باش بەت>قەشقەر

ھەر مىللەت خەلقىنى تېخىمۇ بەختلىك قىلىمىز

يوللانغان ۋاقىت:2018-03-05 10:27:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

 

ـــ قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى نىڭپىڭنى زىيارەت

«شىنجاڭ گېزىتى» مۇخبىرى خەن چىنيەن، مۇخبىرىمىز ۋاڭ جىخېڭ خەۋىرى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنىڭ قەشقەردە ئەمەلىيلىشىشىنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا 2-ئاينىڭ 20-كۈنى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى نىڭپىڭ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە مەھكەم ساقلاشتا، چوقۇم «تۆت ئۇلۇغ»نىڭ قەشقەردىكى كونكرېت ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى، شۇنداقلا قەشقەر ۋىلايىتى ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش ۋە تىرىشىش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بېرىلدى.

لى نىڭپىڭ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئۇلۇغ جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ قەشقەر سەھىپىسىنى يارىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىدا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈرۈشىمىز كېرەك. بۇ بىزدىن بارلىق خىزمەتلەردە باش نىشاننى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زىچ چۆرىدەشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ تۈپ چىقىش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ.

لى نىڭپىڭ ماۋۇلارنى بىلدۈردى: ئۇلۇغ جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ قەشقەر سەھىپىسىنى يارىتىپ، قەشقەردىكى ھەر مىللەت خەلقىنى تېخىمۇ بەختلىك قىلىش ــ قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەرنىڭ بوشاشماس ئارزۇسى، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ تەلپۈنۈشى. ھازىرقى باسقۇچتىكى قەشقەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ، ئاپتونوم رايون، مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بۇ ئارقىلىق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. كونكرېت ئېيتقاندا بۇ، ئىناق، مۇقىم بولغان ئىجتىمائىي مۇھىتنى ساقلاش، ھەر مىللەت ئاممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، زامانىۋى، مەدەنىي، باياشاد تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش، بالىلار تەربىيەلىنەلەيدىغان، مەكتەپتە ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ئەمگەك قىلغانلار تاپاۋەتكە ئىگە بولۇش، ئاغرىپ قالغانلار داۋالىنالايدىغان بولۇش، ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، تۇرىدىغان ئۆيى بولۇش، ئاجىزلارغا يار-يۆلەك بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنى كۈنسېرى ياخشىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.

لى نىڭپىڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە بۇلتۇر قەشقەر ۋىلايىتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بىراق بۇ كۈرەشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى، ئۆتكۈرلۈكىگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ پەقەت بىر باشلىنىش ھېسابلىنىدۇ. ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا جەزمەن ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىش كېرەك، ئۇلۇغ كۈرەشنىڭ قەشقەردىكى ئەڭ رېئال، ئەڭ كونكرېت ئىپادىسى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدىن ئىبارەت.

لى نىڭپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ كۈرەشتە قەتئىي غەلىبە قىلىش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىزگە تاپشۇرغان زور سىياسىي ۋەزىپە بولۇپلا قالماي، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سەمىمىي ئارزۇسى، بىز جەزمەن سىياسىي ئورنىمىزنى يۈكسەلدۈرۈپ، سىياسىي سىجىللىقنى ساقلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرى ۋە شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باشتىن-ئاخىر باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كاللىنى سەگەك تۇتۇپ، ھەر ۋاقىت ھۇشيار بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئۇنىۋېرسال تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەشقەرنىڭ سىجىل مۇقىم، ئومۇميۈزلۈك مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايون، مەملىكەتنىڭ ئومۇمىيلىقىغا تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

لى نىڭپىڭ ماۋۇلارنى بىلدۈردى: «ئەلنىڭ كۆڭلى خاتىرجەم بولسا، ئەبەدىي ئەمىنلىك بولىدۇ؛ كۆڭۈل خاتىرجەم بولمىسا، ئەمىنلىكتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ». ئاممىۋى خىزمەتنى باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەت قىلىپ، ئەل قەلبىنى ئەڭ زور چەكتە مۇجەسسىەملەش كېرەك. كادىرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دېھقان ئائىلىلىرىدە تۇرۇشى ــ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئاممىۋى خىزمەت تەدبىرى. كادىرلارنىڭ ھەممىسى دېھقان ئائىلىلىرىدە تۇرۇش ۋە دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ھەممىسىدە كادىرلار تۇرۇشتىن ئىبارەت «ئىككى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش»نى دائىملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرگەندە، ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇرغىلى، تۈگۈنلەرنى يەشكىلى، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە ياردەم بەرگىلى، ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرغىلى بولۇپلا قالماي، ھەر مىللەت ئاممىسىنى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشتىن قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان قىلغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»، گۇرۇپپىلىشىپ تۇغقانلىشىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، گىرەلەشمە ئىجتىمائىي قۇرۇلما ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك.

«ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا چوقۇم ئۇلۇغ قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش كېرەك. بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ  پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا». لى نىڭپىڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ قەشقەردىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملەشتە، چوقۇم باشتىن-ئاخىر پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتكومنىڭ ئومۇمىيلىقنى ئىدارە قىلىش، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ رەھبەرلىك يادروسىنى ماسلاشتۇرۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولىدىغان كۈچلۈك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

لى نىڭپىڭ مۇنداق دېدى: كادىرلار ئىستىلىنىڭ دۇرۇس بولماسلىقى ـــ ئەڭ چوڭ دۈشمىنىمىز. بىز بۇ ھۆكۈمنىڭ توغرىلىقىنى بارغانسېرى تونۇپ يەتتۇق. ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەت ئارقىلىق قەشقەردىكى كادىرلارنىڭ ئىستىلىدا كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بولغان بولسىمۇ، لېكىن باش نىشان تەلىپىدىن يەنىلا يىراق، «تۆت خىل ناچار ئىستىل»، «تۆت ئىللەت» تەلتۆكۈس تۈگىگىنى يوق، كادىرلار ئىستىلىنى تۈزەشنى چوقۇم تەۋرەنمەي چىڭ تۇتۇش كېرەك. بۇ، مۇقىملىق ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشنىڭ مۇھىم كاپالىتى.

لى نىڭپىڭ ماۋۇلارنى بىلدۈردى: ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، چوقۇم ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، بۇنىڭدا ئەڭ تەخىرسىز ۋەزىپە ــ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش ــ جۇڭگوچە سوتسيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ تۆۋەن چەك ۋەزىپىسى ۋە بەلگە خاراكتېرلىك كۆرسەتكۈچى.

لى نىڭپىڭ مۇنداق دېدى: قەشقەر ۋىلايىتىدىكى 12 ناھىيە (شەھەر)نىڭ 11ى ئېغىر نامرات ناھىيە، نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغان نوپۇس 756 مىڭ كىشىگە يېتىدىغان بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى نامرات نوپۇسنىڭ %40 ىنى ئىگىلەيدۇ، نامراتلىقنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى %21.6 كە يېتىدۇ. مۇشۇنداق بولغاچقا، بىز چوقۇم نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، «يەتتە بىر تۈركۈم»، «ئۈچ جەھەتتە سالماقنى زورايتىش»نى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا بىرمۇ كىشىنىىڭ چۈشۈپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

قەشقەر ۋىلايىتى يەرلەرنى ئېنىقلاشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم تۇتقىسى ۋە تىرەك قىلىپ، قانۇن-بەلگىلىمىگە ئاساسەن، 2 مىليون 820 مىڭ مو بەلگىلىمىگە خىلاپ ئېچىلغان بوز يەرنى قايتۇرۇۋېلىپ، بىرتۇتاش سىرتقا ھۆددىگە بېرىپ باشقۇرۇپ، يەرنى پايغا قوشۇش، يەر ئوبوروت قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق كارخانىلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى يولغا قويدى.

لى نىڭپىڭ مۇنداق دېدى:  ھەر مو يەردىن يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 500 يۈەن پايدا ئېلىنسا، بىر يىلدا 1 مىليارد 410 مىليون يۈەن كىرىم قىلغىلى بولىدۇ. پايدىنى قايتا تەقسىم قىلىش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىش، كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش فوندى قۇرۇش ۋە كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى تولۇقلاش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن پايدىنىڭ كەنت، ئائىلە، كىشى بېشىغىچە دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قەشقەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىر. بىركىشى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشسا، بىر ئائىلە نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلىدۇ. بىز يەردىن قىلىنغان پايدىنى ئەمگەك ئىقتىدارى بار نامرات ئائىلىلەرگە ئىشقا ئورۇنلىشىش تولۇقلىمىسى شەكلىدە تارقىتىپ بېرىپ، كىشى بېشى كىرىمىنى 1000 يۈەن ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىمىز.

لى نىڭپىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تاغلىق رايون، چېگرا رايونلاردىكى 192 نامرات كەنتتىكى تۇرالغۇ ئۆيلەر ۋە ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ يېتەرسىزلىكلەرنى تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق مەبلەغ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى ۋە مەخسۇس مەبلەغلەرنى بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق قايسى تۈر كەم بولسا، شۇ تۈرنى تولۇقلاشنى يولغا قويىمىز. مائارىپتىن ئىبارەت بۇ ئاجىز تۈرنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى مائارىپىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى كۈچەيتىپ، كەسىپ جەھەتتە تەربىيەلەش، دېھقانلار كەچلىك مەكتىپى خىزمىتى سالمىقىنى زورايتىپ، دېھقانلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقنىڭ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملىشىشىنى ئۈزۈپ تاشلايمىز.

لى نىڭپىڭ مۇنداق دېدى: يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتنى  خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يېقىنقى يىللاردا قەشقەر ۋىلايىتى مالىيە چىقىمى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئىشلىتىشتە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، تۇرالغۇ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك. لى نىڭپىڭ چوڭقۇر ئىشەنچكە تولغان ھالدا مۇنداق دېدى: بىز پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، مەڭگۈ بوشاشماسلىقتەك روھىي قىياپەت ۋە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتەك كۈرەش ھالىتى بىلەن دەۋرگە يۈز كېلەلىگۈدەك يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى سىزىپ بەرگەن ئۇلۇغۋار پىلان ئارقىلىق گۈزەل كەلگۈسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەشقەرنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.