باش بەت>قەشقەر

گۇاڭجوۋ شەھىرى ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايلارنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2018-04-04 11:17:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى مەسئۇل مۇھەررىر:بەختىگۈل ئابدۇشۈكۈر


يېقىندا كونىشەھەر ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، گۇاڭجوۋ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەترىتىنىڭ باشلىقى تاڭ لىمىڭ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئامېرىكا نۇر يىغىش تېخنىكا شىركىتىنىڭ ئالتە مۇتەخەسسىسىگە تەكلىپنامە تارقىتىپ، ئۇلارنى ئىككى يىللىق مۇددەت بىلەن كونىشەھەر ناھىيەسىدىكى گۇاڭجوۋ سانائەت رايونىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش يېتەكچىسىلىكىگە تەكلىپ قىلدى.

بۇ قېتىم تەكلىپ قىلىنغان ئالتە مۇتەخەسسىس ئايرىم-ئايرىم ھالدا شېنجېندىكى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، چىڭخۇا دۇڭگۈەن يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى يەن شۇگاڭ، جۇڭگو-ئىسرائىلىيە (شېنجېن) خەلقئارا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنىڭ باش لىدىرى، «تەيدې» پۇل مۇئامىلە پاي كونترول قىلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لىدىرى يەن جېن، چىڭخۇا دۇڭگۈەن يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، گۇاڭدۇڭ چىڭخۇا ئىگىلىك تىكلەش-مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى شياۋ بىن، ئامېرىكا نۇر يىغىش تېخنىكا شىركىتىنىڭ باش لىدىرى مارك مىكوننىگېي، چىڭخۇا دۇڭگۈەن يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى خەلقئارا ھەمكارلىق باش نازارەتچىسى ليۇ ۋېي ۋە چىڭخۇا دۇڭگۈەن يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنىڭ مۇدىر ياردەمچىسى لو لېيدىن ئىبارەت.

«سىرتنىڭ ئەقىل-پاراسىتى»دىن پايدىلىنىپ، ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايلارنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلىش پىلانى 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، تاڭ لىمىڭ كونىشەھەر ناھىيەسىدىكى گۇاڭجوۋ سانائەت رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەن، ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇنىڭ ئاساسلىق خىزمەت ۋەزىپىسى قىلىنغان.

بۇ يىل يىل بېشىدا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، گۇاڭجوۋنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش بويىچە «پارتىيە ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار مۇلازىمەت مەركىزى، دۆلەت ئورتاق تىلى كۇرسى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۇرسى» قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى. پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سانائەت رايونىنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سانائەت رايونىدىكى كارخانىلارنىڭ زورىيىشى، كۈچىيىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، 3-ئاينىڭ 14-كۈنى كونىشەھەر ناھىيەسىدىكى گۇاڭجوۋ سانائەت رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتى گۇاڭجوۋ شەھىرىدىن شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن ئىككى كارخانىدا ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى كارخانا پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇپ، سانائەت رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىدىكى شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىرلارنى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسىلىقىغا تەيىنلىدى. 3-ئاينىڭ 15-كۈنى كونىشەھەر ناھىيەسىدىكى گۇاڭجوۋ سانائەت رايونىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسىدا قەشقەر «يىجىنچېڭ» كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتىگە ۋېۋىسكا ئېسىلىپ، «سىرتنىڭ ئەقىل-پاراسىتى» نىڭ ياردىمىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلۈپ، سانائەت رايونىنىڭ ھالقىما تەرەققىيات پىكىر يولى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

شېنجېن چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، چىڭخۇا دۇڭگۈەن يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى يەن شۇگاڭ تەكلىپنامىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: مەن كونىشەھەر ناھىيەسىنىڭ تەرەققىياتىغا خالىس تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن. كەسىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا ياردەم بېرىمەن. ئۇ ماۋۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىم مېنىڭ كونىشەھەر ناھىيەسىدىكى گۇاڭجوۋ سانائەت رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكچىلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىمگە ئېلىشىم بىر جەھەتتىن، گۇاڭجوۋ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە ئىختىساسلىقلارغا ئىنتىزار بولۇش سەمىمىيىتىدىن بولغان، يەنە بىر جەھەتتىن، بۇ مېنىڭ دۆلەتنىڭ غەربىي رايونلارنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ئىستراتېگىيەسى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاۋاز قوشقانلىقىم ھېسابلىنىدۇ.

باشقا ئىگىلىك تىكلەش يېتەكچىلىرىمۇ بەس-بەستە ماۋۇلارنى بىلدۈرۈشتى: ئىلكىمىزدىكى كارخانا بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئىستراتېگىيەلىك، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، سانائەت رايونىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش تەرەققىياتىنى ھەقىقىي تۈردە ئىلگىرى سۈرىمىز.

(گۇاڭجوۋ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەترىتى تەمىنلىگەن)