باش بەت>قەشقەر

«شەندۇڭ-شىنجاڭ» ناملىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ساياھەت مەخسۇس پويىزى قەشقەرگە يىتىپ كەلدى

يوللانغان ۋاقىت:2018-10-17 12:38:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر


مۇخبىرىمىز خۇ تەيرۈي، پىراكتىكانت مۇخبىر مىرزائەخمەت ئابلىكىم خەۋىرى: 10-ئاينىڭ 11-كۈنى 2018-يىللىق «شەندۇڭ-شىنجاڭ» ناملىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ساياھەت مەخسۇس پويىزىنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى قەشقەر ۋوگزالىدا ئۆتكۈزۈلدى. شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى قارشى ئېلىش مۇراسىمغا قاتناشتى.

ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاپتونوم رايوننىڭ «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش+3+3+1» ئىستراتېگىيەسىدىكى يېتەكچى كەسىپ. 2017-يىلىدىن بۇيان، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا  نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى مەركەز ۋە شەندۇڭ ئۆلكىلىك، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت، ساياھەتچىلىك جەھەتتە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ساياھەتچىلىك جەھەتتە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سېلىنمىسىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، مەدەنىيەت، ساياھەتچىلىك جەھەتتە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە سەككىز چوڭ قۇرۇلۇشنى يولغا قويدى.

شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا  نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ چىڭيۇڭ ماۋۇلارنى بىلدۈردى: 2017-يىلىدىن بۇيان، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا  نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى مەدەنىيەت، ساياھەتچىلىك جەھەتتە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، سېلىنما ۋە خىزمەت سالمىقىنى زورايتتى، بۇ يىل «قەشقەرگە ساياھەتچى ئەۋەتىش»نى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، جەمئىي 10 شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ساياھەت كۆتۈرە ئايروپىلانى، ئالتە ساياھەت مەخسۇس پويىزى ئارقىلىق قەشقەرگە 10 مىڭ ئادەم (قېتىم)دىن كۆپرەك ساياھەتچى ئەۋەتتى. مەن شەندۇڭدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ شىنجاڭ ۋە قەشقەرنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ تەشۋىقاتچىسى، شەندۇڭ-شىنجاڭ ئالماشتۇرۇشىنىڭ ئەلچىسى بولۇپ، ھەر مىللەت خەلق بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، دوست بولۇپ، شەندۇڭ ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە يەتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ساياھەتچىلەر ۋەكىلى خوۋ لۇ مۇنداق دېدى: قەشقەرگە كېلىپ قەشقەر خەلقىنىڭ قىزغىن، مېھماندوست ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. كېيىنكى ساياھەتلىرىمنىڭ تېخىمۇ كۆڭۈللۈك بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مەن شەندۇڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، سىڭىشىشىدىكى دوستلۇق ئەلچىسى بولۇپ، شەندۇڭ خەلقىنىڭ قىزغىن، مېھماندوستلۇقىنى قەشقەر خەلقىگە، قەشقەر خەلقىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىنى شەندۇڭ خەلقىگە يەتكۈزىمەن.