باش بەت>قەشقەر

شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ كەسىپ جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە يەنە يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى

يوللانغان ۋاقىت:2018-05-10 12:29:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى مەسئۇل مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان

مۇخبىرىمىز ليۇ يىمىن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋاڭ شىنخەي خەۋىرى: يېقىندا قەشقەر «شىنشى» يالتىراق بۇيۇملار چەكلىك شىركىتى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى پەن تەتقىقات-ئىگىلىك تىكلەش مەركىزىدىكى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن تۇنجى كارخانا بولۇپ قالدى. بۇ كارخانا 300 دىن كۆپرەك كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرالايدۇ.

يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى پەن تەتقىقات-ئىگىلىك تىكلەش مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش تۈرى 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىدا 300 مىليون يۈەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ يولغا قويۇلغان، پىلاندىكى يەر ئىشلىتىش كۆلىمى تەخمىنەن 579 مو، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى تەخمىنەن 400 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، جەمئىي 3 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان. قەشقەر «شىنشى» يالتىراق بۇيۇملار چەكلىك شىركىتىنى شەندۇڭ ئۆلكىسى شىنتەي شەھىرىدىكى «شىنفېڭ» يالتىراق بۇيۇملار چەكلىك شىركىتى مەبلەغ سېلىپ قۇرغان بولۇپ، 1-قاراردا 30 مىليون 450 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، يىلىغا 60 مىليون كىۋادرات مېتىر يالتىراق توقۇلما خالتا ئىشلەپچىقىرالايدۇ، ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 80 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ، 380 ئىشچىسى بار؛ تۈر ئومۇميۈزلۈك ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، يىللىق ئېكسپورت تاشقى پېرېۋوت كىرىمى 38 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. بۇ شىركەت ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلار جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك يالتىراق ئورالما مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوتتۇرا، جەنۇبىي ئاسىيا، ئافرىقا ئەللىرىگە ئېكسپورت قىلىنىدۇ.