باش بەت>قەشقەر

شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» چاغانلىق بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

يوللانغان ۋاقىت:2019-01-17 13:51:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:دىلنۇر تۇرغۇن مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

 سۈرەتتە: «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» بىرلەشمە دوستلۇق  پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە.

مۇخبىرلىرىمىز مىرزائەخمەت ئابلىكىم، ۋۇ جېڭشۈەي خەۋىرى، فوتوسى: 1-ئاينىڭ 13-كۈنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى لابا بايرىمى، شۇ كۈنى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى 9-تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىر ئىختىساسلىقلارنى يېڭىشەھەر ناھىيە بارىن يېزىسىنىڭ يېڭىئېرىق كەنتىگە بېرىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، لابا بايرىمىنى ئامما بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈپ، چاغاننى بىللە كۈتۈۋالدى.

شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىرلار يېڭىئېرىق كەنتىگە كەلگەندە، تۇغقانلىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. كۆپچىلىك چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، ئۆزئارا بايراملىرىنى تەبرىكلىشىپ، ئۆزئارا سىردىشىپ، ئىتتىپاقلىق توغرىسىدا سۆزلەشتى. شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىرلار تۇغقانلىرىغا گۈرۈچ، ئۇن، ياغ قاتارلىق بايراملىق ھال سوراش بۇيۇملىرى ۋە ھال سوراش پۇلى بەردى. كەنت ئاھالىلىرىمۇ شەندۇڭلۇق تۇغقانلىرىغا مىللىيچە ئۇسسۇل، زامانىۋى ئۇسسۇل قاتارلىق نادىر سەنئەت نومۇرلىرىنى تەييارلىغان بولۇپ، كەيپىيات ئىناق ۋە قىزغىن بولدى.

 كەنت ئاھالىسى تۇرسۇنئاي ئابلىمىت مۇنداق دېدى: بۈگۈن بىز شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىرلار بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى لابا بايرىمىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدۇق، ئۇلار يەنە بىزگە بايراملىق ھال سوراش بۇيۇملىرى ئېلىپ كېلىپ، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى.

 شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىر شۈ يىڭدې مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى پائالىيەت شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىرلار بىلەن قوشماقلاشقان تۇغقانلارنىڭ ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»نىڭ ياخشى كەيپىياتىنى ياراتتى. بىز شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىرلار ھەممە بايرامنى قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىمىز بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈپ، تۇغقانلىرىمىزنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆرۈپ، قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىمىز.

قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى ياڭ گوچياڭ، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى ئەن ۋېنجيەن، يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىرلار، قەشقەر 2-ئوتتۇرا مەكتىپى، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئۆپكە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى ۋە قەشقەر داشۆسى باشقۇرۇش گۇرۇپپىسىدىكى شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىرلار، شۇنداقلا يېڭىشەھەر ناھىيە بارىن يېزىسىنىڭ يېڭىئېرىق كەنتىدىكى ئاھالىلەر پائالىيەتكە قاتناشتى.