باش بەت>قەشقەر

«گومېي» ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى شىركىتى قەشقەر ۋىلايىتىگە 10 مىليون يۈەنلىك نامراتلارنى يۆلەش ماددىي ئەشياسى ئىئانە قىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2018-12-21 12:10:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:دىلنۇر تۇرغۇن مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر


مۇخبىرلىرىمىز سۇسەن، ئابدۇقادىر ئابباس خەۋىرى: 12-ئاينىڭ 17-كۈنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جۇڭشەن شەھىرىدىكى «گومېي» ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ياساش چەكلىك شىركىتى قەشقەر ۋىلايىتىگە 10 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى 3000 دانە قۇياش ئېنېرگىيەلىك چىراغ، 2000 يۈرۈش سۇ تازىلاش ئۈسكۈنىسى ئىئانە قىلدى، بۇ ئۈسكۈنىلەر قەشقەر ۋىلايىتىدىكى نامرات يېزا-كەنتلەرنىڭ يورۇتۇش شارائىتى ۋە ئىچىدىغان سۇ شارائىتىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش-ئېچىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ كۆزەتكۈچىسى، ئاپتونوم رايونلۇق جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى ئىشخانىسى نامراتلارنى يۆلەش ۋە خەلق تۇرمۇشى گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى باۋ گۇاڭتۇ، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چېن جىجياڭ، «گومېي» ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ياساش چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش جىڭلىسى ۋاڭ فېنگاڭ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، قەشقەر ۋىلايەتلىك يۆلەش-ئېچىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ۋە ھەر قايسى ناھىيە (شەھەر)لىك يۆلەش-ئېچىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئىئانە قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

ئىئانە قىلىش مۇراسىمىدا چېن جىجياڭ بىلەن «گومېي» ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ياساش چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش جىڭلىسى ۋاڭ فېنگاڭ ئىككى تەرەپكە ۋاكالىتەن ئىئانە قىلىنغان ماددىي ئەشيالارنى ئۆتكۈزۈپ بەردى ۋە ئۆتكۈزۈۋالدى. چېن جىجياڭ ماۋۇلارنى بىلدۈردى: «گومېي» ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ياساش چەكلىك شىركىتى ۋىلايىتىمىزگە ئىئانە قىلغان بۇ بىر تۈركۈم نامراتلارنى يۆلەش ماددىي ئەشياسى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى، نامرات يېزا-كەنتلەرنىڭ قىياپىتىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلاپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىدۇ. ھەر قايسى ناھىيە (شەھەر)لەر «گومېي» ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ياساش چەكلىك شىركىتى ئىئانە قىلغان قۇياش ئېنېرگىيەلىك يول چىرىغى، سۇ تازىلاش ئۈسكۈنىسىنى ئەڭ ئېھتىياجلىق نامرات كەنتلەرگە تەقسىملەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە (شەھەر)لەرنىڭ چوڭقۇر دوستلۇق مېھرىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈشى كېرەك.

ئىگىلىنىشىچە، «گومېي» ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ياساش چەكلىك شىركىتى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكىسى، ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ياساش كارخانىسى بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ كارخانا ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئادا قىلىپ، غەربىي قىسىمدىكى نامرات رايونلارغا كۆپ قېتىم نامراتلارنى يۆلەش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىئانە قىلىپ، نامرات رايونلاردىكى ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش قەدىمىنى تېزلىتىشىگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرگەن.