باش بەت>قەشقەر

گۇاڭجوۋ شەھىرىدە تۇنجى شىنجاڭ قەشقەر ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش مەركىزى قۇرۇلدى

يوللانغان ۋاقىت:2018-11-13 11:08:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:ئاماننىسا ياسىن مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر


ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز چېن يوۋلياڭ، لياڭ شېڭ خەۋىرى: 11-ئاينىڭ 9-كۈنى گۇاڭجوۋ شەھىرىدە تۇنجى شىنجاڭ قەشقەر ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش مەركىزىگە ۋىۋىسكا ئېسىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاقچىلىق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ليۇ دۇڭشېڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ گۇاڭجوۋدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى خې جيەنجۈن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى خې يۈ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك تەبىئىي بايلىق نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى چېن جۈنگۇاڭ، ئاپتونوم رايونلۇق تەمىنات-سودا كوپىراتىپى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، كېڭەش مۇدىرى ليۇ چۈەنشىن، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىرى لى گېڭشېڭ، قەشقەر مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى جاڭ شو، گۇاڭدۇڭ-شىنجاڭ ئىككى جاينىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە «جۇڭجوۋ» دېھقانلار جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرى، كارخانا ۋەكىللىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ 90 نەچچە كىشى ۋىۋىسكا ئېسش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش مەركىزىنىڭ كۆلىمى 3000 كىۋادرات مېتىر، جۇغراپىيەلىك ئورنى ئەۋزەل بولۇپ، نۆۋەتتە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى ئەڭ چوڭ بولغان قەشقەر ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ دائىملىق كۆرگەزمە زالى ھېسابلىنىدىكەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىگە تاپشۇرغان مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىنى قەتئىي ياخشى ئورۇندىدى.

شىنجاڭ قەشقەر ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش مەركىزى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆپ مىقداردا سېتىش-سېتىۋېلىش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدا داڭلىق ماركا يارىتىش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېز سېتىش ئەندىزىسىنى يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىپ، «ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى + مەدەنىيەت + داڭلىق ماركا + ئالاقە تورى» ئىدىيەسى بويىچە، توردا ۋە تور سىرتىدا ماس قەدەمدە يۈرۈشتۈرۈپ، قەشقەر ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى خەلقئارا كۆرگەزمە، سودا كۆزنىكى ۋە ھېس قىلىش مەركىزىنى بەرپا قىلىدۇ.

جاڭ شو تەبرىك سۆزى قىلىپ ماۋۇلارنى كۆرسەتتى: قەشقەرنىڭ تۈرلۈك مېۋە-چىۋە مەھسۇلاتلىرى يېشىل، زىيانسىز، سۈپىتى ئەلا، تەملىك بولۇپ، ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 2 مىليون توننىغا يېتىدۇ. ئەمما، سېتىۋېلىش قىيىن بولۇش، توشۇش قىيىن بولۇش، ئامباردا ساقلاش قىيىن بولۇش، سېتىپ چىقىرىش قىيىن بولۇش مەسىلىسى باشتىن-ئاخىر ياخشى ھەل قىلىنماي كەلگەنىدى. گۇاڭجوۋ شەھىرىدە قەشقەر ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشى ھۆكۈمەت سەھنە ھازىرلاش، كارخانىلار بىلەن كارخانىلار جىپسىلىشىش، كۈچلۈكلەر قول تۇتۇشۇش، بازارنى ئورتاق ئېچىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مېۋىلىرىنى شەرققە يەتكۈزۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى يول ئېچىپ بەردى.