باش بەت>قەشقەر

شىنجاڭغا ياردەم بېرىش رىشتىدىن پۈتۈلگەن شانلىق قەسىدە

يوللانغان ۋاقىت:2018-04-23 12:23:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

ــ شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئومۇمىي بايان

مۇخبىرىمىز: ۋاڭ ۋېنبو، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: ليۇ شياۋفېڭ

     شەندۇڭ بىلەن قەشقەرنىڭ بىرى شەرقتىكى دېڭىز بويىدىكى چوڭ ئۆلكە، يەنە بىرى غەربتىكى قاتناش تۈگۈنى، بۇ ئىككى جاينى تاغ-دەريالار ئايرىپ تۇرغىنى بىلەن چوڭقۇر قېرىنداشلىق رىشتى ئەزەلدىن ئۈزۈلمىدى.

     1997-يىلىدىن بۇيان شەندۇڭ ئۆلكىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن قەشقەرگە نىشانلىق ياردەم بېرىشتەك مۈشكۈل ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالدى، شۇنىڭدىن تارتىپ شەندۇڭلۇقلار بىلەن قەشقەرلىكلەرنىڭ رىشتىسى باغلاندى. 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، شەندۇڭ ئۆلكىسى توققۇز تۈركۈمدە 943 نەپەر ئىختىساسلىق كادىر، 4000 نەپەردىن كۆپرەك ئۇنىۋېرسال ئىختىساس ئىگىسىنى ئارقا-ئارقىدىن قەشقەرگە ئەۋەتىپ، جەمئىي 8 مىليارد 99 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 914 تۈرنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭغا كۆپ قاتلاملىق، كەڭ ساھەلىك، ئومۇميۈزلۈك نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئوينىدى.

     بولۇپمۇ 2017-يىلىدىن بۇيان، شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەمگە كەلگەن 181 نەپەر ئىختىساسلىق كادىر شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ «كۈچ ئۇلاش تايىقى»نى تاپشۇرۇۋېلىپ، 9-تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان بارلىق ئىختىساسلىق كادىرلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، شەندۇڭ، شىنجاڭ ئىككى جايدىكى پارتكوم، ھۆكۈمەت ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، كەسىپ جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، بازار جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، خەلق تۇرمۇشى جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، مائارىپ جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، سەھىيە جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، ئىختىساسلىقلار جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قاتارلىقلارغا سىجىل كۈچ سەرپ قىلىپ، مەركەز ۋە شەندۇڭ، شىنجاڭ ئىككى جاي رەھبەرلىرىنىڭ تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشى، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى.

كەسىپ جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش نامراتلارنى يۆلەشنىڭ «يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ»ىنى شەكىللەندۈردى

     6-قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىدا: «دىققەتنى ئىشقا ئورۇنلىشىش يولىنى كېڭەيتىپ، كەسىپ جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، قىيىنچىلىقى بار تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ ئۆز جايىدا، يېقىن جايدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قەتئىي تەۋرەنمەي مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك» دەپ كۆرسىتىلدى. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، شەندۇڭ ئۆلكىسى تۈر كىرگۈزۈش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت «ئىككى تۇتقا»نى چىڭ تۇتۇپ، دىققەتنى كەسىپنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سەھنىسى بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، 112 تۈرگە يېڭىدىن ئىش باشلاپ ياكى داۋاملىق تۈردە قۇرۇلۇش قىلپ، مەبلەغ سوممىسى 100 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان تۆت تۈرنى كىرگۈزۈپ، جەمئىي 4 مىليارد 480 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىشنى تاماملىدى. 5 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنغان شەندۇڭ «رۇيى» گۇرۇھىنىڭ 800 مىڭ ئورچۇقلۇق سىپىرلاشقان ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەن-تېخنىكىلىق توقۇمىچىلىقتا ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى تۈرى يېڭىشەھەر ناھىيەسى، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى، يېڭىسار ناھىيەسىدە بىرلا ۋاقىتتا ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، 5000 ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولدى.

     «شەندۇڭ-شىنجاڭ يىپەك يولى رىشتى، قەشقەر مەھسۇلاتلىرى» ئاساسىي تېمىلىق پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، قەشقەرنىڭ ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى 20دىن كۆپرەك چوڭ تىپتىكى سودا-ساراي، تاللا بازارلىرىغا كىرگۈزۈلدى؛ مەكىت چىلىنىنىڭ رىجاۋ تاۋار سودا مەركىزىدە بازارغا سېلىنىشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، 2017-يىللىق سېتىلىش مىقدارى 5000 توننىغا يەتتى؛ «شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى ئارقىلىق قەشقەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىغا ياردەم بېرىش ھەرىكىتى» يولغا قويۇلۇپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق پەن تەتقىقات ئورنى قۇرۇلۇپ، شەندۇڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسلىرى، يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى قەشقەرگە كېلىپ يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىشكە تەشكىللىنىپ، ئۇچقات، يەر ياڭىقى قاتارلىق يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تېرىقچىلىقى تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، كەڭ كۆلەملىك نامراتلارنى يۆلەشتە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى بەرپا قىلىنىپ، «ھويلا-ئاران ئىگىلىكى»، «ئورمانچىلىق ئىگىلىكى» تەرەققىي قىلدۇرۇلدى؛ «باش ئىشتاب + ھەمراھ زاۋۇت» ئەندىزىسى خۇلاسىلىنىپ ۋە كېڭەيتىلىپ، «باش ئىشتاب + نامراتلارنى يۆلەش ئائىلە سېخى» ئەندىزىسى يېڭىلىق يارىتىلغان ئاساستا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، «جىفا» يالغان چاچ زاۋۇتى، «رۇيى» پايپاقچىلىقى، «شىنيىنخې» گىلەمچىلىكى قاتارلىق تۈرلەرنىڭ كەسىپ زەنجىرى كەنت، ئائىلىلەرگىچە ئۇزارتىلىپ، يەرلىكتىكى ئاممىنىڭ ئۆيىدىن چىقماي تۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىلدى.

     يېڭىشەھەر ناھىيە باغچى يېزىسىنىڭ 5-كەنتىدە، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى «رۇيى مېيجياڭ» پايپاقچىلىقىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، 232 يۈرۈش پايپاق توقۇش ماشىنىسىنى 29 دېھقاننىڭ ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، «رۇيى» پايپاقچىلىقى كوچىسى شەكىللەندۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئۆيىدىن چىقماي تۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۇزۇن يىلدىن بۇيان تەقەززا بولۇۋاتقان «ئۆيدە خىزمەت قىلىش» ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى.

     بۈگۈنكى كۈندە، شەندۇڭ ئۆلكىسى ئۆزى ياردەم بېرىۋاتقان تۆت ناھىيەدە «ناھىيە بازىرى باش ئىشتابى ــ يېزا (بازار) كەسىپ رايونى ــ ھەمراھ زاۋۇت ــ نامراتلارنى يۆلەش ئائىلە سېخى»دىن ئىبارەت «تۆت دەرىجىلىك تور»نى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈپ، ھەمراھ زاۋۇتتىن 151 نى قۇردى، بۇنىڭ تۈرتكىسىدە 10 مىڭغا يېقىن كىشى زاۋۇتقا كىرىپ ئىشلەپ كەسىپ ئىشچىسىغا ئايلاندى.

خەلق تۇرمۇشى جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئاممىغا «بەخت يولى» ئېچىپ بەردى

     شەندۇڭ ئۆلكىسى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى. 2017-، 2018-يىللىرى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە 2 مىليارد 160 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجراتتى، بۇ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ %81.6 ىنى ئىگىلەيدۇ.

     مائارىپ جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سېلىنمىسىنى سىجىل زورايتتى. بالىلار باغچىسىدىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە بولغان «بىر گەۋدىلەشكەن» مائارىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، يېڭىشەھەر تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپى، يېڭىسار «شەندۇڭ-يېڭىسار» ئوتتۇرا مەكتىپى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق ئېلىپ بېرىپ، قۇرۇشقا تېگىشلىك «قوش تىل» بالىلار باغچىلىرىنى تولۇق قۇردى؛ يېڭىشەھەر ناھىيەلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئەمەلىي مەشىق بازىسى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسپىي تېخنىكا ئىقتىدارى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇردى؛ ئۆمەك شەكلىدە ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىپ، قەشقەر 2-ئوتتۇرا مەكتىپى ۋە مەكىت ناھىيەلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپتە «شەندۇڭ تەجرىبە سىنىپى» تەسىس قىلىپ، چىڭداۋ 2-ئوتتۇرا مەكتىپى قاتارلىق تۆت داڭلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ قەشقەر 2-ئوتتۇرا مەكتىپىگە ياردەم بېرىشىنى ئىلگىرى سۈردى؛ «ئۆز جايىدا ئاچقان ئىچكى جايلاردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى»نى قۇرۇپ ۋە يېڭىلىق يارىتىپ، قەشقەردىكى ئوقوغۇچىلارنى شەندۇڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىدىن بەھرىمەن قىلدى؛ ئىچكى جايلاردا ئوقۇۋاتقان 1838 نەپەر ئوقۇغۇچى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدا ئوقۇۋاتقان 1016 نەپەر قەشقەرلىك نامرات ئوقۇغۇچىغا ئوقۇش ياردىمى ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم ھالدا ھەر يىلى ھەر بىر كىشىگە 6000 يۈەن ۋە 3000 يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقاتتى، نامراتلارغا يار-يۆلەك بولۇش، ئوقۇشقا ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەردىكى ئوقوغۇچىلارغا 150 مىڭ يۈەن قىممىتىدە مەدەنىيەت-تەنتەربىيە بۇيۇمى ئىئانە قىلدى.

     داۋالاش جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇردى. تۇبېركۇليوز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش، خالىسانە دىياگنوز قويۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياردەم بېرىۋاتقان تۆت ناھىيەگە يېڭىدىن 46 يېزا (بازار) لىق ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش مەركىزى قۇرۇپ بېرىپ، يېزا (بازار)لارنى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ ياردەم بېرىۋاتقان تۆت ناھىيەدە تۇبېركۇليوز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش تۈرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، تاللاپ تەكشۈرۈش ۋە دىياگنور قويۇشنى تاماملىدى؛ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىلىرى، ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسى قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاپ، يەرلىكنىڭ داۋالاش-سەھىيە شارائىتىنى ئەلالاشتۇردى، «قەشقەر يورۇقلۇق سەپىرى» پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، كۆزىگە ئاق چۈشكەن 207 نەپەر نامرات ئاغرىقنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپېراتسىيەسىنى ھەقسىز قىلدى؛ شەندۇڭدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى تەشكىللەپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن  نامرات ئائىلىلەردىكى مېڭە پاراللىچى كېسەللىكىنىڭ ئاسارىتى قالغان ئاغرىقلارنى كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلىپ، 47 نەپەر مۇتەخەسسىسنى ياردەم بېرىۋاتقان تۆت ناھىيەگە بېرىپ دىياگنوز قويۇش، خالىس كېسەل كۆرۈشكە ئەۋەتىپ، 1500 ئادەم (قېتىم)دىن كۆپرەك كىشىگە دىياگنوز قويۇپ، 700 مىڭ يۈەن قىممىتىدە دورا تارقىتىپ، ئاممىنىڭ كېسەللىك سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىشىنى ئۈنۈملۈك ئازايتتى.

     خەلقنى خاتىرجەم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ بېيىتىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. شەندۇڭ ئۆلكىسى يېڭىسار ناھىيە ماڭشىن يېزىسىنىڭ7-كەنتىدە خەلقنى خاتىرجەم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ بېيىتىش قۇرۇلۇشى بىلەن يېزا مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى تەڭ قەدەمدە يولغا قويۇپ، بىر تۇتاش پىلانلاش، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئېغىل-قوتان، پارنىك، كۆچەتخانا سېلىپ، ئۆينىڭ ئالدىنى قاتتىقلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش، ھويلىنى گۈزەللەشتۈرۈش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، ھويلا ئارقىسىنى پىلانلىق تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 241 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنى ئازادە، يورۇق ئەمىن ئۆيلەرگە كۆچۈرۈپ، ئۇلارنى چاڭ-توزاندىن قۇتۇلۇپ، قۇياش ئېنېرگىيەلىك ھويلا چىرىغى ئورنىتىپ، پاكىز ھاجەتخانىلارنى ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان جايلاردا كۆمۈردە ئىسسىنىشنى توك پاردا ئىسىسىنىشقا ئۆزگەرتىشنى قانات يايدۇرۇپ، تۇرمۇش مۇھىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى. ماڭشىن يېزىسىنىڭ7-كەنتىدىكى ئۆزگىرىشلەر شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ خەلق تۇرمۇشى جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشىدىكى بىر كارتىنا ھېسابلىنىدۇ. 2017-يىلى شەندۇڭ ئۆلكىسى 26 مىڭ 230 يۈرۈش ئەمىن ئۆي سېلىشقا ياردەم بېرىپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ ھەر بىرىگە 20 مىڭ يۈەندىن ياردەم بېرىپ، پارنىك، ئېغىل-قوتان، كۆچەتخانا، نامراتلارنى يۆلەش سېخى سېلىپ بەردى، يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرگەن دېھقانلارغا 19 مىڭ 200 يۈرۈش تېلېۋىزور سوۋغا قىلىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشى ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئىككى جاي ئوتتۇرىسىدا «قەلبداشلىق كۆۋرۈكى» بەرپا قىلدى

     شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى قەيەرگىچە كېڭەيسە ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش شۇ يەرگە يىتىپ باردى.

     شەندۇڭ ئۆلكىسى كۆپ قاتلاملىق، كەڭ ساھەلىك، قاپلىنىشچان قوشماقلىشىپ ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، «كادىر ئىختىساسلىقلار، كارخانا، مەكتەپ، دوختۇرخانا، كۈچلۈك بازار، كۈچلۈك كەنت، ياش-ئۆسمۈرلەر»نىڭ قوشماقلىشىپ يار-يۆلەك بولۇشىنى يولغا قويۇپ ۋە بۇ جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىككى جاي خەلقىنىڭ باردى-كەلدىسى، ھەمكارلىشىشى داۋامىدا ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دوستلۇقنى كۈچەيتتى.

     شەندۇڭ ئۆلكىسى شىنجاڭ «ۋۇجېڭ» يېشىل يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش شىركىتى شىركەت تۇرۇشلۇق جاي قاقشال كەنتىدىكى كارخانىلار بىلەن چىڭداۋ «جىفا» گۇرۇھى قاتارلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كارخانىلاردىكى ئۇيغۇر، خەنزۇ ئىشىچى-خىزمەتچىلەر بىر-بىرى بىلەن، شەندۇڭ ئۆلكىلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ قاتارلىق تۆت مەكتەپ قەشقەر 2-ئوتتۇرا مەكتىپى بىلەن، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىق مەنبەلىرى ياردەم بېرىلىۋاتقان تۆت ناھىيەدىكى خەلق دوختۇرخانىلىرى ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئۆپكە تۇبېركۇليوز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى بىلەن، دۇڭيىڭ شەھىرىدىكى ئالتە كۈچلۈك بازار يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى ئالتە يېزا (بازار) بىلەن، شەندۇڭلۇق 100 نەپەر ياش-ئۆسمۈر قەشقەرلىك 100 نەپەر ياش-ئۆسمۈر بىلەن، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىر ئىختىساسلىقلار يەرلىكتىكى 24 نامرات كەنت، 224 ئائىلىلىك ئۇيغۇر ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىر ئىختىساسلىقلار بىلەن ئۇيغۇر ئاممىنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» بويىچە قوشماقلىشىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى ئىلگىرى سۈردى؛ ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان تۆت ناھىيەدىكى 150 نەپەر ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتنى شەندۇڭ ۋە بېيجىڭدا ئېكسكۇرسىيە، ئۆگىنىشكە بېرىشقا، 300 نەپەر ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرنى شەندۇڭلۇق ياش-ئۆسمۈرلەر بىلەن «قول تۇتۇشۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، پارتكوم، ھۆكۈمەتلەرنىڭ باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە مائارىپ، داۋالاش، سەھىيە، ئاخبارات ۋاسىتىسى قاتارلىق كەسىپلەردىكى تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ۋە يېتەكلەش تىپىدىكى يۇقىرى تېخنىكا ئىقتىدارلىقلىرى، شۇنداقلا، ئىزچىل كەمچىل بولۇۋاتقان تېخنىكا ئىقتىدارلىقلىرىدىن 350 ئادەم (قېتىم)نى ئىچىكى جايلارغا ئەۋەتىپ تەربىيەلىدى؛ «شەندۇڭلۇقلار قەشقەرنى ساياھەت قىلىش» بويىچە ساياھەت ئايروپىلانىنى ھۆددە ئېلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى، بۇنىڭ تۈرتكىسىدە، قەشقەرگە 4500 ئادەم (قېتىم)دىن ئارتۇق ساياھەتچى كەلدى.

     شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىر ئىختىساسلىقلار مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش ۋە قىزغىنلىق بىلەن تۆھپە قوشۇش روھى ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى يېزىپ چىقىپ، شەندۇڭ-قەشقەر خەلقىنىڭ دوستلۇق مېھرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى.

     شەندۇڭ-قەشقەر خەلقى قەلبداش. شەندۇڭ ئۆلكىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇرچ ۋە تاپشۇرۇقنى ئەستە مەھكەم ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ روھ، تېخىمۇ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، تېخىمۇ ئەمەلىيەتچىل ئىستىلى بىلەن يېڭى دەۋردىكى يىمېڭ روھى ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ، قەشقەرنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ يېڭى، زور تۆھپە قوشۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تاپشۇرغان زور سىياسىي ۋەزىپىنى تولۇق ئورۇنداپ، شەندۇڭ بىلەن قەشقەر خەلقىگە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بەردى.