋاقىت:2018-02-18 18:46:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:دىلنۇر مۇختەر مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر


سۈرەتتە: قەشقەر ۋىلايەتلىك ناخشا-ئۇسسۇل-تىياتىر ئۆمىكىدىكىلەر يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ سۆگەت يېزىسىدا ئويۇن قويماقتا.

     مۇخبىرىمىز ليۇ مېڭشىن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لېي تىڭ خەۋىرى: 2-ئاينىڭ 15-كۈنى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ «ئاساسىي قاتلامغا بېرىش، چاغاننى تەبرىكلەش، مەدەنىيەتنى تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش» بويىچە ئويۇن كۆرسىتىش پائالىيىتى يېڭىسار ناھىيەسىدە باشلاندى.

     شۇ كۈنى سۆگەت يېزىسىنىڭ ئىتتىپاق كەنتى ئاھالىلىرى ئەتىگەندىلا كەنت ئاھالىلىرى پائالىيەت مەركىزىگە جەم بولۇپ، ۋىلايەتلىك ناخشا-ئۇسسۇل-تىياتىر ئۆمىكىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرۈشنى كۈتۈپ تۇرغانىدى. ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى «شاد-خۇرام قەشقەر» ناملىق ئۇسسۇل بىلەن باشلاندى، شادىمان مۇزىكا، جۇشقۇن ئۇسسۇل نەق مەيداندىكى ئاممىغا قويۇق چاغان پۇرىقىنى ھېس قىلدۇردى. ئىتوت «بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى»، «پارتىيەگە تەشەككۇر» ۋە شېئىر دېكلاماتسىيەسى «بىز يېڭى دەۋر كىشىلىرى» ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشكەن خۇشاللىقىنى نامايان قىلدى.

     كەنت ئاھالىسى ئابدۇراخمان شاۋاز خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز، ۋىلايەتلىك ناخشا-ئۇسسۇل-تىياتىر ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى ئىشىكىمىز ئالدىدا كۆرسىتىپ،بىزنى چاغاننى شاد-خۇرام ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، يېڭى بىر يىلدا مەن يىپيېڭى روھىي ھالەت بىلەن تىرىشىپ كىرىمىمنى ئاشۇرۇپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىمەن.

     قەشقەر ۋىلايەتلىك ناخشا-ئۇسسۇل-تىياتىر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى غالىپ ھېكىم مۇنداق دېدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا گۈزەل يېزا-قىشلاق بەرپا قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، كەنت قىياپىتىنىڭ گۈزەل بولۇشىنىلا ئەمەس، بەلكى پۇقرالارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭمۇ گۈزەل بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بىز تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىغا سۇنىمىز.

     ئىگىلىنىشىچە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ بۇ قېتىمقى «ئاساسىي قاتلامغا بېرىش، چاغاننى كۈتۈۋېلىش، مەدەنىيەتنى تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش» بويىچە ئەدەبىيات-سەنئەت نۇمۇرلىرىنى كۆرسىتىش «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ، ۋىلايەتلىك ناخشا-ئۇسسۇل-تىياتىر ئۆمىكى «تۆتتە بىللە بولۇش، ئۈچنى يەتكۈزۈش» پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ،  2-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن  3-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە مەركەزلىك ھالدا قەشقەر شۆبە ھەربىي رايونى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملىرى ھەمدە يېڭىسار، يەكەن، پوسكام، قاغىلىق ناھىيەلىرىدە ھەر مىللەت ئاممىسىغا 34 مەيدان (قېتىم) ئويۇن كۆرسىتىپ، مۇزىكا ئارقىلىق يېڭى يىل شادلىقىنى يەتكۈزۈپ، ئۇسسۇل ئارقىلىق گۈزەل تىلەكلەرنى بىلدۈرۈپ، كەڭ ئاممىنى چاغاننى خوشال-خۇرام، ئاسايىش ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىكەن.