باش بەت>قەشقەر

بۇغداي تېرىغان دېھقانلارغا خەت

يوللانغان ۋاقىت:2018-06-12 16:31:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:دىلنۇر مۇختەر مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

     سۆيۈملۈك دېھقان قېرىنداشلار:

     ياخشىمۇسىلەر!

    بۇ يىل ئاپتونوم رايون يولغا قويغان بۇغداي سېتىۋېلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ مەقسىتى ــ ئىسلاھات ئارقىلىق بازار باھاسىنى بېكىتىش، سۈپىتىگە قاراپ باھا بېكىتىش، ئەلا سۈپەتلىكلىرىگە تولۇقلىما بېرىش، كۆپ مەنبەلىك سۇبيېكىتلار بازارغا كىرىپ سېتىۋالغان بۇغداينى بازارلاشتۇرۇپ سېتىۋېلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇغداي تېرىقچىلىقى رايونى ۋە كۆلىمىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئارتۇق ئاشلىق سورتى ۋە كۆلىمىنى كېمەيتىش، ئەلا سۈپەتلىك سورتلارنى ياخشى باھادا سېتىۋېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت. بىز تەنتەنىلىك ھالدا شۇنداق ۋەدە بېرىمىزكى: ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە بۇغداي سېتىۋېلىش خىزمىتىگە بولغان نازارەتچىلىك ۋە تەكشۈرۈشنى تېخىمۇ كۈچەيتىمىز، دېھقانلارنىڭ بۇغداي سېتىۋېلىش خىزمىتىنى نازارەت قىلىشىنى قارشى ئالىمىز. بىز بۇغداي سېتىۋېلىش جەريانىدا يولۇققان تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، ۋاقتىدا سېتىۋېلىشقا، پاش قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇشقا ھەقىقىي تۈردە كاپالەتلىك قىلىمىز. ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايمىز.

     1. بۇ يىلقى بۇغداي كىمگە سېتىپ بېرىلىدۇ؟

     دېھقانلار بۇغداي سېتىۋالىدىغانلارنى ئۆزلىرى تاللىسا بولىدۇ. ئومۇمەن ئاشلىق سېتىۋېلىش ئىجازەتنامىسىگە ئىگە بولغان دۆلەت ئىلكىدىكى ئاشلىق كارخانىلىرى، پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا قانۇن بويىچە رويخەتكە ئالدۇرغان باشقا كارخانىلار ۋە ئاشلىق سېتىۋېلىش ۋاسىتىچىلىرىغا سېتىپ بەرسە بولىدۇ. سېتىۋېلىش باھاسىنى كارخانىلار بىلەن دېھقانلار مەسلىھەتلىشىپ بېكىتسە بولىدۇ. ئاشلىق سېتىۋالىدىغان كارخانىلار چوقۇم سېتىۋېلىش باھاسى بىلەن سىياسەتلەرنى ئاشكارىلاپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق، سۈپەت ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىشى، ئەلا سۈپەتلىكلىرىنى يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىشى، پۇلىنى ۋاقتىدا نەقلەشتۈرۈشى كېرەك.

     2. بۇغداي سېتىۋېلىش باھاسى قانداق بېكىتىلىدۇ؟

     بۇغداي سېتىۋېلىش باھاسىنى بازار بەلگىلەيدۇ، بازار پىرىنسىپىغا ئاساسەن سۈپىتىگە قاراپ باھا بېكىتىلىدۇ، ئەلا سۈپەتلىكلىرى يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىنىدۇ، ھۆكۈمەت قايتا باھا بېكىتمەيدۇ.

     3. بۇغداي سېتىۋېلىش سۈپەت ئۆلچىمى

     دۆلەت بۇغداي سېتىۋېلىش دەرىجىسىنى بىرلىك ئېغىرلىقىغا ئاساسەن بېكىتىدۇ.

     كونكرېت تۆۋەندىكىچە:

بۇغداينىڭ دۆلەت بېكىتكەن سۈپەت ئۆلچىمى 2008-GB1351


 

     4. سېتىۋالىدىغان كارخانىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى

     1) بۇغداي سېتىۋېلىشتىكى سۈپەت ئۆلچىمى، سېتىۋېلىش باھاسى، مۇلازىمەت ئەھدىنامىسىنى كۆرۈنەرلىك ئورۇنغا ئاشكارىلاش.

     2) بۇغداينىڭ ئۆلچەملىك ئەۋرىشكىسىنى قويۇپ قويۇش، لاياقەتلىك تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنى تەييارلاش.

     3) ئاشلىق، سۈييېغى تەكشۈرۈش سالاھىيىتىگە ئىگە لابورانتلار (پرىيومچىلار) تاپشۇرۇۋالغان ھەربىر تۈركۈم بۇغداينىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش.

     4) ئاشلىق سېتىپ بەرگۈچىلەرنىڭ بۇغداينىڭ سۈپىتى، ئېغىرلىقىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىتا پىكرى بولسا ئاشلىق سېتىۋېلىش پونكىتىنىڭ قايتا تەكشۈرۈپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ، شۇنداقلا پاش قىلىش تېلېفونى ئارقىلىق ئەرز قىلسىمۇ بولىدۇ.

     5) بۇغداينى ئاشكارا بولغان بۇغداي سېتىۋېلىش باھاسى بويىچە سېتىۋېلىشى كېرەك. دەرىجىسى، باھاسىنى خالىغانچە تۆۋەنلىتىشكە بولمايدۇ.

     6) ئاشلىق پۇلىنى ئۆز ۋاقتىدا نەقلەشتۈرۈشى لازىم. ئاق ھۆججەت بېرىشكە بولمايدۇ.

     5. بۇغداي سېتىۋېلىشنى كىم نازارەت قىلىدۇ؟

     بۇغداي سېتىۋېلىش مەزگىلىدە، ھەر دەرىجىلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتلىرى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى، ئاشلىق ئىدارىسى قاتارلىق فۇنكسىيەلىك تارماقلار بازارلارنى چارلاپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاشلىق سېتىۋالىدىغان كارخانىلارنىڭ باھانى قەستەن تۆۋەنلىتىۋېتىش، ھىلە ئىشلىتىپ زىيانكەشلىك قىلىش، بازارنى مونوپول قىلىۋېلىش قاتارلىق قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ قىلمىشلىرىنى ۋە سېتىۋېلىش باھاسىنى ئاشكارىلىمىغان، ئاق ھۆججەت بېرىپ دېھقانلارغا زىيان سالىدىغان قىلمىشلارنى نازارەت قىلىپ قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدۇ، بۇغداي سېتىۋېلىش خىزمىتىنى نازارەت قىلىدۇ.

     6. مەسىلىگە يولۇققاندا قانداق مەسلىھەت سوراش ۋە پاش قىلىش كېرەك؟

     1) تېلېفون ئۇرۇپ مەسلىھەت سوراش ۋە پاش قىلىش.

ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ئىدارىسىنىڭ سىياسەتتىن مەسلىھەت بېرىش تېلېفون نومۇرى: 2355348-0991، نازارەت قىلىش، پاش قىلىش تېلېفون نومۇرى: 2355679-0991، ئاپتوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتىنىڭ سىياسەتتىن مەسلىھەت بېرىش تېلېفون نومۇرى: 2860297-0991، نازارەت قىلىش، پاش قىلىش تېلېفون نومۇرى: 2865117-0991، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مال باھاسى بويىچە پاش قىلىش قىزىق لىنىيەسى: 12358. مەملىكەت بويىچە ئاشلىق ئوبوروتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قىزىق لىنىيەسى: 12325.

     2) شىنجاڭ ئاشلىق ئىدارىسى تورىغا چىقىپ «رەھبەرلەر خەت ساندۇقى»، ئەرز قىلىش، مەسلىھەت سوراش ئىستونى ئارقىلىق كەسپىي جەھەتتىن مەسلىھەت سورىسا، ئەرز قىلىسا، پاش قىلسا بولىدۇ.

     3) «شىنجاڭ ئاشلىقى» جامائەت ئۈندىدار نومۇرىنى قوشۇۋېلىپ، «سېتىۋېلىش ئىسلاھاتى» ئىستونىدىكى «مەسلىھەت سوراش، ئەرز قىلىش خەت ساندۇقى» دا مەسلىھەت سورىسا، پاش قىلسا بولىدۇ.

     7. بۇغداي تېرىقچىلىقىدىكى ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى قايسىلار؟ بۇغداي ئېتىزلىرىنىڭ يەر قۇۋۋىتىنى قوغداش تولۇقلىمىسى قەيەردىن بېرىلىدۇ؟

     ئىسلاھات سىياسىتىدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان تېرىلغۇ يەر قۇۋۋىتىنى قوغداش تولۇقلىمىسى ھەر بىر مو يەرگە 100 يۈەن بېرىلىش ئاساسىدا، ئاپتونوم رايون بېكىتكەن تېرىقچىلىق يېتەكچى پىلانى ئىچىدىكى كۈزگى بۇغداينىڭ ھەر موسىغا 30 يۈەن تولۇقلىما قوشۇپ بېرىش، يازغى بۇغداينىڭ ھەر موسىغا 15 يۈەن تولۇقلىما قوشۇپ بېرىش بەلگىلەندى.

     ئاشلىق زىرائەتلىرىنى يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىنىڭ كاپالەت مۇھىم نۇقتىسى قىلىشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ئاشلىق تېرىغان دېھقانلار «سۇغۇرتىغا قاتنىشىشنى خالايدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى قاتناشتۇرۇش» بىلەن «سۇغۇرتىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى قاتناشتۇرۇش»نى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، بۇغداي تېرىغانلارنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، سۇغۇرتا دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك.

     بۇغداي تېرىلغۇ يەر قۇۋۋىتىنى قوغداش تولۇقلىمىسىنى تارقىتىشتا ھەقىقىي ئىسمى بويىچە ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، قاتتىق باشقۇرۇش كېرەك.

     بىرىنچى باسقۇچتا، دېھقانلار (تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى) كەنت كومىتېتىغا تولۇقلىما بېرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تېرىلغۇ كۆلىمىنى ئەينەن مەلۇم قىلىدۇ.

     ئىككىنچى باسقۇچتا، كەنت ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ھەقىقىي ئىسمى بويىچە ئاشكارا ئېلان قىلىدۇ (ئاشكارىلىنىدىغان مەزمۇنلار: مەلۇم قىلغان سورت، مەلۇم قىلغان كۆلەم قاتارلىقلار، ئاشكارىلاش ۋاقتى بەش خىزمەت كۈنىدىن كەم بولمايدۇ)، يېزا (بازار) قايتا تەكشۈرىدۇ، ناھىيە (شەھەر)لىك دېھقانچىلىق تارماقلىرى ۋە ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لىك دېھقانچىلىق تارماقلىرى تەكشۈرۈپ دەلىللىگەندىن كېيىن بېكىتىلىدۇ.

     ئۈچىنچى باسقۇچتا، ناھىيە دەرىجىلىك دېھقانچىلىق تارماقلىرى تولۇقلىما بېرىلىدىغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغاندىن كېيىن كەنت كومىتېتى ئاشكارىلايدۇ (ئاشكارىلىنىدىغان مەزمۇنلار: تولۇقلىما بېرىلىدىغان كۆلەم، تولۇقلىما پۇلى قاتارلىقلار، ئاشكارىلاش ۋاقتى بەش خىزمەت كۈنىدىن كەم بولمايدۇ).

     تۆتىنچى باسقۇچتا، قايتا ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، باشقىچە پىكىر بولمىسا دېھقانچىلىق تارماقلىرى مالىيە تارماقلىرىنى تولۇقلىما بېرىلىدىغان كۆلەم سانى ۋە تولۇقلىما تارقىتىش تىزىملىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ ھەمدە مالىيە تارماقلىرى بىلەن پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى تولۇقلىما پۇلىنى نەقلەشتۈرىدۇ.

     بەشىنچى باسقۇچتا، نەقلەشتۈرۈشتىن بۇرۇن، ئائىلىلەرنىڭ تىزىملىكىگە ئاساسەن دېھقانلارغا تولۇقلىمىنى نەقلەشتۈرۈش ئۇقتۇرۇشى تارقىتىلىدۇ، دېھقانلار ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋېلىپ تىزىملىككە ئىمزا قويۇپ قول باسقاندىن كېيىن، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى تولۇقلىما پۇلىنى كارتىسىغا ئۇرۇپ بېرىش شەكلىدە نەقلەشتۈرۈپ بېرىدۇ. يۇقىرىدىكى بەش باسقۇچ تاماملانغاندىن كېيىن، دېھقانلار ئاندىن تېرىلغۇ يەر قۇۋۋىتىنى قوغداش تولۇقلىمىسىنى ئالالايدۇ.

     8. بۇغداي سېتىۋېلىش جەريانىدا، دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتى قانداق قوغدىلىدۇ؟

     1) بۇغداي سېتىۋېلىش سۇبيېكىتلىرى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق سېتىۋېلىش سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى لازىم.

     2) كارخانىلار ئاشلىق سېتىۋالغاندا، بازاردا سېتىۋېلىشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، باھا ئۆلچىمىنى ئاشكارىلاش، سىياسەتنى ئاشكارىلاش، ئەۋرىشكىنى كۆرسىتىش، دېھقانلارنى تولۇق چۈشىنىپ سېتىپ بېرىشكە يېتەكلىشى كېرەك.

     3) سۈپەتكە قاراپ باھا بېكىتىش، ئەلالىرىغا يۇقىرى باھا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دەرىجىسى، باھاسىنى خالىغانچە تۆۋەنلىتىۋېتىپ دېھقانلارغا زىيان يەتكۈزۈشكە يول قويماسلىق كېرەك.

    4) مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ ئالدىن كېلىشىپ سېتىۋېلىش، سېتىۋېلىش تور نۇقتىلىرىنى كۆپەيتىش، ئاشلىق سېتىۋېلىش ئۈسكۈنىلىرىنى كۆپەيتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ئاشلىق سېتىۋېلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش، ئاشلىقنى شۇ كۈنى سېتىپ بولالماسلىق، ئۇزۇن ئۆچىرەت بولۇپ كېتىش ۋە سېتىپ بېرىش قىيىن بولۇش مەسىلىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

(قەشقەر ۋىلايەتلىك ئاشلىق ئىدارىسى)