باش بەت>قەشقەر

بىر كىيىم-كېچەك كارخانىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يولى

يوللانغان ۋاقىت:2018-12-14 11:08:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:تۇمارىس يالقۇن مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

«شېنجېنچە سۈرئەت» قەشقەردە

بىر كىيىم-كېچەك كارخانىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يولى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى: لى جىخاۋ

ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرى بىلەن خوشلىشىپ، زامانىۋى كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كىرگەن ئائىلە ئايالى تۇقىز راخمان 31 يېشىدا ھاياتىدا تۇنجى قېتىم كارخانىدا ئىشلەش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولۇپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشقىنىغا ئىككى يىلدىن ئاشقانىدى. نامرات ئاھالىدىن كەسىپ ئىشچىسىغا ئايلانغان تۇقىز ئۈچ بالىسى ۋە ئېرىگە بىر شىنجاڭلىق ئايالنىڭ يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلدى.

تۇقىزغا ئوخشاش قىياپىتىنى ئۆزگەرتكەن ئايالدىن ئۇ ئىشلەۋاتقان كارخانىدا يەنە 2000دىن كۆپرەكى بار. بۇ، شېنجېن كارخانىسىنىڭ شىنجاڭغا كەسىپ جەھەتتە ياردەم بېرىشتىكى مول نەتىجىلىرىدىن كەلگەن.

-2015يىلى 12-ئايدا، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم ۋە شېنجېن شەھىرى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، شېنجېن، شياڭگاڭدا ئىگىلىك باشقۇرۇۋاتقىنىغا 20 نەچچە يىل بولغان چوڭ تىپتىكى كىيىم-كېچەك كارخانىسى __ شياڭگاڭ «مېيلىئوۋ» خەلقئارا گۇرۇھى قەشقەردە مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇرۇشنى قارار قىلدى.

شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنىگىچە، شىنجاڭ «مېيلىئوۋ» كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتى رويخەتكە ئېلىنىپ، 2-ئاينىڭ ئاخىرىدا سېتىۋېلىش سودىگەرلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن ئۆتتى. «مېيلىئوۋ» شىركىتى قىسقىغىنە ئىككى ئاي ۋاقىتتا ئۈچ سېخنى بېزەش، 1760 يۈرۈش دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ ئىلغار كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىسىنى قۇراشتۇرۇش، يەرلىكتىن 600دىن كۆپرەك ئىشچىنى قوبۇل قىلىش ... نى تاماملىشى قەشقەردە كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك «شېنجېنچە سۈرئەت»نى نامايان قىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز گەۋدىلىنىشى، مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى نەچچە يۈزلىگەن نوپۇزلۇق توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كارخانىلىرى كەينى-كەينىدىن شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇردى، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسىپى شىنجاڭ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاساسلىق يولغا ئايلاندى.

مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، «مېيلىئوۋ» تۇنجى بولۇپ قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى شېنجېن كەسىپ رايونىغا ماكانلاشقان شېنجېننىڭ كىيىم-كېچەك كەسپى بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كارخانىسى بولۇپ قالدى. دۇڭشىجاڭ لى خۈيجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىز شېنجېننىڭ ئۆلچىمىدە ئىشلەيدىغان بولغاچقا، ھەم سۈرئەتكە ھەم سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. شىنجاڭ «مېيلىئوۋ» يەرلىكتىكى 3000 كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، بۇ يىل 2 مىليون قۇر مەكتەپ فورمىسى، 1 مىليون قۇر باشقا فورما ۋە 1 مىليون 500 مىڭ قۇر تاشقى سودا كىيىم-كېچىكىنى ئىشلەپچىقىرىشنى تاماملايمىز.

زاۋۇت ئىمارىتىنى ئۈچ يىل ھەقسىز ئىشلىتىش، سۇ، توك تولۇقلىمىسى، مەھسۇلات توشۇش راسخوتى تولۇقلىمىسى، خادىملارنى تەربىيەلەش تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولۇش... يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش جەھەتتىكى يۈرۈشلۈك ئېتىبار سىياسەتلىرى «مېيلىئوۋ»نىڭ «شېنجېنچە ئۆلچەم»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

يەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن شېنجېن شەھىرى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى يۈرۈشلۈك تەدبىرلىرى لى خۈيجۈندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى؛ يېزا (بازار) كادىرلىرى كارخانىلارغا خالىس ياردەم بېرىپ، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئىشچىلارنى سالاھىيىتىنى ئۆزگەرتىشكە يېتەكلىدى؛ شېنجېن شەھىرىنىڭ شىنجاڭ (قەشقەر)غا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئىجتىمائىي خىزمەت پونكىتى 2017-يىلى «قەشقەر شېنجېن كەسىپ رايونى كارخانا ئىجتىمائىي خىزمەت مۇلازىمىتى تۈرى»نى يولغا قويۇپ، قوش تىلنى پىششىق بىلىدىغان ئىجتىمائىي خىزمەتچىلەر كارخانىلارنىڭ ئىشچىلارنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلىرىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەملەشتى...

كەسىپ رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە مۇلازىمەت ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تولۇقلىنىشىغا ئەگىشىپ، لى خۈيجۈننىڭ كۆڭلى تىندى. 2017-يىلىدىن باشلاپ، ئۇ شېنجېندىكى باش ئىشتابنىڭ ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن قەشقەرگە يۆتكىدى. ئىككى يىلدىن بۇيان، كارخانا جەمئىي 93 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، بەش زامانىۋى سېخ، 10 كەسپىي بۆلۈم تەسىس قىلىپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ بىر قانچە ناھىيە (شەھەر)لىرىدە تۆت شۆبە زاۋۇت قۇرۇپ، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي سوممىسىنى 100 مىليون يۈەندىن ئاشۇردى.

كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنىڭ «چوڭ يۆتكىلىش»ى ئۈستىدە توختالغاندا، جۇجياڭ دېلتىسىدە ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلغان لى خۈيجۈن سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: ئارىلىق ۋە تەننەرخنى ئويلاشقاندا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇرۇشنىمۇ ئويلاشقانىدىم، لېكىن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە ئېتىبار سىياسەتلەرنىڭ تۈرتكىسىدە، جەنۇبىي شىنجاڭغا كېلىپ تەرەققىي قىلىشنى قارار قىلدىم.

لى خۈيجۈن مۇنداق دېدى: مەن جەنۇبىي شىنجاڭغا پەقەت ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى كۆزلەپلا كەلگەن ئەمەس، يەنە بەلگىلىك ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنىمۇ زىممەمگە ئېلىشىم كېرەك، بۇ، بىز كارخانىچىلارنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى. زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئايال، يەنە كېلىپ مۇتلەق كۆپ قىسمى تۇقىزغا ئوخشاش ئېتىز بېشىدىن كەلگەن يېزا ئاياللىرى، ئائىلە ئاياللىرى، يېرىمىدىن كۆپرەكى نامرات ئاھالە.

ئاياللاردا تېخنىكا-ماھارەت كەمچىل بولغاچقا، كارخانا باش ئىشتابتىن 60 نەچچە نەپەر باشقۇرغۇچى ۋە تېخنىك يۆتكەپ كېلىپ، ئۇلارنى ئەستايىدىل تەربىيەلىدى. 3-سېخنىڭ مۇدىرى جوۋ جېڭمىڭ زاۋۇت قۇرۇلغاندىلا شېنجېندىن قەشقەرگە كەلگەن. ئىككى يىلدىن بۇيان، ئۇ تىكىشتىن سىرىتما بېكىتىش، ياقا تىكىش، يانچۇق ئېچىش قاتارلىق ئىنچىكە خىزمەت ھالقىلىرىغىچە ھەر بىر ئىشچىغا ئەستايىدىل ئۆگەتتى.

جوۋ جېڭمىڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئىشچىلارنىڭ روھىي قىياپىتى ۋە ئىدىيەۋى قارىشىدا زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. خىزمەت ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپلا قالماي، ئەڭ مۇھىمى ئاياللار ئۆزىنىڭ قىممىتىنى نامايان قىلىدىغان خىزمەتكە ئىگە بولغاچقا، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى تېخىمۇ ئاشتى.

لى خۈيجۈن مۇنداق دېدى: بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئىلگىرى شېنجېندا كۆرۈلگەن. دېھقاندىن كەسىپ ئىشچىسىغا ئايلىنىش ھەر بىر ئادەمدە ئومۇميۈزلۈك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىدۇ.

ئىككى يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ «مېيلىئوۋ» شىركىتى 10 مىڭ ئادەم (قېتىم) ئىشچىنى تەربىيەلەپ، 1500 نامرات ئاھالىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ئەڭ كۆپ، كارخانا كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى ئەڭ يېڭى، مەھسۇلاتلىرىنىڭ لاياقەتلىك نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى... «مېيلىئوۋ» جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى كەسىپ جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى ئەڭ يارقىن «نام كارتىسى»غا ئايلاندى.