باش بەت>قەشقەر

قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى گۇاڭدۇڭدا بازار تاپتى

يوللانغان ۋاقىت:2018-03-02 19:01:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:بەختىگۈل ئابدۇشۈكۈر مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

ــ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ چىقىرىشقا ياردەم بەرگەنلىكىدىن خاتىرە

مۇخبىرىمىز: پەن يەنيۈن

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىدىكى بارلىق كادىر، ئىختىساسلىقلار شىنجاڭغا كەلگەندىن بۇيان، قەشقەر ۋىلايىتى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى سېتىش تورىنى تىرىشىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش-سېتىشنى جىپىسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قەشقەر ۋىلايىتى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىغا ياردەم بەردى.

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى قەشقەر ۋىلايىتى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە سېتىلىشىدىكى قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى پائال ھەل قىلدى، 2017-يىلى 7-ئاينىڭ ئاخىرىدا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى گۇاڭدۇڭ بازىرىدا سېتىش ئەھۋالىنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، «قەشقەر ۋىلايىتى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ گۇاڭدۇڭ بازىرىدا سېتىلىش ئەھۋالىنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى»نى شەكىللەندۈردى. شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىر، ئىختىساسلىقلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشقا كەلگەن كارخانىنىڭ 11گە، يەككە تىجارەتچىنىڭ ئۈچكە يەتكەنلىكىنى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش مىقدارىنىڭ 10 مىڭ توننىدىن ئاشقانلىقىنى بايقىدى. بۇلتۇر 11-ئاينىڭ ئاخىرىلىرىدا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى گۇاڭدۇڭ، بولۇپمۇ جۇجياڭ دىلتىسى رايونىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سوغۇق ساقلاش زەنجىرسىمان ماددىي ئەشىيا ئوبوروتى، سوغۇق ساقلاش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قايتا تەشكىللەپ، گۇاڭدۇڭ-شىنجاڭنىڭ «شىنجاڭنىڭ مېۋىلىرىنى جەنۇبقا كىرگۈزۈش، گۇاڭدۇڭنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى غەربكە يەتكۈزۈش»تىن ئىبارەت زامانىۋى بازار ماددىي ئەشىيا ئوبوروت تورى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىشقا ئاساس سالدى.

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى يەنە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئۆمەك تەشكىللەپ كۆرگەزمىگە قاتنىشىشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ماسلىشىپ، «گۇاڭجۇ-قەشقەر باغ-ئورمانچىلىق كارخانىلىرى سۆھبەت يىغىنى»، «قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئالاھىدە مېۋىلىرىنى مەخسۇس تونۇشتۇرۇش يىغىنى»، «گۇاڭدۇڭ-قەشقەر يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش-سېتىشنى جىپىسلاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى» قاتارلىقلارنى ماسلاشتۇرۇپ تەشكىللەپ، گۇاڭدۇڭ-شىنجاڭ (قەشقەر) ئىككى جايدىكى كارخانىلارنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەشقەر ۋىلايىتى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سىرتقا سېتىلىشى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىگە كىرىشىنى ھەمكارلىق، ئالماشتۇرۇش سەھنىسىگە ئىگە قىلدى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2017-يىلىدىن بۇيان گۇاڭدۇڭدا تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى، سودا يىغىنى قاتارلىقلارغا قاتناشقان قەشقەر ۋىلايىتى كارخانىسى 60 نەچچىگە، ئىككى جايدىكى كارخانىلار ئىمزالىغان تۈر 30 نەچچىگە، ئىمزالىغان توختام سوممىسى 300 مىليون يۈەنگە يەتكەن؛ كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانىلار قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ 30 نەچچە خىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى كۆرگەزمە قىلغان بولۇپ، 100 نەچچە توننا مەھسۇلات سېتىپ چىقىرىپ، سودا سوممىسى 4 مىليون يۈەندىن ئاشقان. تەشۋىقات-تونۇشتۇرۇش ۋە كۆرگەزمە قىلىش ئارقىلىق گۇاڭدۇڭدىكى 20 نەچچە كارخانىنى قەشقەردە ئەمەلىي تەكشۈرۈشتە بولۇشقا جەلپ قىلىپ، چىلان، ياڭاق سېتىۋېلىش، پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنى جىپىسلاشتۇرغان. پائال سەپەرۋەر قىلىش ئارقىلىق نۆۋەتتە 20 نەچچە گۇاڭدۇڭ كارخانىسى، 10 نەچچە يەرلىك كارخانىدا گۇاڭدۇڭ-قەشقەر يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىنلەش زەنجىرى بىرلەشمىسى بەرپا قىلىش مۇددىئاسى شەكىللىنىپ، كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەتلەر تېز سۈرئەتتە ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

2017-يىلى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ئەسلىدىكى 11 كارخانا، ئۈچ يەككە تىجارەتچى ئاساسىدا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ پائال ماسلاشتۇرۇشى بىلەن گۇاڭدۇڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توپ تارقىتىش بازىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سېتىش كارخانىلىرى، چوڭ تىپتىكى سېتىش سۇپىسى ۋە سودىگەر قاتارلىق سېتىۋېلىش-سېتىش سودىگەرلىرىنى تېپىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، قەشقەر ۋىلايىتى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ گۇاڭدۇڭ بازارلىرىدا سېتىلىش يوللىرىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتتى. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ تىرىشىپ تەشۋىق قىلىشى ۋە ئىلگىرى سۈرۈشى بىلەن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدىغان چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى ئەسلىدىكى تۆتتىن گۇاڭجۇ، فوشەن، جۇڭشەن، شېنجېن قاتارلىق شەھەرلەردىكى 10 نەچچە بازارغا كۆپەيدى؛ قەشقەر ۋىلايىتىگە كېلىپ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سېتىۋالىدىغان يېڭىدىن كۆپەيگەن گۇاڭدۇڭ كارخانىسى بەشكە (بۇنىڭ ئىچىدە ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى سودىگىرى بىر)، پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى بىرگە يەتتى؛ شىنجاڭ (قەشقەر)نىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدىغان يېڭىدىن كۆپەيگەن يەككە تىجارەتچى 10 دىن ئاشتى.