باش بەت>قەشقەر

قەشقەر ۋىلايىتى دۆلەتنىڭ پۈتۈن رايون ساياھىتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىش سىگنالىنى ياڭراتتى

يوللانغان ۋاقىت:2018-08-30 19:09:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر


مۇخبىرىمىز پەن لىمىڭ خەۋىرى: 8-ئاينىڭ 26-كۈنى قەشقەر ۋىلايىتىدە دۆلەتنىڭ پۈتۈن رايون ساياھىتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىش تەربىيەلەش يىغىنى چاقىرىلدى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان تۆت ئۆلكە (شەھەر)نىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابلىرىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، قەشقەر شەھىرى تۆت چوڭ رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، كونىشەھەر، يېڭىشەھەر، پوسكام، مارالبېشى ناھىيەلىرى ۋە تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ساياھەتچىلىك خىزمىتىگە مەسئۇل رەھبەرلىرى ھەمدە ۋىلايەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى، ساياھەت كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بولۇپ 100دىن كۆپرەك كىشى تەربىيەلەشكە قاتناشتى. يىغىننىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ دۆلەتنىڭ پۈتۈن رايون ساياھىتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن رايون ساياھىتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ساياھەتتە كۈچلۈك رايون بەرپا قىلىش ئاساسىنى پۇختىلاشتىن ئىبارەت.

يىغىندا ماۋۇلار كۆرسىتىلدى: قەشقەرنىڭ تارىخى ئۇزۇن، ساياھەت بايلىقى مول، «قەشقەرگە كەلمىسە، شىنجاڭغا كەلگەنلىك ھېسابلانمايدۇ» دەيدىغان داڭقى بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قەشقەر ۋىلايىتى ساياھەتچىلىك تەرەققىيات سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، ساياھەتچىلىكتىكى «سەككىز نام كارتىسى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پوسكام ئالتۇن توغراق ساياھەت مەنزىرە رايونى ۋە قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىن ئىبارەت دۆلەتنىڭ AAAAA دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىنى بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. نۆۋەتتە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ساياھەت كەسپى يېڭى ئۆزگىرىشكە دۇچ كەلگەن بولۇپ، مەنزىرە نۇقتىسى ساياھىتى تەدرىجىي ھالدا پۈتۈن رايون ساياھىتىگە يۈزلىنىپ، قەشقەرنىڭ ساياھەتچىلىكى شىنجاڭدىكى يېڭى تېمىغا ئايلاندى.

دەۋر قەدىمىگە ماسلىشىش، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، يولنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دەل جايىدا كۈچ سەرپ قىلىش ئۈچۈن، قەشقەر ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسى جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مالىيە-ئىقتىساد ئورنى ساياھەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، تەتقىقاتچىسى، پىروفېسسور دەي شۆفېڭنى قەشقەر ۋىلايىتىگە كېلىپ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. دەي شۆفېڭ دۆلەتنىڭ AAAAA دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىنى باھالاش مۇتەخەسسىسى، دۆلەتنىڭ پۈتۈن رايون ساياھىتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش تەپسىلىي پىرىنسىپى لايىھەسىنى تۈزۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ، كۆپ قېتىم قەشقەرگە كېلىپ ئەمەلىي تەكشۈرۈشتە بولغان، ئۇ قەشقەر ۋىلايىتى ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنىڭ ئەھۋالىنى ئىنتايىن پىششىق بىلىدۇ.

يىغىندا پىروفېسسور دەي شۆفېڭ پۈتۈن رايون ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يۈكسەكلىكى ۋە كەسپىي نۇقتىدىن جانلىق دەرس ئۆتۈپ، يىغىن قاتناشچىلىرىدا پۈتۈن رايون ساياھىتى ئىدىيەسى توغرىسىدا يېڭى تونۇش ھاسىل قىلىپ، پۈتۈن رايون ساياھىتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىگە قارىتا يېتەكچى خاراكتېرلىك تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشكە بولغان ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى كۈچەيتتى.