باش بەت>قەشقەر

قەشقەردە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ خىزمىتى باشلاندى

يوللانغان ۋاقىت:2018-03-02 20:42:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:بەختىگۈل ئابدۇشۈكۈر مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

سۈرەتتە: مارالبېشى ناھىيە سېرىقبۇيا بازىرىنىڭ قىياقلىق كەنتىدىكى دېھقانلار يەرلىرىنى ئوغۇتلىماقتا.

مۇخبىرىمىز ئەنۋەرجان مەتنىياز خەۋىرى، فوتوسى: يېقىندا، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەر قايسى ناھىيە (شەھەر)لەر تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى پائال ياخشى ئىشلەپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ خىزمىتىنىڭ تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. نۆۋەتتە، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىغا 1 مىليارد 940 مىليون يۈەن غەملەندى.

بۇلتۇر قىش، بۇ يىل ئەتىيازدا قەشقەردە كۆپ قېتىم قار يېغىپ، تۇپراقنىڭ نەملىك ئەھۋالى ياخشىلىنىپ، نەملىكنى ساقلاش رولى گەۋدىلىك بولۇپ، كۈزگى بۇغداينىڭ قىشتىن بىخەتەر ئۆتۈشىگە پايدىلىق بولدى. كۈزگى بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەر دەرىجىلىك دېھقانچىلىق تارماقلىرى تېخنىك خادىملارنى ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ، مايسا، نەملىك، كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشارات ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، كۈزگى بۇغداينىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئوخشىمىغان تېخنىكا جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تەشكىللىدى؛ كەنت ئاھالىلىرىنى قوشۇمچە ئوغۇت، قايتا كۆكىرىش ئوغۇتى بىلەن ئوغۇتلاشقا پائال سەپەرۋەر قىلدى. ھەر قايسى ناھىيە (شەھەر)لەر بۇغداي كۆكىرىشتىن ئىلگىرى، تېمپېراتۇرا ئۆرلىگەندىن كېيىن، بۇغداينى ئوغۇتلىدى. ھازىرغىچە، ۋىلايەت بويىچە ئوغۇتلانغان كۈزگى بۇغداي كۆلىمى 2 مىليون 260 مىڭ موغا يېتىپ، پۈتۈن كۈزگى بۇغداي كۆلىمىنىڭ %70ىنى ئىگىلەپ، ھەر مو يەرگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 18.9 كىلوگرام ئوغۇت بېرىلدى.

دېھقانلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى خاتىرجەم ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قەشقەر ۋىلايىتى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىغا كېتەرلىك ماددىي ئەشيالارنى تەييارلاش ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى بازىرىغا بولغان نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، مال باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېلىش، يالغان، ساختا، ناچار يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى ياساش، سېتىش قاتارلىق دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بەردى. نۆۋەتتە، 287 مىڭ توننا خىمىيەۋى ئوغۇت، 10 مىليون 40 مىڭ توننا يەرلىك ئوغۇت، 16 مىڭ توننا سۇلياۋ يوپۇق، 700 توننا دېھقانچىلىق دورىسى تەييارلاندى.