باش بەت>قەشقەر

8-قارارلىق شاڭخەي-قەشقەر «ياشانغانلار ھەرىكىتى» پىدائىيلىرىنىڭ قەشقەردىكى پائالىيىتى ئاخىرلاشتى

يوللانغان ۋاقىت:2018-09-09 13:57:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:دىلنۇر تۇرغۇن مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر


سۈرەتتە: 8-ئاينىڭ 27-كۈنى ياشانغان پىدائىيلارنىڭ دوكلات ئويۇنىدا ياشانغان پىدائىيلار نەق مەيداندا «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش رىشتى» دېگەن ھۆسنخەتنى يېزىپ، تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋۇ مىڭ خەۋىرى، فوتوسى: شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى رەھبەرلىرىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ۋە شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ زور كۈچ بىلەن مەدەت بېرىشى، شاڭخەي شەھەرلىك ياشانغانلار خىزمىتى ئىشخانىسى ۋە ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن 8-قارارلىق شاڭخەي-قەشقەر «ياشانغانلار ھەرىكىتى» پائالىيىتى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى غەلىبىلىك ئاياغلىشىپ، ياشانغان پىدائىيلار ئايروپىلان بىلەن شاڭخەيگە قايتتى.

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ئارقىسىدا «ياشانغانلار ھەرىكىتى» خىزمىتى نۇقتىلىق ھالدا قەشقەر ۋىلايىتىگە مايىللاشتۇرۇلدى. 2011-يىلىدىن بۇيان، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 84 نەپەر شاڭخەيلىك ياشانغان پىدائىي پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، قەشقەرگە كېلىپ داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش، كەسپىي مائارىپ، شەھەر پىلانلاش، چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق قاتارلىق ساھەلەردە ئۆگىتىش، تەربىيەلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قەشقەر ۋىلايىتى ئۈچۈن زور بىر تۈركۈم كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى يېتىشتۈرۈپ بەردى. بۇ يىل شاڭخەي شەھىرى يەنە 16 نەپەر پېشقەدەم مۇتەخەسسىسنى تاللاپ ئەۋەتكەن بولۇپ، ئۇلار يەكەن، قاغىلىق، مارالبېشى ناھىيەلىرى ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق 2-دوختۇرخانىسى، ۋىلايەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش مەركىزى، ۋىلايەتلىك ياشانغانلار داشۆسىدە ئىككى يېرىم ئاي ئەتراپىدا ياردەمدە بولدى. قەشقەردىكى مەزگىلدە، ياشانغان پىدائىيلار لېكسىيە سۆزلەش، ياردەمچىلەرنى يېتەكلەش، دەرسلىك قۇرۇلۇشى، خالىس كېسەل كۆرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.