باش بەت>قەشقەر

شەندۇڭ ئۆلكىسى ياردەم قىلغان قەشقەر ۋىلايىتىدىكى تۆت ناھىيەدە ئىستۇدېنتلار دۆلەت ئورتاق تىلىدا مائارىپقا ياردەم بېرىش بويىچە پىراكتىكا سىناق نۇقتىسى تۈرى رەسمىي يولغا قويۇلدى

يوللانغان ۋاقىت:2018-04-04 11:05:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى مەسئۇل مۇھەررىر:بەختىگۈل ئابدۇشۈكۈر


3-ئاينىڭ باشلىرىدا شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلىرىدىن بولغان تۇنجى تۈركۈمدىكى 201 نەپەر پېداگوگىكا كەسپىدىكى ئىستۇدېنت ۋە بەش نەپەر يېتەكچى ئوقۇتقۇچى قەشقەرگە كېلىپ، شەندۇڭ ئۆلكىسى ياردەم بېرىۋاتقان يېڭىشەھەر، يېڭىسار، يوپۇرغا، مەكىت ناھىيەلىرىدە بىر مەۋسۇم داۋاملىشىدىغان مائارىپقا ياردەم بېرىش پىراكتىكىسىنى باشلىدى، بۇ، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ قەشقەردىكى تۆت ناھىيەدە ئىستۇدېنتلار دۆلەت ئورتاق تىلىدا مائارىپقا ياردەم بېرىش پىراكتىكا سىناق نۇقتىسى تۈرىنىڭ رەسمىي يولغا قويۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىلى ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ قەشقەردىكى تۆت ناھىيەنىڭ دۆلەت ئورتاق تىلى ئوقۇتۇش كۈچىنى ھەقىقىي تۈردە كۈچەيتىش، تۆت ناھىيەدىكى ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىكتەك جىددىي مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش شەكلىدە 2018-يىلىدىن باشلاپ ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان تۆت ناھىيەدە ئىستۇدېنتلار دۆلەت ئورتاق تىلىدا مائارىپقا ياردەم بېرىش پىراكتىكا سىناق نۇقتىسى تەسىس قىلىش خىزمىتىنى يولغا قويدى.

بۇ تۈر قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم، شەندۇڭ-شىنجاڭدىن ئىبارەت ئىككى جايدىكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىگە ۋە زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشتى. شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەر كەڭ كۆلەمدە سەپەرۋەر قىلىنىپ، شەندۇڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتناش ھەققىنى ئۈستىگە ئالدى. قەشقەر ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى ۋاقتىدا خادىم قوبۇل قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، «2018-يىللىق شەندۇڭ ئۆلكىسى نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان قەشقەر ۋىلايىتىدىكى تۆت ناھىيەنىڭ دۆلەت ئورتاق تىلىدا مائارىپقا ياردەم بېرىش بويىچە پىراكتىكا قىلىشقا ئىستۇدېنت قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى تۈزۈپ، ئىش ئورنىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، تەمىنات كاپالىتى، كۈندىلىك باشقۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنى بېكىتتى. ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان تۆت ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ تېزرەك خىزمەتلەرگە كىرىشىپ، مائارىپقا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە ماسلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

3-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە قەشقەر ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى تەربىيەلەش كۇرسى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادىتى، ئوقۇتۇش ماتېرىيالى، كەسپىي ئىقتىدار بويىچە تەربىيەلىدى. مائارىپقا ياردەمگە كەلگەن ئىستۇدېنتلار بەس-بەستە ماۋۇلارنى بىلدۈرۈشتى: پىراكتىكا مەزگىلىدە قانۇن-قائىدىلەرگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، كەسىپ ئەخلاققا ئەمەل قىلىپ، ياش ئىستۇدېنتلارنىڭ دادىللىق بىلەن ئىشلەيدىغان، جاپاغا چىدايدىغان ئېسىل پەزىلىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قەشقەرنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ئۇسۇل ئاتا قىلىمىز.

(قەشقەر ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى تەمىنلىگەن)