باش بەت>قەشقەر

شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن 200 نەچچە نەپەر ئوقۇتقۇچى–ئوقۇغۇچى قەشقەرنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلدى

يوللانغان ۋاقىت:2018-09-17 21:56:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:دىلنۇر تۇرغۇن مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

مۇخبىرىمىز ليۇ مېڭىشن، پىراكتىكانت مۇخبىر ۋاڭ كېكې خەۋىرى: 9-ئاينىڭ 3-كۈنى يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ زاۋجۇاڭ شۆيۈەنىدىن كەلگەن مائارىپقا ياردەم بېرىدىغان 45 نەپەر پىراكتىكانت (ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى)نى قىزغىن كۈتۈۋالدى، يېزا كادىرلىرى ئۇلارنى باشلاپ يېزىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇردى ھەمدە مەكتەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللىرىنى تونۇشتۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ مۇھىتقا تېزراق ماسلىشىپ، ئوقۇتۇش خىزمىتىگە سىڭىشىشىنى ئۈمىد قىلدى.

شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ زاۋجۇاڭ شۆيۈەنى ئەۋەتكەن 202 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ۋە تۆت نەپەر ئوقۇتقۇچى يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى ھەر قايسى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە بېرىپ، بىر مەۋسۇملۇق پىراكتىكا قىلىپ مائارىپقا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدىكەن.

قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل مائارىپى خىزمىتىنى قوللاش ئۈچۈن، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى سىفەن تۈرىدىكى ئالىي مەكتەپلەر بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزۈش پىراكتىكىسىنى قەشقەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل مائارىپى ئوقۇتۇشىدا ئوقۇتقۇچى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى كۆرۈنەرلىك ھەل قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىلدىن باشلاپ قەشقەر ۋىلايىتى مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش شەكىلدە شەندۇڭ ئۆلكىسى ياردەم بېرىۋاتقان يېڭىشەھەر، يېڭىسار، يوپۇرغا، مەكىت ناھىيەلىرىدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پىراكتىكا قىلىپ دۆلەت ئورتاق تىل ئوقۇتۇشىغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۈچ يىل ئىچىدە شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى سىفەن تۈرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ 3000 نەپەر ئوقۇغۇچىسىنى بۇ ناھىيەلەرگە بېرىپ ياردەم بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرىدىكەن.