باش بەت>قەشقەر

جۇڭگو سېركچىلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت پىدائىيلار مۇلازىمەت ئۆمىكى قەشقەردە ھال سوراش ئويۇنى قويدى

يوللانغان ۋاقىت:2018-08-29 13:39:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

مۇخبىرىمىز جۇاڭ تاۋ، پىراكتىكانت مۇخبىر خۇ تەيرۈي خەۋىرى: 8-ئاينىڭ 23-كۈنى جۇڭگو سېركچىلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت پىدائىيلار مۇلازىمەت ئۆمىكىدىكى 30 كىشى قەشقەر ۋىلايىتىگە كېلىپ «خۇشاللىقنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش» تېمىسىدىكى ھال سوراش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى جۇڭگو سېركچىلەر جەمئىيىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان، جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى سېرك سەنئىتى مەركىزى، ئاپتونوم رايونلۇق سېرك سەنئەتچىلىرى جەمئىيىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان، شىنجاڭ سېرك ئۆمىكى، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، مەكىت ناھىيەلىك «دولان» سەنئەت ئۆمىكى ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەت باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى 10-قېتىملىق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «خەلق ئارىسىغا بېرىش»، «خۇشاللىقنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش» تېمىسىدىكى ھال سوراش پائالىيىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت.

جۇڭگو سېركچىلەر جەمئىيىتى سېھرىگەرلىك سەنئىتى كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم بىزنىڭ ھال سوراش ئويۇنىنى قەشقەردە قويۇشىمىزدىكى سەۋەب شۇكى، قەشقەرنىڭ تارىخى ئۇزۇن، «يىپەك يولىدىكى نۇرلۇق مەرۋايىت» دېگەن گۈزەل نامى بار. بۇ يەرنىڭ قويۇق تارىخىي مەدەنىيىتى، جەلپكار مىللىي ئۆرپ-ئادىتى، ئۆزگىچە ئېتنوگرافىيەلىك تەبىئىي مەنزىرىسى بىلەن پۈتكۈل شىنجاڭدا ئەڭ تىپىك ۋە ۋەكىل خاراكتېرگە ئىگە.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئالتە كۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، پىدائىيلار مۇلازىمەت ئۆمىكى مەكىت، پوسكام، يەكەن، يېڭىسار ناھىيەلىرىدە ھال سوراش ئويۇنى قويىدىكەن. نومۇرلار دۆلەت ئىچى، خەلقئارادا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ساڭجۇ سېرك ئۆمىكىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى «ۋۇ كۇڭ بامبۇكى»، شىنجاڭ سېرك ئۆمىكىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى «قول ماھارىتى»، «ئارغامچا ماھارىتى» قاتارلىق 10 نومۇرنى ئاساس قىلىدىكەن.