باش بەت>قەشقەر

شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى قەشقەرگە يىتىپ كەلدى

يوللانغان ۋاقىت:2018-09-06 17:38:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:دىلنۇر تۇرغۇن مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر


سۈرەتتە: شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن كەلگەن كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى قەشقەر ئايرودۇرۇمىدىن چىقماقتا.

مۇخبىرىمىز ليۇ مېڭشىن، پىراكتىكانت مۇخبىر مىرزائەخمەت ئابلىكىم خەۋىرى، فوتوسى: 8-ئاينىڭ 30-كۈنى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ 9-تۈركۈمدىكى ئوتتۇرا مەزگىلدە ئالمىشىپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان 96 نەپەر كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقى قەشقەرگە يىتىپ كەلدى. ئۇلار قەشقەردە بىر يېرىم يىللىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدىغان بولۇپ، قەشقەرنىڭ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلىشىگە ياردەم بېرىپ، قەشقەر بىلەن شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ مائارىپ، داۋالاش، سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقە، ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەۋزەللىكلەردە ئۆز ئارا تولۇقلاش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

قەشقەر ئۆپكە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن لى گۈەنجېن مۇنداق دېدى: شەندۇڭ ئۆلكىسى ۋە قەشقەر خەلقىنىڭ بىزگە ئىشەنگەنلىكىگە رەھمەت، بىز ئىشەنچنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، تېزدىن مۇھىتقا ماسلىشىپ، قەشقەر خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى ئىگىلەپ، ئىلغار باشقۇرۇش تەجرىبىسى ۋە داۋالاش تېخنىكىسىنى قەشقەرگە يەتكۈزۈپ، ياخشى ئىپادىمىز ۋە ئەلا نەتىجىمىز ئارقىلىق پارتىيەگە، قەشقەر ۋە گۇاڭدۇڭ خەلقىگە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب قايتۇرىمىز.