باش بەت>قەشقەر

قەشقەر ۋىلايىتىدە «يازنىڭ ئۈچ ئىشى» خىزمىتى تەرتىپلىك ئىشلەنمەكتە

يوللانغان ۋاقىت:2018-06-14 14:30:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:دىلنۇر تۇرغۇن مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر


مەكىت ناھىيەسىدە «بۇغداي ئورۇش زەربىدارلار ئەترىتى» يازلىق يىغىمغا ياردەملىشىپ، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلدى

     ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز گو يىتىڭ، جاڭ يەنجۈن خەۋىرى: يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مەكىت ناھىيە قۇمقىسار يېزىسىنىڭ تۆۋەن قۇمقىسار كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنت كادىرلىرى، پارتىيە ئەزالىرى، ئىتتىپاق ئەزالىرىنى تەشكىللەپ «بۇغداي ئورۇش زەربىدارلار ئەترىتى» قۇرۇپ، نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ياشانغانلار، ئىگە-چاقىسىزلار، ئائىلىسىدە ئەمگەك كۈچى كەمچىل كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بۇغداي ئورۇشىغا ياردەملىشىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاممىنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى.

     تۆۋەن قۇمقىسار كەنتىدىكى بۇغدايلىقلاردا قىپقىزىل بايراقلار لەپىلدەپ تۇراتتى. «بۇغداي ئورۇش زەربىدارلار ئەترىتى» ئەترەت ئەزالىرىنى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈپ، بىر گۇرۇپپىدىكىلەر بۇغداي ئورۇشقا، يەنە بىر گۇرۇپپىدىكىلەر بۇغداينى توشۇشقا مەسئۇل بولدى. كۆپچىلىك بۇغداي ئورۇش جەريانىدا ھەر قايسىسى ئۆز ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ، ئۇدۇللۇق ئورۇلغان بۇغدايلارنى رەتلەپ، چالا قالغان باشاقلارنى تېرىپ، بۇغدايلارنى تولۇق يىغىۋېلىشقا كاپالەتلىك قىلدى. بۇ كەنتلىك زۆھرە ئورۇلۇپ بولۇنغان بۇغدايلىرىغا قاراپ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: بۇغدايلىرىم پىشىپ كەتكەچكە ئورۇشتىن غەم قىلىۋاتاتتىم، ھېلىمۇ ياخشى كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرى، ئىتتىپاق ئەزالىرى ۋە خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ياردەم قىلغاچقا، 12 مو يەردىكى بۇغدىيىمنى تېزلا ئورۇپ بولدۇق، ئۇلارغا كۆپ رەھمەت.

     خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ كومبايىننىڭ رېمونتىغا كاپالەتلىك قىلىش، بۇغداي ئورۇش، يەرلەرنى سۇغىرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىدى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بۇنداق قىزغىن ھالەت كەنتىمىزدە بەش كۈن داۋاملاشتى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئاپتاپتىن، ھېرىپ-چارچاشتىن قورقماي، ۋايسىماي، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىنى تولۇق نامايان قىلدۇق. بىز ئاممىنىڭ يۈكىنى ئازراق بولسىمۇ يېنىكلىتەلىگىنىمىزدىن خۇشالمىز. بۇ بىزگە نىسبەتەن ئامما بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئۆز ئارا ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، سىڭىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ياخشى پۇرسەت ھېسابلىنىدۇ.