باش بەت>قەشقەر

بالىلار نەزەرىدىكى ئالاھىدە «شاڭخەي ئامىللىرى»

يوللانغان ۋاقىت:2018-10-14 18:51:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

 ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جېڭ فېڭ خەۋىرى، فوتوسى 

سۈرەتتە: ئىشقۇل يېزىسىنىڭ 16-كەنتىدىكى بالىلار پۇدۇڭ تەرەققىيات رايونى ياردەم بېرىپ قۇرغان كۇتۇپخانىدا.

«مېنىڭ يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى ئارزۇيۇم  ئۆگەنگەن كومپيۇتېر بىلىملىرى ئارقىلىق دادامغا خەت يېزىش...» رايىلەم تۇرسۇننىياز يەكەن ناھىيەلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇقسىز 2-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى 1-سائەتلىك كومپيۇتېر دەرسى باشلىنىشتىن ئىلگىرى، ئۇ تارتىنغان ھالدا مۇخبىرغا دادىسىنىڭ ئۇنىڭغا كومپيۇتېر ئېلىپ بەرگەنلىكى، لېكىن ئۆزىنىڭ تېخى ئىشلىتەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەكتەپكە كەلگەن تۇنجى كۈنى شاڭخەيدىن شىنجاڭغا مائارىپقا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچىنىڭ كومپيۇتېر دەرسى ئۆتىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، رايىلەم ۋە ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ ئوقۇتقۇچىنى كۆرۈشكە ئىنتىزار بولدى. يەكەن ناھىيەلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە رايىلەمگە ئوخشاش يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا شاڭخەيدىن كەلگەن مۇئەللىملەرنىڭ ئۆزلىرىگە دەرس ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغان ساۋاقداشلار ئىنتايىن كۆپ. 

سۈرەتتە: شاڭخەي شەھىرىدىن مائارىپقا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچى خۇاڭ شۆفېڭ يەكەن ناھىيەلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ كومپيۇتېر دەرسخانىسىدا ئوقۇغۇچىلار بىلەن كومپيۇتېر بىلىملىرى توغرىسىدا پاراڭلاشماقتا.

شاڭخەي 6-سىفەن قارىمىقىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى تۇڭ شۆجۈننىڭ تۆۋەندىكى ئىشلار ھېلىمۇ ئېسىدە: تۇنجى كۈنى دەرس ئۆتكەندە سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار مۇئەللىمنىڭ دوسكىغا قول سائىتى سىزىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغانىدى، ئۇ بىر مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىتتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ تەلىپىنى قاندۇرغانىدى، ئوقۇغۇچىلار بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال بولۇپ، چاۋاك چېلىشىپ كەتكەنىدى. تۇڭ شۆجۈن مۇنداق دېدى: بالىلار بىزنىڭ يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا ئۇلارغا يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىتىشىمىزگە تەقەززا. بالىلارنىڭ بىلىم ئېلىشقا بولغان تەشنالىقىنى قاندۇرۇش، مەكتەپنىڭ كۆپ خىللاشقان ئوقۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، يەكەن ناھىيەلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ ئەسلىدىكى سىنىپلار ئاساسىدا يەنە تولۇقسىز 2-يىللىق، تولۇقسىز 3-يىللىق سىنىپتىن بىردىن قۇرۇپ، شاڭخەي شەھىرىدىن مائارىپقا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، سىنىپنى ھۆددىگە بېرىش شەكلى ئارقىلىق تەجرىبە مائارىپىنى قانات يايدۇرۇپ، شاڭخەينىڭ ئوقۇتۇش تەجرىبىسى بىلەن يەرلىكنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنى ئۆز ئارا بىرىكتۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا يېڭىچە ئوقۇش تەسىراتىغا ئىگە بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

سۈرەتتە: شاڭخەي 6-سىفەن قارىمىقىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى تۇڭ شۆجۈن بالىلارغا رەسىم سىزىش ماھارىتىنى چۈشەندۈرمەكتە.

يەكەن ناھىيەلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئۈچ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يەكەن ناھىيەلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپتە بىر مەيدان تەنتەنىلىك دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى. رەتلىك تىزىلغان قاتاردىكى ئەكبەر پۈتۈن دىققىتى بىلەن دۆلەت بايرىقىغا ھۆرمەت بىلەن قاراپ تۇراتتى، شاڭخەي شەھىرىدىن مائارىپقا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچى شېن فېي ئۇنىڭغا پات-پات قاراپ قوياتتى. ئىلگىرى ئەكبەر سىنىپتىكى ئىنتايىن كەپسىز ئوقۇغۇچى بولۇپ، دائىم شوخلۇق قىلاتتى، شېن فېي ئۇنى كۆپچىلىك ئالدىدا تەنقىد قىلماي، دەرستىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن يالغۇز سىردىشىپ، مۇڭداشتى، بۇ ئۇسۇلنىڭ ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، ئەكبەردە زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. شېن فېي مۇنداق دېدى: بالىلار يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدە، شاڭخەيدىن كەلگەن مۇئەللىملەرنى ئوقۇتۇش ئۇسۇلى جەھەتتە ئۆزلىرىگە يېڭىلىق تۇيغۇسى بېرىپلا قالماستىن يەنە، ئۆزلىرىگە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدەك يېقىنلىق تۇيغۇسى بېرىدۇ، دەپ قارىشىدۇ. يېقىندا، شېن فېي مۇئەللىم ئەكبەرگە يېڭى بىر تۈرلۈك ۋەزىپە تاپشۇردى، بۇ ۋەزىپە سىنىپتىكى كەپسىز ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇش ئىدى. يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىغا قارىتا بۇ بالىلارمۇ شاڭخەيلىك ئوقۇتقۇچىلارغا ئوخشاش ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسىدا بولدى.

سۈرەتتە: يەكەن ناھىيەسىنىڭ «شياڭياڭ» بالىلار باغچىسىدىكى بالىلار شاڭخەي شەھىرىنىڭ ياردىمىدە قۇرۇلغان يېڭى باغچىدا كۆڭۈللۈك ئوينىماقتا.

يەكەن ناھىيەسىنىڭ «شياڭياڭ» بالىلار باغچىسى ئوقۇش باشلىنىشى بىلەن قىزىپ كەتتى، باغچىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى بالىلار ئىستراھەت باغچىسى بالىلارنىڭ يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى كۆڭۈلدىكىدەك ئىستراھەت ئورنىغا ئايلاندى. بۇ بالىلار باغچىسىنىڭ باشلىقى ئوسمان مۇنداق دېدى: بۇ كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىن قۇراشتۇرۇلغان بولۇپ، بالىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. ئوسمان تىلغا ئالغان بۇ كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى بۇلتۇر شاڭخەي شەھىرى 3 مىليون 500 مىڭ يۈەن ياردەم بېرىش مەبلىغى ئاجرىتىپ، بۇ رايوندا يولغا قويغان يانداش قۇرۇلۇشنىڭ بىر قىسمى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە يېڭى بىر ئۆزگىرىش  بۇ يىل 3-ئايدا ئىشلىتىلىشكە كىرىشتۈرۈلگەن يېڭى ياتاق بىناسى بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە شاڭخەي شەھىرىدىكى كۆپلىگەن مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش كارخانىلىرى ئىئانە قىلغان 30 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ئۆگىنىش بۇيۇملىرى ۋە كىتابلارمۇ بار.

يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلاندى، يەكەندىكى بالىلار ئۈمىد قىلغان «شاڭخەي ئامىللىرى» ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا بىر-بىرلەپ نامايان بولماقتا.