باش بەت>قەشقەر

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ئېتىبار سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭلىق ئىشلەمچىلەرنى جەلپ قىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2018-05-11 13:11:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى خەۋىرى: شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى زورايتىش ئۈچۈن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى يېقىندا ئېتىبار سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ شىنجاڭلىق ئىشلەمچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شىنجاڭلىق ئىشلەمچىلەرنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە مەبلەغ تولۇقلىما سىياسىتىنى مەخسۇس يولغا قويۇپ ۋە كارخانىلارنى شىنجاڭلىق ئىشلەمچىلەرنى قوبۇل قىلىشقا يېتەكلەپ، شىنجاڭلىق ئىشلەمچىلەرنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە ئىشقا ئورۇنلىشىش مەبلەغ ياردىمى بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئەمگەكچىلەرگە ئىش ئورنى تولۇقلىمىسى، ئىجتىمائىي كاپالەت تولۇقلىمىسى، تەربىيەلىنىش تولۇقلىمىسى، تېخنىكا-ئىقتىدارنى باھالاپ بېكىتىش تولۇقلىمىسى، قاتناش، تاماق تولۇقلىمىسى، كارخانا بازا قۇرۇلۇشى تولۇقلىمىسى ۋە يېتەكچى كادىرلارنىڭ تۇرمۇش تولۇقلىمىسىدىن ئىبارەت سەككىز تۈرلۈك تولۇقلىما بېرىپ، شىنجاڭلىق ئىشلەمچىلەرنىڭ گۇاڭدۇڭدا ئەمگەك توختىمى ئىمزالاش، مائاش، پاراۋانلىق، ئىجتىمائىي كاپالەت سۇغۇرتىسى، ئارام ئېلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى ۋە قېلىپلاشتۇردى.

شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئىشلەمچىلەرنىڭ تىل ئىقتىدارى ۋە تېخنىكا-ئىقتىدار سەۋىيەسى يۇقىرى بولماسلىق مەسىلىسىگە قارىتا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ئىشلەمچىلەرنى قوبۇل قىلغان كارخانىلارنىڭ بىر ئايلىق ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇشىغا يىتەكچىلىك قىلدى، ئىشلەمچىلەرنى قوبۇل قىلغان كارخانىلار يەرلىك ئىشلەمچىلەر بىلەن شىنجاڭلىق ئىشلەمچىلەرنى قوشماقلىشىپ يار-يۆلەكتە بولۇشقا پائال سەپەرۋەر قىلىپ، شىنجاڭلىق ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مۇھىتىغا ماسلىشىشىغا ياردەم بەردى. كارخانىلارنى شىنجاڭلىق ئىشلەمچىلەرنىڭ ماددىي مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىشقا يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ گۇاڭدۇڭغا ماسلىشىش، سىڭىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، ئىشلەمچىلەرنى قوبۇل قىلغان كارخانىلارنىڭ شىنجاڭلىق ئىشلەمچىلەر ئۈچۈن مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشلەمچىلەرنىڭ تەۋەلىك تۇيغۇسى ۋە تونۇش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.

2017-يىلى قەشقەر ۋىلايىتى ۋە بىڭتۈەن 3-شىسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ گۇاڭدۇڭغا 908 نەپەر ئىشلەمچىنى يۆتكىدى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى شىنجاڭلىق ئىشلەمچىلەرنىڭ سانى 2077گە يەتتى. 2018–يىلى 1-پەسىلدە 219 كىشىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تاماملىنىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى كۆپەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش، ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلىش قەدىمى كۈچەپ تېزلىتىلدى.