باش بەت>قەشقەر

قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق 1-دوختۇرخانىسىنىڭ كونىشەھەر ناھىيە گۇاڭجۇ يېڭى شەھەرچىسى دوختۇرخانا رايونى قۇرۇلۇشىغا ئىش باشلاندى

يوللانغان ۋاقىت:2018-03-14 11:07:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز جاڭ جىكې، يىڭ يۈشو خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق 1-دوختۇرخانىسىنىڭ كونىشەھەر ناھىيە گۇاڭجۇ يېڭى شەھەرچىسى دوختۇرخانا رايونى قۇرۇلۇشىغا ئىش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى خې يۈ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى، گۇاڭجۇ شەھەرلىك قۇرۇلۇش-بىناكارلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، لىدىرى لياڭ خۇچىڭ ھەمدە قەشقەر ۋىلايەتلىك سەھىيە-پىلانلىق پەرزەنت كۆرۈش خىزمىتى كومىتېتى، كونىشەھەر ناھىيەسى، ۋىلايەتلىك خەلق 1-دوختۇرخانىسىنىڭ رەھبەرلىرى ئىش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.


خې يۈ ئىش باشلاش مۇراسىمىدا ماۋۇلارنى بىلدۈردى: قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق 1-دوختۇرخانىسىنىڭ كونىشەھەر ناھىيە گۇاڭجۇ يېڭى شەھەرچىسى دوختۇرخانا رايونى قۇرۇلۇشى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى ئاكتىپ ھەرىكەت بولۇپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇشنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىك ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ھەر مىللەت ئاممىسىغا بەخت يارىتىشتىكى ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گۇاڭجۇ يېڭى شەھەرچىسىنى جانلاندۇرۇش، قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق 1-دوختۇرخانىسىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ داۋالاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئاممىنىڭ داۋالىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. 

 

خې يۈ تۈر قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۆلچەم، تېز سۈرئەتتە تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە ماۋۇلارنى تەكىتلىدى: تۈر قۇرۇلۇشىغا بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشتە، ھەر قايسى ئورۇن ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئىدىيەۋى تونۇشىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ۋەزىپە، ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ماسلاشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى تەپسىلىيلەشتۈرۈشى؛ قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق 1-دوختۇرخانىسى، گۇاڭجۇ شەھەرلىك قۇرۇلۇش-بىناكارلىق گۇرۇھى قاتارلىق قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلار تۈر قۇرۇلۇشىغا بولغان سۈپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، قۇرۇلۇشنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، تۈرنىڭ سۈپەتلىك تاماملىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى؛ تۈر قۇرۇلۇشىغا بولغان مۇلازىمەت كاپالىتىنى ياخشى قىلىشتا كونىشەھەر ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى، گۇاڭجۇ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەترىتى ھەمدە ۋىلايەت، ناھىيەدىكى ئالاقىدار تارماقلار مۇلازىمەت ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەت مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتىنى ئىگىلەپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى ياخشى مۇھىت ۋە شارائىتقا ئىگە قىلىشى كېرەك.


ئىگىلىنىشىچە، قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق 1-دوختۇرخانىسىنىڭ كونىشەھەر ناھىيە گۇاڭجۇ يېڭى شەھەرچىسى دوختۇرخانا رايونىغا گۇاڭجۇ يېڭى شەھەرچىسىدىكى 11-نومۇرلۇق يەردىن ئورۇن تاللانغان بولۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن 250 مىليون يۈەن ئاجرىتىلغان. تۈرگە ئىككى قارار بويىچە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، تۇنجى قارارلىق قۇرۇلۇشقا 142 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىلىرىدا پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈش پىلانلانغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گۇاڭجۇ يېڭى شەھەرچىسىدىكى 11-نومۇرلۇق يەرنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى ئورۇنغا ۋىلايەتلىك خەلق 1-دوختۇرخانىسىنىڭ ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسىنى يېڭىدىن قۇرۇش پىلانلانغان.